«ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا»دىن تەرمىلەر
مەن بۇ كىتابنى بىرىنچى قېتىم ئوقۇپلا ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم. بىز ئۈچۈن «ئۆزىنى ئىزدەش»نىڭ ھەقىقەتەن مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. شۇڭا كىتابتىكى ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغان ئىبارىلەرنى دوستلارغا سۇندۇم. ئەلۋەتتە، كىتابتىكى ئۈنچىلەر ناھايىتى كۆپ، ھەممىسىنى «ئۈزۈپ» بولالمىدىم. تەۋسىيەم، سىزمۇ بۇ كىتابنى ئوقۇپ كۆرۈڭ، چۇقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز، ئىنشا ئاللا.
**********************************
ئىچىكىرى ئۆلكىلەرگە بادىم، كىشىلار مەندىن: «مەن كىم؟» دەپ سوراشتى، «مەن ئۇيغۇر» دىسەم، ئىنكاس قايتۇرالمىدى.
ياپونىيەگە باردىم، كىشىلار مەندىن: «مەن كىم؟» دەپ سوراشتى، «مەن ئۇيغۇر» دىسەم گاڭگىراپ قېلىشتى.
ياتلار ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن دىنازاۋورنى ياخشى بىلىدۇ، لىكىن مىنى بىلمەيدۇ. كىشىلەر نوپۇزى يۈز مىڭغا بارمايدىغان ئېسكىموسلارنى تونۇيدۇ، لىكىن 10مىليون نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرنى تونۇمايدۇ.
مەن قامۇسلارنى ۋاراقلاپ باقتىم، «ئۇيغۇر» دىگەن ئىبارىنى يەتتە – سەككىز قۇر چۈشەندۈرۈپلا بولدى قىپتۇ، تېخى بۇنچىلىك بايانلارنى بەزى قامۇسلاردىن تاپقىلى بولمايدۇ. چىۋىن، چاشقان، قۇرۇت – قوڭغۇزلار ھەققىدىكى بايانلار بىر – ئىككى بەتتىن ئاشىدىكەن.
بۇ ئىشلار ماڭا ھار كەلدى. نومۇس قىلدىم، جاھان ماڭا تار كەلدى. ئەگەر 10مىليون كېسەكتىن قەسىر سېلىشقا توغرا كەلسە، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئالەمگە پۇر كەتكۈدەك قەسىردىن بىرى پۈتۈشى مۇمكىن.
**********************************
بىز باشقىلارغا ئەگىشىمىز دەپ ئۆزىمىزدىن چەتلەپ كەتتۇق، باشقىلارغا ئىشىنىپ، ئۆزىمىزگە ئىشەنمەس بولدۇق، ئۆزىمىزگە باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن باھا بەردۇق، ئاخىر ئۆزىمىزنى يىتتۈرۈپ قويدۇق.
**********************************
پاسپورتنى ئالغاندىن كېيىن، سەپەر تەييارلىقى پۈتكۈچە بولغان يېرىم يىل ئىچىدە بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنمىدىم. بۇنداق قىلىشنى ماڭا زامان كىشىلىرىنىڭ خۇي – پەيلى ئۆگەتتى. 1996- يىلىمۇ بىر قېتىم پاسپورت ئىشلەتكەنىدىم، بۇ جەرياندا چەت ئەلگە چىقىش توغرىسىدا كۆپ ئادەملەرگە مەسلىھەت سالدىم، نىمىشقىدۇر، شۇ قېتىم قولۇمغا تېگىپ بولغان پاسپورتتىن ئايرىلىپ قالدىم. مەن ئۆز يولۇمنى تاپقۇچە ئادەملەر مەن خالىمايدىغان بىر يولنى ئالدىمغا توغرىلاپ قويغانىدى.
