1.ئىلىمنىڭ ئاپىتى- ئەستىن چىقرىپ قويۇش ۋە ئىلىمگە رىغبىتى بولمىغان كىشلەرگە (ئىلىم) ئۆگىتىپ، ئۇنى زايە قىلماقتۇر.
2. قىزلارنى تۇرمۇشقا چىقرىش توغرىسدا ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىڭلار.
3.مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ : يالغان سۆزلەش، ۋەدىسدە تۇرماسلىق ۋە ئامانەتكە خىيانەت قىلىش؛
4.چاقىرىلغان جايغىلا بىرىڭلار .
5.نەپەقە ۋە سەدىقە بىرىشتە ئاۋۋال ئۆزۈڭدىن باشلا. ئەگەر بىرەر نەرسە ئوشۇق بولسا، بالا-چاقاڭغا بەر، يەنە بىرەر نەرسە ئىشىپ قالسا، قىرىنداشلىرىڭغا بەر. ئۇلاردىنمۇ ئىشىپ قالسا ، ئاندىن باشقىلارغا بەر.
6.ھالال ۋە رۇخسەت قىلىنغان نەرسىلەر ئىچىدە ئاللاغا خۇش كەلمەيدىغىنى - تالاقدۇر.
7.ئادەملەر ئىچىدە ئاللاغا يىقىمسىزراق بولغىنى - باشقىلارغا ئەشەددى دۈشمەنلىك قىلغۇچىلاردۇر.
8.بىتئەد-خۇراپاتلىققا بىرىلگەن ئادەم تا ئۇلارنى تەرك قىلمىغۇچە ، ئۇنىڭ قىلغان ساۋاپلىق ئىشلىرىنى اللا قوبۇل قىلمايدۇ.
9.تائامنى سوۋۇتۇپراق ئىسىتىمال قىلىڭلار،ئىسسىق،قىززىق تائامدا بەرىكەت بولمايدۇ.
10.ھەربىر قوۋمنىڭ قىز پەرزەنتىدىن تۇغۇلغان بالىمۇ شۇ قوۋۇمغا مەنسۇپتۇر .
11.قارا تەنلىك خەلىقلەرنىمۇ دوست تۇتىۋىرىڭلار،چۈنكى ئۇلاردىن ئۈچەيلەن جەننەت ئەھدىدۇركى ،ئۇلار 1.لوقمان ھىكىم 2.نەجاشى 3.مۇئەززىن بىلال ھەبەشى .
12.قەلبىڭ مۇلايىم،ھاجىتىڭ راۋا بولۇشنى خالامسەن ؟ خالىساڭ يىتىملەرگە مىھرىبان بول.ئۇلارنىڭ بىشىنى سىيلا.ئۆز تائامىڭدىن ئۇلارغا يىگۈز.شۇنداق قىلساڭ دىلىڭ يۇمشاق،ھاجىتىڭ راۋا بولۇر.
13.قوي بىقىڭلار . چۈنكى قوي بەرىكەتتۇر.
14.چىقىمچىلىق نىمە بىلەمسىلەر ؟ ئۇ ئادەملەرنىڭ گەپلىرىنى بىر- بىرىگە توشۇشتىن ئىبارەت.
15.ھارام نەرسىلەردىن ساقلان-ئادەملەر ئىچىدە ئىبادەتلىكرەك ئادەم بولىسەن.اللانىڭ تەقسىم قىلغان رىسىقىغا رازى بول-ئادەملەر ئىچىدە بايراق ئادەم بولىسەن.قوشناڭغا ياخشىلىق قىل-تىنىچ بولىسەن . ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئادەملەرگىمۇ راۋا كۆر.سالامەت يۈرىيسسەن.تولا،كۆپ كۈلمە.كۆپ كۈلۈش دىلنى ئۆلتۈرىدۇ.
16.اللادىن قورق.ياخشى ۋە خەيرىلىك ئىشلارنىڭ بىرەرىنى كىچىك ھىسابلىما . سۇ سورىغان كىشىنىڭ قاچىسىغا چىلەكتىن سۇ قويۇپ بىرىش بىلەن ياكى بۇرادەرنى ئوچۇق چىراي قارشى ئىلىش بىلەن بولسىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار. كىبىرلىك ئۈچۈن ئىشتاننى ئۇزارتىپ كىيىشتىن ساقلان.اللا تەكەببۇرلۇقنى يامان كۆرىدۇ.ئەگەر سىزنى بىر كىشى ھاقارەتلىسە ، ۋە سىزدە يوق ئەيىپلەر بىلەن ئىەيىپلىسە ئۇنى ئۇنىڭدا بار ئەيىپلەر بىلەن ئەيىپلىمەڭ.ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماڭ.شۇندا گۇناھ ئۇنىڭغا ، ساۋاپ سىزگە بولىدۇ.ھىچكىمنى ھاقارەتلىمەڭ.
17.اللادىن قورقۇڭلار ۋە پەرزەنتىڭلارغا ئوخشاش مىھىردە بولۇڭلار. ئۇلارغا كىيىم ۋە تائاملارنى باراۋەر تەقسىملەرڭلار .
18.ئىككى كىشىگە اللا قىيامەت كۈنى رەخمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ . بىرى،سىلە رەھىمنى ئۆزگىچە ، يەنە بىرى يامان قوش.
19.ئىككى كىشى بىر كىشىدىن ياخشى . ئۈچ كىشى ئىككى كىشىدىن ياخشى . تۆت كىشى ئۈچ كىشىدىن ياخشى . كۆپچىلىك بىلەن بىللە بولۇڭلار . اللا ئۈممەتلىرىنى پەقەت توغرا يولدا مىڭىش ئۈچۈن بىرلەشتۈرىدۇ.
20.ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدىغان يەتتە خىل گۇناھتىن ساقلىنىڭلار ، 1.اللاغا شىرىك كەلتۈرمەك. 2. سىھىر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماق. 3. بىراۋنى ناھەق ئۆلتۈرمەك 4. جازانىخورلۇق 5. يىتىملەرنىڭ مىلىنى يەۋىلىش . 6.ۋەتەن مۇداپىئەسى ئۈچۈن بولىۋاتقان ئۇرۇشتىن قىچىش. 7.ئەرلىك ،مۆمىن ئىپپەتلىك ئاياللارنى پاھىشە دەپ ھاقارەتلەش.