باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 743 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: <<يو........ق>>(سەۋەپكار)
دەرتسىز ئىشەك ئىشقىسىز كىسەك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 228
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە228دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 2337 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-03
ئاخىرقى: 2011-12-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-02 18:59

<<يو........ق>>(سەۋەپكار)

<<يو........ق>>(سەۋەپكار)

تۇنىغىن يەككە ئاللاھنى ئۇنىڭدىن ئۆزگە بىر خۇدا يوق،
بىر ئاللاھدىن باشقا ئوخشىشى ھەمدۇ سانا يوق .
چۇنكى ئاللاھ بەرمىسە كۆپلەپ ئىھسان ئاتا يوق،
ئۇندىن ياخشى بىر  مەدەتكار ياردەمچى پانا يوق.

ئۇلۇغ ئاللاھ بەك كاتتا قىلغان ئىشى ھېكىمەتلىك،
ھەر شەيئىنى بىلگۇچى ھەم كۆرگۇچى قۇدرەتلىك.
پاكتۇر بارچە ئەيىپتىن يوقتۇر سەھۋەن قىلچىلىك،
نوخسانسىزدۇر مۇنەرزە ئۇندا ھەرگىز خاتا يوق.

ئاللاھ ئۆزى مەخلۇقلارنى قۇدرىتىدىن ياراتقان ،
ھەر شەيئىنى ھەر ئورنىغا مۇناسىپ قىپ تاراتقان .
مۇھتاج قىلىپ ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ قاراتقان،
يىگانە ئۇ شىرىكسىز ئاڭا تەڭدىشى باھا يوق.

قىلىپ چىراق قۇياشنى ،يۇرىتتى بۇ چەكسىز ئالەمنى ،
چەكسىز قۇدرەت كۇچىنى جەۋلان قىلىپ تۇنىتتى .
زىننەت بىرىپ ئاسمانغا قىلدى سانسىز يۇلتۇزنى ،
بارچە قۇدرەت ئاڭا خاس، ئۆز كىشىگە راۋا يوق.

ئۇندىن باشقا كۆپ شەيئى ،مەيلى قانلىق ۋە جانسىز ،
مەيلى كۆپلەپ دەل-دەرەخ زىل-زىرائەت ۋە دانسىز .
بارچە ئۇنىڭ مەخلۇقى ،مەۋجۇتلۇقلار بار سانسىز ،
ياراتمىدى ھەر شەيئىنى بىھۇدە ،ئۇ ئىلكىدە باكا يوق.

مەيلى زىمىن مەيلى كۆك ،ياكى سۇدا بولمىسۇن ،
سانا ئېيتار بارچىسى تەڭرىمىزگە بەك نۇرغۇن .
مىسال قىلساق بۇ ھەقتە تۇگۇمەس ئاڭا مەزمۇن،
زىكرى ئېيتار يەر ئاسمان ،ئۇنداق قۇرۇق ساما يوق.

ئىبادەتكە بۇيرىلغان دىمەك ئىنسان ھەم جىنمۇ ،
بەرپا قىلغان زىمىنغا بۇيۇك ئىسلام دىننىمۇ .
ئەبەرتكەن پەيغەنبەرنى ،ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمنىمۇ ،
ئىسلام دىندىن باشقا كەڭ ،چىمەنزاردا دالا يوق.

شۇڭا ماڭار بولسۇن يۇلىمىز بۇيۇك ئىسلامنىڭ يۇلى ،
بەرپا بولسۇن ئىتىپاقلىق كىرىسسۇن مۆئمۇن قۇلى.
قۇرۇلسۇن بەك مۇستەھكەم دىنىمىزنىڭ ئاساسى ئۇلى ،
بۇ  ئىنسانغا نىجاتلىق يۇلىدۇر باشقا مۇقۇم تانا يوق .

رەببىمىزنى ھەق تۇنۇپ كىرىشەيلى ئىبادەتكە ،
تەقۋالىقنى لازىم تۇتۇپ ھېرىس بولماي پاراغەتكە .
نىجاتلىقنىڭ يۇلىدا ماڭايلى بىز داۋام  مەڭگۇگە،
توغرا يولدا ئەجىر-ساۋاپ كۆپتۇر ئاخىرەتتە جازا يوق .

