باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1868 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «تېررورىست» لار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5930
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 42
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە42دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 580 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-27
ئاخىرقى: 2011-04-16
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 01:35

نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «تېررورىست» لار

                         
نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «تېررورىست» لار



خەلقارا «تېرورىست»دەپ ئېلان قىلىنىپ،كېيىن دولەت رەئىسى بولغان، ھەتتا نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى
1 – ياسېر ئارافات
تۇلۇق ئىسمى-مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئابدۇرائۇف ئەل قۇدۋا ئەل ھۇسەيىن ئارافات. مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئوزىنىڭ،ئابدۇرائۇف دادىسىنىڭ،ئارافات چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدۇر.ئارافات 1929-يىلى8-ئاينىڭ 24-كۇنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە پەلەستىنلىك بىر كوچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى(بەزىلەر ئۇنى قۇددۇستا تۇغۇلدى دەپمۇ يېزىشىدۇ).ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا(قاھىرە ئۇنىۋىرسىتىتى)1948-يىلى ئەرەپ-ئىسرائىل ئۇرۇشىغا،1949-يىلى گاززە ئۇرۇشىغا قاتناشتى. 1952-1956-يىللىرى ئارسىدا ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بولدى.«ياسەر» ئىسمىنى بۇ يىللاردا ئىشلەتتى.ئۇ،پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن باشلاپ«ئابۇ ئاممار»تەخەللۇسىنى قوللاندى.ياسېر ئارافات 1957-يىلى قۇرۇلۇش ئىنجىرى سۇپىتى بىلەن كۇۋەيىتكە كەلدى.كۇۋەيىتتە 1958-يىلى «ئەل پەتىھ»(پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى) نى قۇردى.ھىچبىر ئەرەپ دۆلىتىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىدى. ئارافات، پەلەستىن خەلقىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۇچۇن قۇراللىق كۇرەش قىلىشقا باشلىدى ۋە 1964-يىلى ئىئوردانىيەگە كوچۇپ كەلدى.
ئىئوردانىيەدىن ئسرائىلىيەگە قارشى شىددەتلىك قۇراللىق ھۇجۇملارنى قوزغىدى.پەلەستىن ئازاتلىقى ئۇچۇن كۇرەش قىلغۇچى بارلىق پائالىيەتچىلەر ئىئوردانىيەگە سەلدەك ئېقىپ كىلىشكە باشلىدى ئىئوردانىيەنىڭ پادىشاھى ھۇسەيىن دولەت بىخەتەرلىگىنى كوزدە تۇتۇپ 1969-يىلى ئارافاتنى باش مىنىستىرلىققا تەكلىپ قىلدى. ئارافات «مۇستەقىل پەلەستىن» غايىسى ئۇچۇن بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى.
1970- يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۇنى ئارافات دۇنيانىڭ بىر قانچە نوقتىسىدىن ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختى ئۇممانغا 50 كىلومىتىر يىقىنلىقتىكى داۋسۇن ئايرىدۇرۇمىدىن 5 ئايرۇپىلاننى بۇلىدى ۋە يولۇچىلارنى چۈشۈرۋىتىپ ئايرۇپىلانلارنىڭ ھەممىسىگە ئوت قۇيىۋەتتى. ياسېر ئارافات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا باشلىق غەرىپ دولەتلىرى تەرىپىدىن «خەلقارالىق تېرورىست»دەپ ئىلان قىلىندى.
1970- يىلى يىل ئاخىرىدا ئىئوردانىيە ئارمىيىسى ئارافاتنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك ئارمىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ قاخشاتقۇچ زەربە بەردى.ئارافاتنىڭ 2 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلدى. 5 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى يارىلاندى. ئۇ قالغان ئەسكىرى كۇچلىرىنى ئىلىپ لىۋانغا قىچىپ كەلدى.شۇنداق قىلىپ ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئەسكىرى زەربە ئۆز مىللىتى بولغان ئەرەپلەردىن كەلدى.
1972- يىلى ئاۋىستىرىيەنىڭ ۋىينا شەھرىگە كىتىۋاتقان بىر يولۇچى ئايرۇپىلاننى گۈرۈگە ئىلىپ،ئسرائىلىيىنىڭ لۇد شەھرىگە قوندۇردى.24 نەپەر يولۇچىنى ئۆلتۇردى. بارلىق غەرىپ دۆلەتلىرىدە ئارافاتنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.
