باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1435 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ساھابىلەر ھاياتى بىلەن تۇنۇشىشنى خالامسىز ؟
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 8884 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-08-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-28 16:31

ساھابىلەر ھاياتى بىلەن تۇنۇشىشنى خالامسىز ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم مەن بىلوگىمغا بىر قىسىم ساھابىلەرنىڭ ھاياتىنى يوللىغان ئىدىم ، باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئۇقۇپ پايدىلنىشىنى ئۈمۈت قىلمەن ھازىرچە 40 دىن ئاشىدۇ . داۋامى داۋاملىق يوللىندۇ ،



ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھل

ئىكرىمە سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا مۆئمىن مۇھاجىر ھالىتىدە كېلىدۇ، سىلەر ئۇنىڭ ئاتىسىنى تىللىماڭلار، ئۆلۈكنى تىللاش ھايات ئادەمگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۆلۈككە يەتمەيدۇ»

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

«مۇھاجىر يولۇچىنى قارشى ئالىمىز»
بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىكرىمەگە قىلغان سالىمى. ئۇ قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى، ئەڭ باي، نەسەبى ئېسىل كىشىسى ئىدى.
ئەگەر ئاتىسىنىڭ سەۋەبىدىن بولمىغان بولسا مەككىدىكى مەرتىۋىلىك ئائىلە پەرزنتلىرىدىن سەئد ئىبنى ئەبۇۋاققاس، مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ تەڭتۈشلىرى ئىسلام كەلتۈرگىنىدەك، ئۇنىڭمۇ ياش چاغلىرىدا ئىسلام كەلتۈرۈشى ئېنىق ئىدى.
ئۇنداقتا، بۇ ئاتا زادى كىم؟!
ئۇ مەككىنىڭ چوڭ زۇمىگىرى، مۇشىرىكلارنىڭ بىرىنچى قول كاتتىبېشى، اللھ ئۇنىڭ جازالىشى بىلەن، مۆئمىنلارنىڭ راستچىللىقىنى سىنىغان، ئازاب ئىگىسى ئىدى. مۆئمىنلار ئازاب ئالدىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ ئىمانىدا راستچىل بولغان ئىدى.
مانا بۇ ئاتا ئەبۇجەھل، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك...
بۇ ئۇنىڭ ئاتىسى، ئەمما مەخزۇم قەبىلىسىدىن بولغان ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھل قۇرەيشلەرنىڭ ساناقلىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر باتۇر، چەۋەندازلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
ئىكرىمە ئۆزىنىڭ ئاتىسىنىڭ باشلىقلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن دۈشمەنلىشىشكە باشلىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قاتتىق دۈشمەنلەشتى. ساھابىلارغا چەكسىز ئەزىيەت يەتكۈزدى، مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا، ئاتىسىنى خۇرسەن قىلغىدەك ئازابلارنى سالدى.
بەدىر كۈنىسى ئاتىسى مۇشرىكلارغا قۇماندانلىق قىلغاندا مۇھەممەدنى قورقاتمىغۇچە مەككىگە قايتماسلىققا، لات، ئۇززا بىلەن قەسەم قىلدى، بەدىردە تۆگىلەرنى بوغۇزلاش، ھاراق ئىچىش، چالغۇ -ئەسۋاپلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ بېرىشتىن ئىبارەت، ئۈچ ئىشنى ئورۇنلاشتۇردى...
ئەبۇجەھل جەڭگە قۇماندانلىق قىلىۋاتقاندا ئىكرىمە ئاتىسىنىڭ تايىنىدىغان يان تايىقى، ئۇ ئارقىلىق باشقىلارنى جازالايدىغان قولى بولدى.
لېكىن لات، ئۇززا ئەبۇجەھلىنىڭ نىداسىنى ئاڭلىمىدى. چۈنكى، ئۇلار گاس ئىدى. ئۇنىڭغا جەڭدىمۇ ياردەم قىلمىدى. چۈنكى، ئۇ ئىككىسى ياردەم بېرىشتىن ئاجىز ئىدى...
