كۇز بەزىدە سۇزلەيدۇ،ئېغىز سۇزلىيەلمىگەن چىنلىقنى ،ئەمما يېتەلمەيدۇ، يۈرەكتىكى چىنلىققا.
مېنڭ يەكچەشمە بولغۇم كېلىۋاتىدۇ،چۈنكى كۇزۈم كۇرمەسكە تېگىشلىك ئشلارنى كۇرۈپ قېلىۋاتىدۇ.
دانكونىڭ يالغۇز يۈرىكى نۇرغۇن كىشلەرگە مەشئەل بولۇپ قارڭغۇدىن قۇتۇلدۇرۇپ ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگىنى بىلەن بىزلەرنىڭ يۈرىكىمىز ھەتتا ئۇزىمىزنىمۇ قاراڭغۇدىن قۇتۇلدۇرالمايۋاتىدۇ.
رېستۇرانلاردىكى ئابرويپەرەسلەردىن ئېشىپ قېلىۋاتقان ئېسىل تاماقلار چوشقىلارنى سەمرىتسە ،شۇھرەتپەرەسلەرنىە ھارام پۇللىرى پارىخورلارنى سەمىرتىۋاتىۋاتىدۇ.
ساپ مۇھىت بۇلغىنىپ ئۇپكىگە ساپ ھاۋا يېتىشمەي سىل كېسىلى كۇپىيۋاتىدۇ،پاك سۇيگۈ بۇلغىنىپ تومۇرغا قان يېتىشمەي يۈرەك
سۇقۇشتىن توختاۋاتىدۇ.
يامغۇر ياغدى،پۈتكۈل مەۋجۇداتلار پاكلاندى ،ياشاردى ،ئەمما چاڭ قونغان قەلىبلەر تېخى پاكلانمىدى،مەيۈس دىللار تېخى ياشارمىدى.
قار ياغدى،پۈتكۈل كائناتتىكى مەۋجۇداتلار ئاقاردى،گۈزەللەشتى،ئەمما قارا كۇڭۈللەرنىڭ ئاقارغىنى،ئەبجەش يۈرەكلەرنىڭ گۈزەللەشكىنى يوق.
چاقماق چاقتى،زېمىن زېمىندىكى مەۋجۇداتلار تىتىردى،زېمىن دۈشمىنىنى جازالىماقچىدەك ،ئەمما چاقماق چاققىنى يوق.
كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار ئازلاۋاتىدۇ،قاراڭغۇدا نۇر قەدرىنى بىلمىگەنلەرگە بىلدۇرمەكچىدەك.
پاك سۇيگۈگە گۇۋاھ بولغان ھيمۇ ئۇز نۇرىنى يۇشۇرۋاتىدۇ،پاكلىقتىن يىراقلىغان سويگۈلەردىن ئۇزىنى يىراقلاتماقچىدەك.
يەرشارى كۇندىن كۇنگە ئسسىۋاتىدۇ،قۇياش بىھۇدە يۇرەكلەرنى كۇيدۈرۈپ كۈل كىلماقچىدەك.
مۇلدۈر تېخىمۇ كۇپ،تېخىمۇ يوغان چۈشۈشكە باشلىدى،باغرى تاش مەلئۇنلارنىڭ يۈرىكىنى پارە-پارە قىلماقچىدەك.