1972- يىلى 9-ئايدا گىرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئولىمپىك يىغىنىدا ئارافاتنىڭ ئادەملىرى 11 نەپەر ئسرائىلىيىلىك تەنھەركەتچىنى ئەسىرگە ئالدى ۋە ھەممىسىنى ئۆلتۇرۇۋەتتى. لىۋان ئسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئارافات تۇنىسقا يەرلەشتى.
- 1988- يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۇنى پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانلىغىنى جاكالىدى ۋە دولەت رەئىسى بولۇپ سايلاندى. بىرىنجى قىتىملىق قۇلتۇق ئۇرۇشىدا ساددام ھۇسەيىننى قوللىدى.
1994- يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۇنى 27 يىل ئاياق باسالمىغان ئەزىز يۇرتى گاززە گە ئاياق باستى. 1994-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى «نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى»غا ئىرىشتى.
2004 – يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۇنى 75 يىشىدا پارىژ شەھرىنىڭ ئەتىراپىدىكى بىر ھەربى دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى. بىر «خەلقارالىق تېرورىست»دۆلەت باشلىقى بولدى،نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ياسېر ئارافات،بۇگۇن ئازاتلىق ئۇچۇن كۇرەش قىلىۋاتقان ئەرەپ-مۇسلمان خەلقلىرى ئۇچۇن پارلاق ۋە قاھرىمان ئۈلگە سۇپىتىدە ئىلھام ۋە جاسارەت مەنبەسى بولماقتا.
2 – نېلسون ماندېلا
نېلسون ماندېلا 1918-يىلى تۇغۇلدى. ئۇ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كىيىن فورت ھارې - نىۋەرسىتي كوللەگېگە ئوقۇشقا كىردى.بىر قىتىملىق ئۇقۇغۇچىلار ھەركىتىگە يىتەكچىلىك قىلغىنى ئۇچۇن ئۇنىۋىرسىتىتتىن قوغلىنىپ ترانسۋائالغا كەلدى ھەمدە بۇ يەردىكى ئالتۇن كانىدا كان ئىشچىلىرى بىلەن بىللە ئىشلىدى.بۇ جەرياندا يىرىم قالغان ئۇنىۋىرسىتتىنى خەت-مەكتۇپ مائارىپى يولى بىلەن ئۇقۇدى ۋە دىپلومىنى1952- يىلى ئالدى. ۋىتۋاتېرستراند ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ قانۇن پاكۇلتىتىنى پۈتتۇرۇپ ئادۋۇكاتلىق قىلىشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن جەنۇبى ئافرىقىنىڭ تۇنجى نېگىر ئادۋۇكاتى بولۇپ قالدى. ئېرىقى كەمسىتىشكە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئافرىقا مىللى قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولدى ۋە بۇ قۇرۇلتاينىڭ ياشلار ئىتتىپاقى رەئىسى بولدى.
1961- يىلى ئافرىقا مىللى قۇرۇلتىيى قۇراللىق قىسىملىرىنىڭ باشلىقى بولدى
1962- يىلى نېگىرلارىڭ ئازاتلىقى ئۇچۇن قۇراللىق كۇرەشكە ياردەم ئىزدەپ چەتئەل ساياھىتىگە چىقتى. ئەڭگلىيە ۋە بىر قاتار ئافرىقا دۈلەتلىرىنى زىيارەت قىلدى.سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىن قىسمەن قۇرال ياردىمىگە ئىگە بولدى.ۋەتىنىگە قايتىپ كىلىشى بىلەن قولغا ئېلىندى.دۈلەت چىگرىسىدىن رۇخسەتسىز چىقىش، ھاكىمىيەتكە قۇراللىق پاراكەندىچىلىك سېلىش،خەلقنى ھۆكۇمەتكە قارشى قۇتۇرۇتۇش جىنايىتى بىلەن سوتلاندى.
نېلسون ماندېلا،خەلقنىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقى بولمىغان بىر پارلامىنتى(خەلىق قۇرۇلتىيى)چىقارغان قانۇنلارغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى يوقلىغىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىدى ۋە خەلقنى ھوكۇمەت قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلماسلىققا چاقىردى. ئۇ ئاق تەنلىكلەر ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. نېلسون ماندېلا تۈرمىدىكى يىللىرىدا ئافرىقىدىكى ئازاتلىق ئۇچۇن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئورتاق سىموۋىلىغا ئايلاندى.
نېلسون ماندېلا 1979-يىلى نىھرو مۇكاپاتىغا،1981-يىلى برۇنو كرىسكى ئىنسان ھوقۇقى مۇكاپاتىغا،1983-يىلى UNECO نىڭ سىمون بولىۋار مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.
1992- يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇكاپاتى بولغان ئاتاتۇرك تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ئەمماماندېلا،«مىللى تەڭسىزلىك داۋام قىلىۋاتقان دۈلەتلەردىن بىرىلگەن مۇكاپاتلارنى ئالمايمەن»دەپ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ نىڭ ئالى مۇكاپاتىنى رەت قىلدى.
