دېكابىرنىڭ ئاخرقى كۇنى ،
تۇتۇپ قالدى كۇنا خۇيلىرىم،
يىمەكتىمەن ئۆزۇمنى -ئۆزۇم .
يىرتىۋەتتىم شېئىرلىرىمنى ،
ھەتتا نەچچە خاتىرەمنىمۇ.
ھۇزۇر بىلەن كۇيدرىۋەتتىم ،
يالغۇز چۇشكەن سۇرىتىمنىمۇ.
بىر ئەسەبىي تېركىش ئىچرە،
ھىچنىمىنى كۆرمىدى كۆزۇم.
دېكابىرنىڭ ئاخرقى كۇنى،
مۇھەببەت ۋە نەپرەتلەر ئارا،
ئۆز-ئۆزۇمنى رەنجىتىپ تۇرۇپ،
كۇتتۇم يەنە تىلفۇنىڭنى...
دىكاربىرنىڭ ئاخرقى كۇنى ،
كۇزلىرىم ياش چاچلىرىم چۇۋۇق،
كىملەرگىدۇ ئۇخشاپ قاپتىمەن ،
تىڭىرقاشتا قالغان ئۇزۇمنى ،
يالغۇز دىسەم يالغۇز ئەمەستەك ،
يالغۇز ئەمەس دىسەم يالغۇزدەك.
..........................................
يىڭى يىلنىڭ بۇسۇغۇسىدا
تەسەللىنىڭ پەپىلشىدە، ،
مەش قۇيمىغان سۇغۇق ھۇجرامدا ،
تىنىپ -تىنىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.
ئاپتۇرى :سەنەۋۋەر ئابدىراخمان