ئەبۇجەھل بەدىر جېڭى قىلماستىن يېقىلدى، ئوغلى ئىكرىمە ئۆز كۆزى بىلەن ئۇنىڭ قېنىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىچى ئارقىلىق ئاققىنىنى كۆردى، ئاتىسىنىڭ لەۋلىرى ئارىسىدىن چىققان ئاخىرقى خىقىراشلىرىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىدى.
ئىكرىمە ئاتىسىنى بەدىردە قالدۇرۇپ قايتتى، مەغلۇبىيەت ئۇنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشتىن ئاجىز قىلغان، قېچىش ھالاكچىلىكى ئاتىسىنىڭ جەسىدىنى مۇسۇلمانلارغا قالدۇرۇپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى.
مۇسۇلمانلار ئەبۇ جەھىلنىڭ جەسىدىنى نەچچە ئون قۇرەيشلىكلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن بىرگە قەلب قۇدۇقىغا تاشلاپ، قۇم بىلەن تىندۇرىۋەتتى.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئىكرىمە ئىسلام بىلەن باشقىچە قارشىلىشىشقا ئۆتتى، ئۇ بۇرۇن ئاتىسىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسلام بىلەن دۈشمەنلەشكەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئاتىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن دۈشمەنلىشىدىغان بولدى.
مۇشۇ سەۋەبتىن ئىكرىمە ۋە بەدىردە ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئۆلتۈرۈلگەن بىر قانچە كىشىنىڭ ( مۇشرىكلارنىڭ) قەلبىدە مۇھەممەدكە نىسبەتەن ئاداۋەت قوزغاشقا، قۇرەيشلەرنىڭ قىساسكارلىرىنىڭ قەلبىگە قىساس ئوتىنى يېقىشقا باشلىدى. ئاخىرى ئۇھۇد جېڭى بولدى.
ئىكرىمە ئۇھۇدقا چىقتى، شۇنداقلا جەڭگە قىزىقتۇرۇش، ئاتلىقلار قاچماقچى بولسا، مۇستەھكەم قىلىشقا ئايالى ئۇممۇھەكىمنى بىر قانچە قىساسكار ئاياللار بىلەن سەپ ئارقىسىدا تۇرۇپ داپلارنى چېلىشقا ئېلىپ چىقتى.
قۇرەيشلەر ئاتلىقلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە خالىد ئىبنى ۋەلىدىنى سول تەرىپىدە ئىكرىمەنى تۇرغۇزدى، بۇ ئىككى مۇشرىك چەۋەنداز بۇ كۈندە قاتتىق قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، قۇرەيشلىكلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرىغا بولغان ھۇجۇمىنى كۈچەيتىپ، مۇشرىكلار ئۈچۈن زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردى، ھەتتاكى ئەبۇسۇفيان: بۇ بەدىر كۈنىنىڭ ئورنىغا... دەپ كەتتى.
خەندەك كۈنى مۇشرىكلار مەدىنىنى ئوزۇن ۋاقىت مۇھاسىرگە ئالدى، ئىكرىمەنىڭ سەۋرى- تاقىتى تۈگەپ مۇھاسىر قىلىۋېرىشكە چىدىيالمىدى. ئۇ خەندەكنىڭ تار يېرىدىن ئېتىنى چاپتۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر قانچە تەۋەككۈلچىلارمۇ ئۆتتى، بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەمرى ئىبنى ئابدىلۋۇد ئامرى باردى... ئىكرىمە شۇنداق قىلىپ قېچىپ قۇتۇلدى.
فەتھى كۈنى قۇرەيشلەر رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، مەككە يولىنى بىكارلاپ بېرىش قارارىغا كەلدى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قارار چىقىرىشىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇماندانلىرىنى مەككىلىكلەردىن ئۆزلىرىگە قارشى چىقمىغانلار بىلەن ئۇرۇشماسلىققا بۇيرۇغانلىقىنى بىلگەنلىكى سەۋەب بولغان ئىدى.
