老布称赞绿城国奥小将
Blazevic بارىنىڭ ئېسىل ئىپادىسىدىن تولىمۇ سويۇندى
布拉泽维奇现场观看了杭州绿城的亚冠比赛,对于国奥队球员巴力的表现,老布非常的高兴,他认为弟子非常棒。
Blazevic "خاڭجۇ يېشىل شەھەر" كوماندىسىنىڭ مۇسابىسىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ،دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بارىنىڭ ئىپادىسىدىن ئىنتايىن رازى بولدى ۋە شاگىرتىنى "بەك ياراملىق" دەپ ماختىدى.
球迷初识巴力,是因为布拉泽维奇将他召入国奥队。亚冠比赛中,这名小将一传一射,成为杭州绿城取胜的最大功臣。看到弟子如此完美的表现,现场观战的布拉泽维奇也是非常高兴,巴力已经预定了下期国奥队集训的名额。
پۇتبولخۇمارلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە بارىنى تونىشى Blazevic نىڭ ئۇنى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا قوبۇل قىلىشىدىن باشلانغان. ئاسىيا ئۇزغۇنلار مۇسابىقىسىدە بۇ ئەزىمەت ھەل قىلغۇچ پاستىن بىرنى چىقىرىپ ۋە ئېسىل توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، "خاڭجۇ يېشىل شەھەر" كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ توھپىكارىغا ئايلاندى. شاگىرتىنىڭ بۇنداق ئېسىل ئىپادىسىنى نەق مەيداندا كۆرگەن Blazevic مۇ ئىنتايىن خۇشال بولدى. بارىنىڭ كىلەر نۆۋەتلىك دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى ئەزالار مەشقىگە قاتنىشىشىمۇ ئالدىن بىكىتىلدى.
国奥队集训结束之后,国奥队教练组和高洪波等人一同奔赴杭州,观看绿城的亚冠联赛。
دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى كوللىكتىپ مەشقى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى تېرىنىرلار گورۇپپىسى ۋە گاۋ خۇڭبو قاتارلىق بىر بۆلۇك كىشىلەر بىرلىكتە خاڭجۇغا كېلىپ "خاڭجۇ يېشىل شەھەر" كوماندىسىنىڭ "ئاسىيا ئۇزغۇنلار مۇسابىقىسى" نى كۆرگەن.
下半场比赛,巴力替补出场,没想到这个换人扭转了战局。巴力首先助攻拉米雷斯首开纪录,自己最后时刻则为杭州绿城锁定胜局。看到弟子如此出色的表现,看台上的布拉泽维奇非常兴奋。"这场胜利,真让人开心,也坚定了我们教练组的信心。"布拉泽维奇说。
بارى زاپاس ئەزا سۈپىتىدە ئىككىنجى يېرىم مەيداندا مەيدانغا چىقىپ توپ ئوينىغان بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن توپ جېڭىدىكى قاتماللىق بۈزۈپ تاشلانغان. بارى ئاۋال Ramires نىڭ توپ ئۇرىشىغا ياردەم قىلغان ۋە ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ پەيتتە ئۆزىمۇ ناھايىتى چىرايلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، "خاڭجۇ يېشىل شەھەر" كوماندىسىنىڭ زەپەر دەرۋازىسىنى ئاچقان. شاگىرتىنىڭ شۇنداق ئېسىل ماھارىتىنى كۆرگەن كۆرۈش سۇپىسىدىكى Blazevic مۇ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا: "بۇ غەلبە كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى، بىز تېرىنىرلارنىڭ ئىشەنچىسىنىمۇ چىڭىتتى " دەپ چىكىلداپ كەتكەن.
这批国奥队,一直被认为没有可用之才。巴力的横空出世,改变了人们之前的认识,同时也让人佩服老布独到的眼光。"巴力速度快、有拼劲,特点很突出。上次集训,巴力才入选国奥队,相信他能够有更好的未来。"助理教练黎兵说。对于场上弟子的表现,布拉泽维奇则是给予高度评价,认为每个人都非常出色。
كىشىلەر ئىزچىل ھالدا:" بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدىمۇ كارغا كەلگۈدەك ئادەم يوق" دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى. بارىنىڭ ئاسماندىن چۈشكەندەك پەيدا بولىشى، كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كۆز-قاراشلىرىنى ئۆزگەرتتى ھەمدە Blazevic نىڭ ئۆزىگە خاس ئادەم تاللاش ئۇسسۇلىغا بولغان قايىللىقىنى ئاشۇردى.
下期国奥队集训将在3月18日进行,地点依然安排在上海。布拉泽维奇今天还将观看上海申花的比赛,几名国奥队球员依然是考察重点。
كىلەر نۆۋەتلىك دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى ئەزالار مەشقى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلىنىدۇ. مەشىق ئورنى يەنىلا شاڭخەي بولىدۇ. Blazevic بۈگۈنمۇ نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرۈپ، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدىكى يەنە بىر قانچە ئەزانىڭ ئىپادىسىنى گۈزىتىدۇ.
|
http://sports.163.com/11/0302/10/6U4RQO7F00051C89.html