باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1549 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوف
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 189
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە189دانە
ئۆسۈش: 3311 %
مۇنبەر پۇلى: 4297 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-28
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-04 23:09

نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوف

ئۇيغۇر  دىموكىراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىلى ، ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ھەركىتىنىڭ بايراقدارى ، تەرەققىيپەرۋەر شائېر ، يازغۇچى ، تارىخچى ، ئالىم نەزەر غۇجا ئابدۇسەمەتوف << ئۇيغۇر بالىسى >> 1887-يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ غالجات يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ، 1951- يىلى كۈزدە چاپچال ناھيەسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا ۋاپات بولغان . نەزەر غوجىنىڭ دادىسى ئابدۇسەمەت  ئىلى دىيارىدا تۇغۇلغان بولوپ ، 1860 -يىللىرى پارتىلغان ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان . موللا بىلال ئەسەرلىرىنى قول يازما ھالىتىدە كۆپ ئوقىغان ئىكەن ، شۇڭا ئۇنى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە شۇ مەزگىلىدىكى نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى دېيىشكە بولىدۇ . نەزەر غوجا كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ھېرىسمەن بولغان . ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئۈگۈنۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن قاتتىق پەخىرلەنگەن ، ھەم << ئۇيغۇر >> دىگەن ئەسلى نامنى قوللانماي ئۆزلىرىنى يۇرت ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىپ ئاتايدىغان ناملىرىنى قوللىنىدىغانلىقىدىن بىزار بولوپ <<ئۇيغۇر>> دىگەن نامنى ئوموملاشتۇرۇش مەقسىتىدە ، 1910 -يىلى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بولوپ <<ئۇيغۇر بالىسى >> تەخەللوسىنى قوللىنىپ ، ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە مۇھاكىمە ماقالىسىنى يېزىشقا باشلىغان .
ئۇنىڭ ماقالىلىرى ئەينى چاغدا ئورىنبورگ دا چىقىدىغان << شۇرا >> ژورنىلىغا بېسىلىپ ، چاررۇسىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىغا كۈچلۈك تەسىر قىلغان . نەزەر غوجا دەسلەپتە كۆپىرەك ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىپ ماقالىلەرنى يازغان . كىيىنچە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى يېزىش بىلەنلا  پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىنى يورۇتۇپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، جەنوبى شىنجاڭنى ئايلىنىپ كېلىش ئارزۇسىدا ۋە يەنە بىر جەھەتتىن دادىسى ئابدۇسەمەت بۇۋاي ۋە تۆت ياشلىق ئوغلى رىزانوۋ ۋاپاتى ئېلىپ كەلگەن قايغولاردىن يىنىكلەش مەقسىتىدە ئىبراھىم پارماش ئىسىمىلىك سودىگەر تۇققىنى ۋە باجىسىنىڭ ھەمرالىقىدا 1913- يىلى غالجاتتىن جەنۇبى شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىققان . ئۇ مۇزارد داۋىنى ئارقىلىق جەنۇبقا چۈشكەندىن كېيىن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ئېچىنغان ، ھەم شۇ ئاساستا ئالتە شەھەرگە سەپەر ناملىق ساياھەت خاتىرسىنى ۋە بىزنىڭ تۇرمۇش ناملىق ماقالىسىنى يېزىپ چىققان .
<< تارانچىلار ، قەشقەرلىكلەر ۋە ئالتە شەھەرلىكلەر قاتارلىق تۈرلۈك ناملاردا ئاتىلىپ كەلگەن كىشىلەر ئەمىليەتتە بىرلا خەلىق ، يەنى ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭدىن كېىين ھەممىسى بىردەك مىللەتنىڭ ئومومىي نامى بولغان ئۇيغۇر ئاتالغوسىنى قوللىنىشى كېرەك >> دەپ كۆرسەتكەن . 1933- يىلى ئاپىرىل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن 35 -يىلى چاقىرىلغان << مىللەتلەر قۇرۇلتىيى >> يەنى ئەينى دەۋىردە << ئاۋام خەلىق قۇرۇلتىيى >> دەپ ئاتالغان قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نامى رەسمىي ئۇيغۇر دەپ بېكىتىلىدۇ ، ئەپسوسلىنارلىقى شۇكى شۇ قۇرۇلتايدا شىڭشىسەي تەرىپىدىن تارانچى قەبىلىسى سۈنئىي رەۋىشتە ئايرىم بىر مىللەت قىلىنغان . ئۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھۆكۆمەت ھۆججەتلىرىدە<،چەنخۇي >> دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىدى . ئۇيغۇر نامى رەسمى بىرلىككە كەلتۈرلۈپ ، <<خۇيخۇي >> ، << خۇيمىڭ >> <<مۇسۇلمان>> <<چەنتۇ>> قاتارلىق ئاتالغولارنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاتالغو رەسمى قوللىنىلدى . دىمەك ، <<ئۇيغۇر >> دىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك نامنىڭ قايتا مىللەت نامى بولوپ ئوموملىشىشىدا ئۇيغۇر بالىسىنىڭ تۆھپىسىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ .
<<يۇقۇرقى مەزمۇننىڭ كېلىش مەنبەسى ئىلى دەرياسى قوش ئايلىق ئەدەبىي ژورىنال 2011-يىلى 1- سان >>
ئېلى ۋىلايىتى تارىخى ناملىق تارىختىن سۆز سەھىپىسىدىكى مۇھەررىر يازمىسى

  <<نەشىرگە تەييارلىغۇچى ئابلىز ئورخۇن >>

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1815
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 410 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-12
ئاخىرقى: 2012-03-31

بۇ بوۋىمىزنىڭ <  يورۇق ساھىللار> دىگەن ئەسىرىنىڭ نامىنى ئاڭلىغان، لىكىن كۆرۈش نىسىپ بولمىدى.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2450
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 762
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە762دانە
ئۆسۈش: 890 %
مۇنبەر پۇلى: 4667 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-28
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-05 14:38

مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن، ئۇيغۇر ئوغلى.
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 858
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە858دانە
ئۆسۈش: 2702 %
مۇنبەر پۇلى: 8962 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-05 16:47

پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1201
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 3692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2011-06-15
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-05 20:42

ئالمىلىق، مەن سىزنىڭ بۇ باش سۈرىتىڭىزدىكى ئادەمنى سىزمىكىن دەپتىكەنمەن. ىې ىې