نېلسون ماندېلا 40 يىل ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق خەلقئارا مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى.
1990 – يىلى جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ف. ۋ. دې كلەرك ئافرىقا مىللى قۇرۇلتىيى 30 يىلدىن بىرى يولغا قويۇپ كەلگەن سىياسىتىنى مەنئى قىلىش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە ئۇمۇمى كەچۈرۈم ئېلان قىلدى.
نېلسون ماندېلا 1990-2-ئاينىڭ11-كۈنى 28 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشتى. ئۇ ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئوخشاش ۋەتەنداشلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن مىليۇنلىغان نېگىر ئاھالىسىنى سەپەۋەرلىككە كەلتۈردى.جەنۇبى ئافرىقىدا ئېرقى كەمسىتىشكە قارشى خەلق كۆرىشى يۇقىرى دولقۇنغا چىقتى.
1992 – يىلى نېگىرلارنىڭمۇ سايلاش،سايلىنىش ھۇقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى قانۇن خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇلدى ۋە قۇبۇل قىلىندى. نېلسون ماندېلا 1993-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۇنى «نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى»غا ئىرىشتى.
1994 – يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى نېگىر دۈلەت رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
2008- يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسى پۇتۇن ھەپتە بۇيىچە لوندوندىكى ھيدې پاركتا مىللى كەمسىتىلىشكە قارشى كۈرەشنىڭ بايراقدارى نېلسون ماندېلانىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىگىنى تەبىرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرىلدى.مۇراسىمغا ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنقى پىرىزدىنتى بىل كلىنتون،ئەڭگلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋن،مەشھۇر كىنو ئەرتىستى ۋىل سمىت ،مەشھۇر مۇزىكانىت ئاننى لېننوخ قاتارلىق يۇزلىگەن داڭلىق شەخىسلەر ۋە يۇزمىڭلىغان ئىشتىراكچىلار قاتناشتى.
2008- يىلى 6- ئاينىڭ 28-كۇنى ماندېلانىڭ تۇغۇلغان كۇنى، ئامېرىكا ساناتورى جوھن كەررى نېلسون ماندېلانىڭ «تېرورىست»لار تېزىملىگىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى.ساناتور Sheldon Whitehouse مۇخبىرلار بىلەن قىلغان سوھبىتىدە «نېلسون ماندېلانىڭ تېرور جىنايەتچىلىرىنى كۈزۇتىش تېزىملىگىدە يېرى بولماسلىغى كىرەك ئىدى. ساناتونىڭ بۈگۇنكى قارارى،جەنۇبى ئافرىقا رەھبىرىگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىكنى،ئامېرىكىنى قىيىن ئەھۋالدا قۇيۇۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىزغا پۇرسەت ياراتتى»دىدى.
رونالد رېگان دەۋرىدىن باشلاپ،بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان نىيو -يوركتىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق بىر يىرىگە بېرىش نېلسون ماندېلا ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىدى.
تارىختىكى«جىنايەتچى»،«تېرورىست»ماندېلا، بۇگۇن دۇنيادا ئىزىلىۋاتقان،كەمسىتىلىۋاتقان مىللىلەتلەرنىڭ ئازاتلىق كۈرىشىنىڭ ئورتاق بايراقدارى،مەشئىلى سۇپىتىدە دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى ھورمەتكە سازاۋەر بولغان نوبىل تىنىچلىق مۇكاپانىڭ ئىگىسى بۇلۇش سۇپىتى بىلەنمۇ ئىنسانىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان بىر گىگانىت شەخىسكە ئايلانماقتا.
3 – ھاشىم تاجى
ھاشىم تاجى 1968-يىلى4-ئاينىڭ24-كۈنى كوسوۋانىڭ دىرانىجا رايونىنىڭ بروجنا ناھىيىسىدە تۇغۇلدى.درانىجا ئالبانلارنىڭ سىرپ ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەڭ كۇچلۇك قەلئە ھىساپلىندىغان رايون. ئۇ پىرىشتىنا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تارىخ پاكولتىتىدا ئوقۇۋاتقان 1989-1991 -يىللىرىدا يۇگۇسلاۋىيەدىن كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىغىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۇقۇغۇچىلار ھەركىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى.
ھاشىم تاجى مۇستەقىللىققا ئىرىشىش ئۈچۇن قۇراللىق كۇچ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يەتتى ۋە مەخپى «كوسوۋا ئازاتلىق ئارمىسى»تەشكىلاتىنى قۇرۇش ئىشىغا كىرىشتى.
