غېرىپ ئاتا
(ھېكايە)
مۇتەللىپ ياقۇپ
مالىك بۇۋاينىڭ ئايالى تۈگەپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولۇپ قالدى،ئۇنىڭ ئۈچ ئوغىلىنىڭ ھەممىسى خېلى بۇرۇنلا ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.بۇۋاي ئۈچ يىلدىن بۇيان بۇيان غېرىبانە بۇ كولبىدا تىكەندەك يالغۇز ياشاپ كەلدى.ئوغۇللىرى ناگاندا بىرەر قېتىم نەرسە كېرەكلەرنى كۆتۇرۇپ كېلىپ بۇۋاينى يوقلاپ تۇرغاندىن باشقا بىرەرسىمۇ تا ھازىرىغىچە بۇۋاينى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىش توغرىسىدا ئۇنىڭغا ئېغىز ئېچىپ باقمىدى.ئەمما يېقىندىن بۇيان بۇۋاينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تازا ياخشى بولماي قالدى،ھەدىسىلا يۆتىلىپ،ئاشقازىنى مۇجۇپ ئاغرىيتتى.بۈگۈن كەچ بۇۋاينىڭ ئاشقازىنى يەنە قاتتىق ئاغرىپ كەتتى.
مالىك بۇۋاي قورسىقىنى چاڭگاللىغىنىچە ئۆمىلەپ دېگۈدەك ۋىكلىيۇچاتىلنىڭ يىپىنى تارتىپ ئۈستەل ئۈستىدىكى سائەتكە قارىدى.
ـ كاساپەت ئەمدى بىر بوپتۇغۇ،ئىككى سائەت بولاي دېدى، ھەجەپ قويۋەتمىدى بۇ ئاغرىق،قاچانمۇ تاڭ ئاتار ؟ـ مالىك بۇۋاي ئۆزىگە - ئۆزى سۆزلىگىنىچە چىراقنىمۇ ئۆچۈرمەستىن ئورنىغا بېرىپ ياتتى.
بۇۋاي ئۇخلاپ قېلىش ئۈچۈن خېلى بىر ھازاغىچە كۆزىنى مەھكەم يۇمۇپ ياتقان بولسىمۇ لېكىن ئاغرىق ئازابى يەنىلا ئۇيقۇدىن غالىپ كەلدى،ئۇ ئاخىرى غەيرىتىنى يىغىپ كىيىملىرىنى كىيدى - دە،كوچىغا چىقىپ قوشنىسى زۇنۇننىڭ دەرۋازىسىنى ئۇردى...
ـ ۋوي،مالىككا سىزگە نېمە بولدى؟!ـ زۇنۇن دەرۋازا يېنىدا ئىككى پۈكلىنىپ ئولتۇرۇپ قالغان مالىك بۇۋاينى كۆرۇپ چۆچۈپ كەتتى ۋە ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئوغىلىنى چاقىرىپ بۇۋاينى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.
ـ بىمارنىڭ ئاشقازىنى بەكلا يالاڭلاپ كېتىپتۇ،قارىغاندا تاماقنى ۋاقتى - قەرەلىدە يېمەيدىغان ئوخشايدۇ،يەنە ئۆپكىسىدىمۇ خېلى مەسىلە بار ئىكەن،دەرھال بالنىستىغا ئالغۇزۇڭلار،ـ دېدى دوختۇر بۇۋاينى تەپسىلى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن.ـ بىچارە بۇۋاي، ئۈچ ئوغىلى تۇرۇپ تارتىۋاتقان كۈنىنى كۆرمەمدىغان،يالغۇزچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى بۇ بايقۇش،بۇۋايغۇ بالا دېسە ئۆلۇپ بېرىدۇ بولمىسا،دادىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالسا ساۋابىنى كۆرەر بولغۇيتتى گۈيتۇزىلار،بولدى بالام چاپسان بېرىپ ئۇ گۈيتۇزىلارغا خەۋەر قىلغىن،ـ دېدى زۇنۇن ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ ئوغلىغا.
بۇۋاي شۇ ياتقىنىچە دوختۇرخانىدا توپ - توغرا يىگىرمە كۈن ياتتى.چوڭ ئوغىلى دادىسىنىڭ ”ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە كېتىمەن“ دېگىنىگە ئۈنىماي ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ياندۇرۇپ چىقىپ دادىسىنىڭ ھالىدىن خېلى ئوبدان خەۋەر ئالدى،بۇۋاينىڭ رەڭگى - روھى ياخشىلىنىپ،چىرايىغا بارا - بارا قان يۈگۇرۇشكە باشلىدى.ئەمما بىر كۈنى كەچ بۇۋاي ئوغىلى بىلەن كېلىنىنىڭ ۋاقىراشقان ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى.
ـ نېمە دادىڭىزنىڭ سىزدىن باشقا بالىسى يوقمىتتى؟ئۇلارمۇ ئۆيىگە ئاپىرىپ بىر نەچچە كۈن قارىسا بولمامدۇ؟ھېلىمۇ يىگىرمە كۈندىن ئاشتى،مەن يا تۆمۈر ئادەم بولمىسام.
ـ ھەي بوشىراق گەپ قىل دەيمەن،دادام ئاڭلاپ قالسا سەت تۇرىدۇ، دادام بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان يالغۇزچىلىقنىڭ دەرىدىنى ئاز تارتمىدى،ياش چوڭىيىپ قالغاندا دادامغىمۇ ئوڭاي ئەمەس،ئەسلىغۇ مەن بالىلارنىڭ چوڭى بولغاندىن كېيىن دادامنى بۇرۇنلا ئەكىلىۋېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىم بار ئىدى.مەن ئەقەللىسى شۇنىمۇ قىلالمىدىم،مېنىمۇ ئوغۇل دېگىلى بولامدۇ؟
ـ بالىنىڭ چوڭى چوقۇم ئاتا - ئانىسىغا قارىشى لازىم دېگەن گەپ بارمىكەن؟مەنمۇ بالىلارنىڭ چوڭى ئەجىبا ئاتا - ئانامنى ئەكىلىۋالدىممۇـ مەن؟ئاۋۇ ئىنىلىرىڭىزمۇ ئوخشاشلا دادىڭىزنىڭ بالىلىرى،ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىك بۈرچىنى ئادا قىلىپ باقسۇن...
مالىك بۇۋاي ئوغىلى بىلەن كېلىنىنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يوتقاننى بېشىغا پۈركەپ ئادەمنىڭ ئىچىنى سېرىلدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.تاڭ سەھەرگە يېقىن بۇۋاينىڭ قۇلىقىغا بىرسىنىڭ ئۆزىنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى،بۇۋاي كۆزىنى غۇۋا ئېچىپ يېنىدا ئۆزىگە كۈلۈپ قاراپ تۇرغان مېھرىبان ئايالىنى كۆردى ۋە مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىنى ئايالىغا ئاستا سۈندى...
مەنبە: 8 كوچا مۇنبىرى