پەيغەنبىرىمىزنىڭ سۇننۇتىنى تۇتۇپ ئىجرا قىلايلى ،
ھەمدە ئاتا-ئانىمىزنى ياخشى رىزا قىلايلى.
خىزمەت قىلىپ ئارزۇسىنى شۇئان بىجا قىلايلى،
بۇ دۇنيادا ئاتا-ئانىدىن ئۆزگە ئۇنداق كاتتا مازا يوق .

ئۇنتۇمايلى ئاخىرى كىلىدۇ ھەممىمىزگە ئەجەل ،
مال-مۇلۇك ،ھاياتلىق ئامانەتتۇر بىر مەھەل .
بىر خۇدادىن باشقا ھەممە نەرسە يۇقۇلار تۇگەل ،
بۇ ئۇلۇمگە دۇنيادا ھېچ بىر ياخشى داۋا يوق .

ياخشىلىقنى تاشلىمايلى ئېزقاتار مەھشەر كۇنى ،
ھەمدە كۇرەر شۇ كۇندە ،ھەق جازا مۇكاپاتنى .
پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ ئۇنىڭ ھال -ئەھۋالىنى ،
ئۇندا ئاللاھ ئۆزى ھاكىم ئۆزگە ئادىل قازى يوق،

زىكرى ئېيتىپ ھەر دائىم قىلايلى بىز ئىستىقپار ،
ئاللاھ يادى دىلدىن ھەم تىلدىن قالمىسۇن زىنھار.
ئاسىلارنىڭ جازاسى بۇلۇر ئاخىرى جەھەننەمدە بار ،
دەۋزەخ ئەھلىدىن .ئۆزگە ئۇنداق بەختى قارا يوق.

كىرمەيلى بىز غاپىل بۇلۇپ نەپسىمىزنىڭ كەينىگە ،
نەپسى -شەيتان ھەۋەسىنىڭ يۇلىغا شەيتان ئىگە.
شۇ نەپسىنىڭ دەستىدىن يىتەر كۆپلەپ كۇلپەتلەر،
بۇ دۇنيادا شۇ نەپسىدىن بىلەك ئۇندا يامان بالا يوق.

قىيامەت كۇن ئەجەپ كۇندۇر بەكمۇ سۇرلۇك بەك ھەيۋەت ،
زىل-زىلىسى ئاجايىپ ،قورقۇنچىسى بەك دەھشەت.
ئىنسانلارنى بېسىپ كىتەر ئېغىر غەم-قايغۇ ۋە كۇلپەت.
قىيامەت كۇندىن باشقا ئۇنداق كاتتا بازار يوق .
مەنبە؛ ئۆزۇم
ئوۋچىنىڭ قۇرالى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن.!!!......؟
دەرتسىز ئىشەك ئىشقىسىز كىسەك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 228
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە228دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 2337 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-03
ئاخىرقى: 2011-12-18

ھەي......!!! بىچارە تىما شۇنچە قايناق گۇللۇكتە نىمىشقا غىرپسىنىپ قالدىڭ.... بوپتۇ ، كۇللەرنىڭ بىر كۇنى سىنىڭمۇ قەدىرىڭ ،بۇلۇپ قالا ، ھەرگىز غىرىپسىنىپ قالدىم دەپ ئاھ ئۇرما ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ ،ياخشىلارنىڭ مۇكاپاتى ياخشىلىق يامانلارنىڭ مۇكاپاتى يامانلىق ،سەۋرى قىلغىن .
ئوۋچىنىڭ قۇرالى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن.!!!......؟
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2851
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 989
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە989دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 5377 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2012-03-15
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 00:19

پاھ  ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن قىرنىدشم بەك ياخشى يىزىپىسز .. بۇ شئىرىڭىزنىڭ قەدىرنى بىلىگەنلەرنىڭ ئالىدىغا ھەرگىزمۇ غىرىپ سلىنىپ قالمايىدۇ.  


< خالىس ياردەم _ بارلىق كەڭساي تورنى زىيارەت قىلغۇچى دۇستلار كەڭسايغا كىرگەنىدە كەڭسايىدىكى ئىلاننى چىكىشنى ئۇنىتۇپ قالماڭلار!!! ۋاختى بارلار 5-مىنۇتتا  بىرقىتىىدىن باسساڭلاربۇلىدۇ.>