1993 – يىلى «كوسوۋا ئازاتلىق ئارمىسى»تەشكىلاتى قۇرۇلدى.
ھاشىم تاجى ئاشكارا پائالىيەتلەردىن قول ئۇزۇپ،مەخپى پائالىيەتكە ئۆتتى.تەشكىلاتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن شىۋىتسارىيەگە كۆچۇپ باردى، ئۇ يەردە سىياسى بىلىم بۇيىچە ماگىستىرلىق ئۇقىدى. كوسوۋاغا قايتىپ كىلىپ 1996-1997-يىلىرى سىرىپ يۇقىرى قاتلام كادىرلىرىغا،سىرىبلار ئۈچۈن ئىشلىگەن خائىن ئالبانلارغا قارشى كۆپ قىتىم سۇيقەست ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.سىرىپ ئەسكىرى ۋە ساقچى ئورگانلىرىغا كۆپ قىتىم قۇراللىق ھۇجۇم قوزغىدى.
يۇگۇسلاۋىيە ھوكۇمىتى ھاشىم تاجىنى خەلقارالىق«تېرورىست» دەپ ئىلان قىلدى ۋە مىلوشوۋىچ ھۈكۇمىتى 1998-يىلى ئالبان ئىسيانچىلىرىغا قارشى كەڭ كۈلەملىك باستۇرۇش ھەركىتىنى باشلىدى.
1998 – يىلى كوسوۋا خەلقى زور كۈلەمدە مىللى قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچىرىدى.بۇ كۇنلەردە يۇگۇسلاۋىيە ئۈچۇن ئىشلەۋاتقان كوسوۋالىق ئالبانلار ھاشىم تاجىنى مىللەتنى قىرغىن قىلىشقا سەۋەپچى بولغان «خائىن»دەپ ئىلان قىلىپ،ئۇنى كۆرگەن يەردە ئېتىپ ئۆلتۇرۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
شىددەتلىك ئىچكى ئۇرۇش كوسوۋانىڭ ھەممە يىرىگە تۇتۇشۇپ كەتتى.بۇ يىللاردا ھاشىم تاجى پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ سىياسى يىتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە كوتۇرۇلدى.
1999- يىلى 2 –ئايدا ئايدا فىرانسىيەنىڭ Rambouillet شەھىرىدە كوسوۋا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن خەلقارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئىچىلدى. يىغىنغا كوسوۋا ئالبانلىرىغا ۋاكالىتەن كوسوۋا مەسىلىسىنى دىموكىراتىك يول بىلەن ھەل قىلىش ھەركىتىنىڭ رەھبىرى ئىبراھىم رۇگوۋا قاتناشتى.
ھاشىم تاجى ۋە«كوسوۋا ئازاتلىق ئارمىسى» «تېرورىست» دەپ ئېلان قىلىنغاچقا دەسلەپتە يىغىنغا قاتنىشىشى رەت قىلىنغان بولسىمۇ،كېيىن ھاشىم تاجىنىڭ فرانسىيەگە كېلىشىغا ۋىزا بىرىلدى .
يىغىن سىربلارنىڭ كېلىشىم ئىمزالاشنى رەت قىلىشى بىلەن 1999-يىلى3-ئاينىڭ 19-كۇنى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.
5 كۈندىن كېيىن يەنى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ناتو(شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) ھاۋا ئارمىيىسى بىلگىراتنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. ناتو نىڭ يۇگۇسلاۋىيەگە قويغان «كوسوۋادىن ئەسكىرى ۋە ساقچى قىسىملىرىنى شەرتسىز ئېلىپ چىقىپ كىتىش»تەلىۋىگە 1999-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۇنى يۇگۇسلاۋىيە ھۆكۇمىتى ئىمزا قويدى.
78 كۈن داۋام قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ئاخىرلاشتى ئۇرۇش توختىدى.
50 مىڭ ناتو ئەسكىرى كوسوۋاغا يەرلەشتى. ناتو «كوسوۋا ئازاتلىق ئارمىسى»نىڭ دەرھال قۇرال تاپشۇرۇپ تارقىلىپ كىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
ھاشىم تاجى 2000-يىلى « كوسوۋا خەلق دىموكىراتىيىسى پارتىيىسى»نى قۇردى.
2001 – يىلىدىكى ئۇمۇمى خەلق سايلىمىدا كوپ سانلىق ئاۋازنى ئىبراھىم رۇگوۋا ئالدى.
ھاشىم تاجىنىڭ پارتىيىسى 26 ۋەكىل بىلەن پارلامىتتا ئاز سانلىق ئورۇندا قالدى.
2004 – يىلدىكى سايلامدا 30 ۋەكىل بىلەن قالدى. ھۆكۈمەتتە يەر ئالالمىدى.
2008 – يىللىق ئۇمۇمى سايلامدا ھاشىم تاجى «ئەگەر باش مىنىستىر بولسام كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىغىنى جاكارلايمەن » دەپ خەلىققە ۋەدە بەردى.تاجىنىڭ پارتىيىسى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن غەلبە قازاندى.
ھاشىم تاجى كوسوۋانىڭ باش مىنىستىرى بولدى ۋە 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىغى ئىلان قىلىندى.
ھاشىم تاجى موستەقىل كوسوۋا دۈلىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا بولسا ئۇنى «تېرورىست»دەپ ئىلان قىلغان يۇگۇسلاۋىيە دولەت رەئىسى سىلوبودان مىلوشوۋىچ خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوتىدا سوتلىنىپ ئۆلۈپ بولغان ئىدى. كوسوۋالىق بۇ «خەلقارالىق تېرورىست»بۈگۈن مۇستەقىل كوسوۋا دولىتىنىڭ باش مىنستىرى بولۇپ ھاكىميەت يۈرگۈزمەكتە.