**********************************
(بېيجىڭدىكى شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئورنى رىستۇرانىنىڭ تەسۋىرى) زال، تاماق كىيىم قاتارلىقلار ئۇيغۇرچە ئىدى، كۈتۈش، كۈتۈنۈشلەر خەنزۇچە ئىدى......ئۇيغۇر دوپپىسى كىيگەن مۇلازىم قىزلار ئەمدىلا قۇرۇلدالغان قەدەھلەرنى ھاراق بىلەن تولدۇراتتى، مېھمانلار قەدەھلەرنى سوقۇشتۇرۇپ، ھاراقلارنى ئۆزلىرىنى ھەر كويغا سالغان قورساقلىرىغا راۋان قىلىشاتتى. بۇ يەر تۈرلۈك ئىقلىمدىن كەلگەن مېھمانلارغا ھېچنىمىنى ئىلغىمايدىغان بۈگۈنكى ئەبجەش ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ سېيماسىنى ئاز – تولا نامايان قىلاتتى. داستىخانلاردا خالىسلىق بار – يوقنىڭ ئارىلىقىدا بۇلۇپ، ساھىبخانا كۆپ ھاللاردا غەرەز بىلەن مىھمان كۈتەتتى، مىھمانلارمۇ غەرەز بىلەن يەيتتى، تېخى بىر مۇنچە ھاراقنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن، مۇسۇلمانچە دۇئا قىلىشىپ، «رەھمەت»، «ھەشقاللا» بىلەن تارقىشاتتى.
1993- يىلى كۈزدە بىر قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى مۇراسىمى مۇشۇ قورۇدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى......موڭغۇل يازغۇچىسى مالاچىنفۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا قەدەھ تۇتۇپ، «موڭغۇللارنىڭ بىر قانىتى ناخشا، بىر قانىتى ھاراق» دىگەنىدى. شۇ چاغدا مەن: «موڭغۇللارنىڭ قانات ئۇقۇمىدا زور ئۆزگىرىش بوپتۇ، چىڭگىزخان ئات بىلەن قىلىچنى قانات قىلىپ، ۋولگا بويلىرىغا بارغانىدى» دىگەنىدىم ئىچىمدە.
**********************************
پويىزدا مەيلى ئولتۇرغانلارنىڭ بولسۇن، مەيلى ئۆرە تۇرغانلارنىڭ بولسۇن قولىدا كىتاب، گېزىت، ژورنال بار ئىدى، بەزىلەر ئولتۇرغان يېرىدىلا ئۇخلاپ قالغانىدى. تېلفون ئۇرغان ياكى تېلفون قوبۇل قىلغانلارنى زادىلا ئۇچراتمىدىم. يانفون شۇنچە ئوموملاشقان بۇ سانائەت ئېلىدە كىشىلەر تېلفون ھەققىدە بىردەك جامائەت ئەخلاقى يېتىلدۈرگەن بولسا كېرەك.
**********************************
ئايالىمنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، قاتناش جىددىي بولمايدىغان مۇشۇنداق كەنت بازىرىدا كىشىلەر كېچىدە كوچىنى كېسىپ ئۆتۈپ قالسىمۇ، قىزىل چىراققا رىئايە قىلىدىكەن، ھەرگىز كوچىنى خالىغانچە كېسىپ ئۆتمەيدىكەن......كىشىلەرنىڭ تەبىئىي خۇلقىغا ئايلىنالمىغان تەرتىپ ھەرگىزمۇ مەدەنىيەت بولالمايدۇ، ئۇ پەقەت شوئار بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ.
**********************************
مەن 38 ياشقا كىرگەندە چەت ئەلگە ئاياغ باسالىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالتە يىل قاتىرىدىم. يات ئەلگە ماسلىشىشمۇ بىر خىل ئىقتىدار، لىكىن مەندە ھازىرچە بۇنداق ئىقتىدار يوق. مەندە بارى ھۆكۈمەتنىڭ مائاشىنى ھەشقاللا بىلەن ئالغۇدەك ئىقتىدار. لىكىن، بۇ يەردە ئۆزىنىڭ رىزقىنى غالىب روھ بىلەن مەغرۇر ئالغۇدەك ئىقتىدار كېرەك ئىكەن.
يىقىندىن ئالدىراش بۇلۇپ قالغاچقا مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي، ئاخىرىنى ئىنكاس شەكلىدە تۇلۇقلارمەن، ئىنشا ئاللا
[ بۇ يازمىنىyamghur 2011-03-05 13:28قايتا تەھرىرلىدى ]