لېكىن ئىكرىمە ۋە بىر قانچە كىشى بىرلىشىپ، چوڭ قوشۇننىڭ ئالدىنى توستى، خالىد ئىبنى ۋەلىد كىچىك جەڭدە ئۇلارنى مەغلۇب قىلدى، ئۇلاردىن قارشىلاشقىنى ئۆلدى، قاچقانلىرى قېچىپ قۇتۇلدى، قاچقۇنلار قاتارىدا ئىكرىمەمۇ بار ئىدى.
ئىكرىمەنىڭ بېشى قاتتى ۋە پۇشايمان قىلدى...
مەككە مۇسۇلمانلارغا بويسۇنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تار كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بورۇن ئۆزىگە قارشى چىققانلارنى ئەپۇ قىلدى...
لېكىن بىر قانچە كىشى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاپ، گەرچە كەئبنىڭ پەردىسى ئاستىدىن تېپىلسىمۇ، ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى، بۇ بىر قانچە كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ بېشىدا ئىكرىمەمۇ بار ئىدى. شۇڭا ئۇ يوشۇرۇن ھالدا مەككىدىن چىقىپ يەمەنگە يول ئالدى. چۈنكى، ئۇ يەردىن باشقا ئۇنىڭ پاناھلىنىدىغان يېرى قالمىغان ئىدى.
بۇ چاغدا ئىكرىمەنىڭ ئايالى ئۇممۇھەكىم، ئۇتبەنىڭ قىزى ھىندى ۋە ئون ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئىككى ئايالى ۋە قىزى پاتىمە، ئابدۇلمۇتەللىب جەمەتىدىن بىر قانچە ئايال بار ئىدى، ھىندى يۈزىنى يۆگىگەن ھالدا سۆزلىدى:
ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! ئۆزى ئۈچۈن تاللىغان دىننى ئاشكارا قىلغان اللھ تائالاغا مەدھىيىلەر بولسۇن! مەن سەندىن ماڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشىڭنى سورايمەن، مەن ئىمان ئېيتقۇچى، راستىچل ئايال، دەپ يۈزىنى ئېچىپ:
مەن ئۇتبەنىڭ قىزى ھىندى، دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
سىزنى قارشى ئالىمىز، دېدى.
اللھ بىلەن قەسەمكى، ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! يەر يۈزىدە مەن خار بولۇشىنى سېنىڭ ئۆيۈڭدەك ئارزۇ قىلىدىغان ئۆي يوق ئىدى، ئەمدىلىكتە زېمىندا سېنىڭ ئۆيۈڭدەك ئۇلۇغ بولۇشنى تىلەيدىغان ئۆي يوق بولۇپ قالدى ! دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :«تېخىمۇ زىيادە بولسۇن» ، دېدى.
ئاندىن ئىكرىمەنىڭ ئايالى ئۇممۇھەكىم ئىسلام كەلتۈردى ۋە:
ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! ئىكرىمە سېنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭدىن ئەنسىرەپ، يەمەنگە قاچتى، سەن ئۇنىڭغا ئەمىنلىك بەرسەڭ، اللھ سېنىمۇ ئەمىن قىلسۇن!دېدى.
«ئۇ ئەمىنلىككە ئېرىشكۈچىدۇر»
ئۇممۇھەكىم شۇ چاغدىلا ئېرى ئىكرىمەنى ئىزدەپ ماڭدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇملۇق بىر خىزمەتكارى بار ئىدى، ئۇ ئىككەيلەن يولدا كېتىۋاتقاندا، خىزمەتكار ئۇنى ئۆزىگە تەلەپ قىلدى، ئۇممۇھەكىم ئۇنى ئۈمىدلەندۈرۈپ ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا باشلىدى، تاكى ئەرەبلەرنىڭ بىر كەنتىگە كېلىپ، ئۇ ئەرەبلەردىن ياردەم سورىدى، كىشىلەر بۇ نىيىتى بۇزۇق خىزمەتكارنى باغلاپ، ئۆز يانلىرىدا ئېلىپ قالدى.
