ھەقىقى ئىنسان < ئويتاغ>
قارا قاش،قاراكۆز مۇلايىم چىھرىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان ، ھەممىلا نەرسىگە زوق ۋە ھەيرانلىق نەزىرىدە قارايدىغان ، خالتىسىدا بەلكىم بىر نان ياكى بىر نەچچە پارچە ناۋات بولسا كىرەك، قولىغا چىڭ تۇتىۋالغان ، ئوتتۇز ياشلاردىدۇ لىكىن پۈتۈنلەي دىگۈدەك چۈشۈپ كەتكەن چىشلىرى ئەللىك ياشلارنىڭ قارىسىنى بەرگەن بۇ ئايالغا ئورنۇمنى بوشىتىپ بەردىم. ئۇ قايتا -قايتا رەخمەت ئېيتىپ ئولتۇرغىلى ئۇنىمىدى دە: بايا بىراۋ باسقان قوناق تاغىرىنىڭ ئۈستىگىلا ئولتۇردى. مەن ئۇنى يۆلەپ ئورنۇمغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغاندىن كىيىنلا خۇددى بىر گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ-قاراپ قويدى.
مۇنۇ قەشقەر ، ئۆرۈمچى ۋە ئچكىرىلەردە بىراۋغا ئورۇن بوشىتىپ بىرىش ئادەتتىكى بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ، لىكىن مۇشۇ كىچىك ئىشىم تۈپەيلى سەپەرداشلىرىم ئىچىدە بىردىنلا ھۆرمەت تاپتىم.
- مانا ئوقىغان ئادەم ئاڭلىق بولىدۇ!
- ياق، ئوقىغانلا كىشىنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس،ياخشى ئادەمنىڭ بالا -چاقىسى دىگەن زادى ياخشى،،،،،
ھەممە ئادەمنىڭ نەزىرى مەندە .بىراۋلار قىزىقىش،يەنە بىراۋلار ھۆرمەت نەزىرىدە قارىماقتا. تونۇيدىغانلار تونۇمايدىغانلارغا تونۇشتۇرماقتا،مانا بىرى مىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. يەنە بىرى ئۆز يېنىغا تەكلىپ قىلدى.
ئۇلارنىڭ سۆزىدە ، كۆزىدە ساختا تەكەللۇپ ساختا ھۆرمەت ئارتۇقچە ھەسەت يوق،ھەم مەندىنمۇ ئۆمىد قىلمايدۇ!پەقەت ئۆرە تۇرۇپ قالغان بىر قېرىندىشىنىڭ جاپا تارتىپ قېلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئۇيات ، نومۇسلۇق بىر ئىش . خۇددى ئۆز ئۆرە تۇرۇپ قالغاندەك ئازابلىنىدۇ، تونۇشلاردىن بولمىسىمۇ گەرچە،،،،،،
مەن خېلى-خېلى مەدەنيەت سەۋىيىلىك ئىنسانلارنى كۆرگەن ،ئۇلارنىڭ سۈنئىيلىكىنى يالتىراپ تۇرىدىغان كىيىم-كىچەكلىرى ،دەبدەبىلىك كىشلىك تۇرمۇش ،ھايات توغرىسىدىكى ياسالما سۆزلىرى يېپىپ تۇرمىغىنىدا ئۇلارنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىپ قالىسەن!
مۇنۇ سەپەرداشلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ساۋاتسىز ،ياكى باشلانغۇچ تولۇقسىز مەلۇماتلىق . ئۇلاردا ئالىي مائارىپ ئېڭى يوق ھەم ئاڭلاپ كۆرۈپمۇ باقمىغان... لىكىن ئۇلاردا چىن ئىنسانىي پەزىلەت تولۇق. ئادەم قانچە <مەدنىيەتلىك> بولۇپ كەتسە ئۆز تەبئىتىنى ئۇنتۇپ قالامدۇ قانداق؟!!!!!،،،،،،،
كىرلىشىپ كەتكەن شاپاق دۇپپىسى ،،،،،،،،
ئۆسۈك قويۇق قاپقارا ساقاللىق،،،،،،
قەيسەرلىك ،مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى،،،،،،
كۆينىكىنىڭ ئالدى ئوچۇق ،،،،
ئىشتىنى تىزىغىچە تۈرۈلگەن ،،،،يالاڭ ئاياغ،،،،مەزمۇت،،،
ئىشچان قوللىرىدا بىر باغلام چۆپ كۆتۈرگەن ئاۋۇ كىشى دىھقان، ياق! ھەققىقىي ئىنسان!
- كۈندىلىك خاتىرەمدىن
2010-يىل 25-ئاۋغۇسىت <قەشقەر>