مەنبە؛http://www.dewr.org/
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2738
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2738دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-30

مىسىرلىق بارادى دۇنيادا يادرۇ قۇراللىرىنى چەكلەش ساھەسىدە كۇرسەتكەن نەتىجىلىرى بىلەن نۇبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئىدى ،،بۇ قىتىم مىسىردا تۇپىلاڭچىلار تەرەپتە تۇرۇپ <تۇپىلاڭچى>بۇلاپ كەتتى دەيدىغۇ،،،بىزنىڭ مەھەللىدىكى غەيۋەتچى خۇتۇنلار،،،،^+^
باشقىلار ھازىر كىتاب كۇرىۋاتىدۇ...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 112
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 756
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە756دانە
ئۆسۈش: 2375 %
مۇنبەر پۇلى: 8227 سوم
تۆھپىسى: 25 كىشى
ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
گۇرۇپپا: ئوغلان
تىزىملاش: 2010-06-02
ئاخىرقى: 2012-02-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 11:40

پاھ نىمدىگەن ئىسىل تىما بۇ ،رەھمەت .
كەڭساي چ چ توپى نۇمۇرى:9745592  ھەمىمز بۇيەردە...
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7634 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-02-22
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 12:14

بەك ئىسىل تىما جومۇ بۇ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ  ئاللاھ شۇ نوبىل مۇكاپات ئالىدىغان تىرورچىلارنى كوپەيتكەيسەن....ئاقىۋىتى ياخشىكەن ئەمەسمۇ
قالدى، نى-نى ئارىسلانلار دەشتى چۆلدە قەۋرىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1211
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1211دانە
ئۆسۈش: 2520 %
مۇنبەر پۇلى: 14097 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-03-31
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 15:54

جۇڭگۇ بۆلگۈنچىسى دالاي89-يىلى نۇبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى ئالغان...بۇ بىر يوللانغان تىمىغۇ دەيمە
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 920
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە920دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 5481 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-03-31
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 16:35

قارغاندا بۇ تۈردىكى مۇكاپاتنى ئىلىش ئۈچۈن   «تېررورىست» بولۇش كىرەككەندە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3126
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-21
ئاخىرقى: 2012-03-28
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 20:07

            
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1367
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1367دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-03-09
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 01:31

ياسىر ئارافاتنى ئىلگىرى تېرورچى دەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6060
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 75
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە75دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 850 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-12
ئاخىرقى: 2012-03-09
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 10:04

بىر تارىخنىڭ دۈشمەنلىرى يانا بىر تارىخنىڭ قەھرىمانلىرى بولىدۇ.