ئۇممۇھەكىم يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىكرىمەنى تىھامەدىكى دېڭىز بويىدىن تاپتى، ئۇ بىر مۇسۇلمان كېمىچى بىلەن ئۆزىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇش توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقان ئىكەن:
سېنى ئۆتكۈزۈپ قويۇشۇم ئۈچۈن پاكلان!دېدى ئۇ كېمىچى.
قانداق پاكلىنىمەن؟ سورىدى ئۇ.
بىر ئىلاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد اللھ نىڭ ئەلچىسى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىسەن.
مەن مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا قاچقان ئىدىم،
بۇلار سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇممۇھەكىم ئىكرىمەنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ئى تاغامنىڭ ئوغلى! مەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى، ياخشىسى، ئېسلىنىڭ يەنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ قېشىدىن كەلدىم... ۋە ئۇنىڭدىن ساڭا ئەمىنلىك تەلەپ قىلدىم، ئەمىنلىك بەردى، ئۆزەڭنى ھالاك قىلما،دېدى.
سىز ئۇنىڭغا گەپ قىلدىڭىز؟
شۇنداق، ئۇنىڭغا گەپ قىلدىم، ئۇ ساڭا ئەمىنلىك بەردى، دەپ ئىكرىمەننى ئۈمىدلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن قايتتى.
ئۇممۇھەكىم ئۇنىڭغا رۇملۇق خىزمەتكارنىڭ ئەسكىلىكىنى ئېيتتى، ئىكرىمە خىزمەتكارى بار جايدىن ئۆتكەندە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
ئۇلار كېتىۋېتىپ، بىر جايغا كەلگەندە، ئىكرىمە ئايالىغا خالىي بولۇش تەلىپىنى قويدى. لېكىن ئۇممۇھەكىم قاتتىق قارشىلىق تەلەپپۇزىدا:
ياق، مەن مۇسۇلمان، سىز مۇشرىك،دېدى
سىز بىلەن مېنىڭ خالىي بولۇشىمغا تۇسالغۇ بولىدىغان نەرسە نېمىدېگەن چوڭ؟! دېدى ئىكرەمە.
ئىكرىمە مەككىگە يېقىنلاشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا:
«ئىكرىمە سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا مۆئمىن مۇھاجىر بولۇپ كېلىدۇ، سىلەر ئۇنىڭ ئاتىسىنى تىللىماڭلار، ئۆلۈكنى تىللاش، ھايات ئادەمگە ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ. ئۆلۈككە يېتىپ بارالمايدۇ،» دېدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئىكرىمە ئايالى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرغان جايغا يېتىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرۈپلا، رىداسىنىمۇ كېيمەستىنلا خۇشاللىقىدا ئۇنىڭ قېشىغا باردى... پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرغاندا، ئىكرىمە ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ:
ئى مۇھەممەد! ئۇممۇھەكىم سېنىڭ ماڭا ئەمىنلىك بەرگىنىڭنى خەۋەر قىلدى،دېدى.
«راست ئېيتىپتۇ، سەن ئەمىنلىككە ئېرىشتىڭ»، دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام .
مېنى نېمىگە چاقىرىسەن؟
«بىر اللھ تائالادىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، مېنىڭ اللھ نىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرىشكە، ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، چاقىرىمەن» دەپ، ئۇنىڭغا ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۈگەتتى، ئىكرىمە:
اللھ بىلەن قەسەمكى، سەن پەقەتلا ھەققە چاقىردىكەنسەن، ياخشىلىققا بۇيرۇيدىكەنسەن، اللھ بىلەن قەسەمكى، سەن دەۋەتكە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ راستچىل، ياخشى ئادەم ئىدىڭ، دەپ قولىنى ئاچتى ۋە:
اللھ تائالادىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، سېنىڭ شۇ اللھ نىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، سەن ماڭا مەن دەيدىغان ياخشى سۆزىنى ئۆگىتىپ قويساڭ،دېدى.
«بىر اللھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد اللھ نىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى، دېگىن» دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام
ـ ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟
«اللھ ۋە بۇ يەردىكى بارلىق كىشىلەرنى مېنىڭ ئىسلام كەلتۈرگۈچى، مۇجاھىد، مۇھاجىر ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق قىلىمەن، دېگىن»، دېدى. ئىكرىمە شۇنداق دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:
«مەن بۈگۈن ساڭا بەرگىلى بولىدىغان قانداقلا نەرسە سورىساڭ بېرىمەن» دېدى.
