دۇنيادىكى پۇقرالىرى ئەڭ خۇشال ئون پاراۋان دۆلەت
ئوخشاش بولمىغان تەبىئىي شارائىت، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان دۇنيا قاراش، يەنە ئوخشاش بولمىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر نۇرغۇن پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دۇنيادىكى مۇناسىۋەتلىك نوپۇزلۇق ئورگانلار ھەريىلى ئوخشاش بولمىغان تۈرلەر بويىچە دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى باھالاپ چىقىدۇ، تۆۋەندىكىسى دۇنيادىكى پۇقرالىرى ئەڭ خۇشال ئون پاراۋان دۆلەتنىڭ ئەڭ يېڭى تەرتىپى.
1. نورۋېگىيە(Norway)
كىشى بىشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. %94نورۋېگىيەلىك ئۆزىنىڭ خۇشال-خۇرام تۇرمۇشىنى دۆلىتىنىڭ گۈزەل-ساپ مۇھىتى بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قاراش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ تېرىشچانلىقىغا ئىشىنىدۇ. نورۋېگىيە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە نېفىت ۋە تەبىئىي گازبايلىقى مول دۆلەت.
نورۋېگىيەلىكلەرنىڭ كىشى بىشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 53000يۈەن\يىل.
2.دانىيە(Denmark)
دۇنيا بويىچە، ئىگىلىك تىكلەش تەننەرخى ئەڭ ئەرزان، مائارىپ سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۆزھۆكىمىتىگە بولغان ئىشەنچىسى ئىنتايىن يۇقىرى، تۇرمۇش سۈپىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا.
3.فىنلاندىيە(Finland)
مائارىپ سۈپىتى يۇقىرى، داۋالىنىش - سۇغۇرتا ئىشلىرى كەڭ ئومۇملاشقان، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى يۇقىرى، جەمئىيەت ئىناقلىقى يۇقىرى. %75 فىنلاندىيەلىك ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بەختىيار تۇرمۇشقا ئىرىشكەنلكىگە ئىشىنىدۇ.
4.ئاۋسترالىيە(Australia)
يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ، كۈچلۈك شەخسىي ئەركىنلىك مانا بۇ ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ پەخىرى. ئاۋسترالىيەنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي كۈچى ئېكسپورتتىن كېلىدۇ. ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچى ئىنتايىن يۇقىرى.
5.يېڭى زېلاندىيە(New Zealand)
يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مائارىپ شارائىتى يېڭى زېلاندىيەلىكلەرنىڭ خۇشاللىق مەنبەسى. يېڭى زېلاندىيەلىكلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئىشىنىش ۋە ياردەم قىلىش ئەھۋالى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. %94 يېڭى زېلاندىيەلىكلەر تۇرمۇشقا تولۇپ تاشقان پوزىتسىيە بىلەن قارايدۇ.
6.شىۋېتسىيە(Sweden)
ئىگىلىك تىكلەش شارائىتى ۋە پۇرسىتى جەھەتتە دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. شىۋېتسىيە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماكانى.
7.كانادا(Canada)
كۆچمەنلەر سىياسىتى كەڭرى، ھۆكىمەتتە چىرىكلىشش - خىيانەت ئەھۋالى يوق دىيەرلىك. كانادالىقلار قىزغىنلىق بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خالايدۇ. تۆتتىن ئۈچ قىسىم كانادالىق شەھەرلىرىنى يېڭى ئىش باشلاشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك نۇقتىسى دەپ ھېساپلايدۇ.
8.شىۋېيتسارىيە(Switzerland)
ھۆكىمەتنىڭ چىرىكلىك ئەھۋالى دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەن، تەربىيەلىنىش پۇرسىتى ئىنتايىن يۇقىرى، شىۋېيتسارىيەلىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ھۆكىمەتكە ئىشىنىدۇ. پۇل-مۇئامىلە ئاپاراتلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك، قەرز ئۆسۈم نىسبىتى %0.5
9.گوللاندىيە( Netherlands)
88% گوللاندىيەلىك ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن تۇرمۇشىدىن رازى، ئۇندىن باشقا ئۇلار ھۆكىمەتتىن ناھايىتى رازى.
10.ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى(United States)
90%تىن كۆپ ئامېرىكىلىق ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن رازى، ھۆكىمەتنىڭ ھەربىر پۇقراغا قاراتقان داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش كاپالىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ سەرخىل. %90تىن كۆپ ئامېرىكىلىق ئورتاق تىرىشقاندىلا تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.