مەن سېنىڭدىن، ئىلگىرى ساڭا قىلغان بارلىق دۈشمەنلىكىلىرىمنى، سەن بىلەن ئۇرۇشقان ئورۇنلارنى ۋە سەن بار ياكى يوق يېرىڭدە سەن توغرىلىق ئېيتقان بارلىق يامان سۆزلىرىمنى كەچۈرۈشىڭنى سورايمەن.
«ئى اللھ! ئۇنىڭ ماڭا قىلغان بارلىق ئاداۋىتىنى، سېنىڭ نۇرۇڭنى ئۆچۈرمەكچى بولۇپ، ماڭغان ھەر بىر ئورۇننى، مېنىڭ بار ياكى يوق يەرلىرىمدە، قىلغان مېنىڭ ئابرۇيىمغا مۇخالىپ سۆزلىرىنى كەچۈرۈم قىلغىن» دېدى...
ئىكرىمەنىڭ چىرايى خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:
ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! اللھ بىلەن قەسەمكى، اللھ يولىدىن توساش ئۈچۈن قىلغان ،نەفىقە قىلغان نەرسىلەرنى ئەمدى ھەسسىلەپ اللھ نىڭ يولىغا چىقىم قىلىمەن، اللھ يولىدىن توسۇشقا قىلغان جەڭلىرىمنى، ئەمدى اللھ رازىلىقى ئۈچۈن ھەسسىلەپ قىلىمەن، دېدى.
ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، دەۋەت سېپىغا جەڭ قىلغۇچى باتۇر بىر چەۋەنداز، مەسچىتتە اللھ تائالانىڭ كىتابىنى ئوقۇپ، كېچىسى تۇرىدىغان ئىبادەتكار قوشۇلدى، ئۇ قۇرئاننى پىشانىسىدە قويۇپ تۇرۇپ:
پەرۋەردىگارىمنىڭ كىتابى... پەردىگارىمنىڭ سۆزى... دەپ اللھ تائالادىن قورقۇپ يىغلاپ كېتەتتى.
ئىكرىمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن ۋەدىسىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلىدى، ئىسلام كەلتۈرگدىن كېيىن، مۇسۇلمانلار قىلغان ھەر قانداق جەڭلەرگە قاتناشتى، ھەر ئىشتا ئالدىدا ماڭدى.
يەرمۇك كۈنى ئىكرىمە خۇددى قىزىق كۈندە، ئۇسسۇز ئادەم سۇغاق سۇغا تەشنا بولغاندەك تەشنالىقتا جەڭگە كىردى.
بەزى جايلاردا مۇسۇلمانلارغا قىيىنچىلىق كۈچەيگەندە ئۇ ئاتتىن چۈشۈپ، قىلىچنىڭ غىلاپىنى سۇندۇرۇۋەتتى، رۇملۇقلار سېپىگە ئىچكىرىلەپ كىردى. خالىد ئىبنى ۋەلىد ئالدىراپ كېلىپ:
ئى ئىكرىمە! ئۇنداق قىلما، سېنىڭ ۋاپات بولۇشىڭ مۇسۇلمانلارغا ئېغىر كېلىدۇ، دېدى.
ئى خالىد! مېنى قويىۋەت، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن خېلى ئىلگىردىنلا بىرگە، ئەمما ئاتام بىلەن ئىككىمىز بولساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق قارشىلارشقانلار، مېنى قويىۋەت، مەن ئىلگىرى قىلغانلىرىمنى يۇيىمەن، مەن پەيغەمبەرگە قارشى نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى قىلدىم، ئەمدىلىكتە رۇملۇقلاردىن قاچىمەنمۇ؟! مەڭگۈ بۇنداق بولمايدۇ، دېدى. ئاندىن كۆپچىلىككە:
كىم ئۆلۈمگە بەيئەت قىلدۇ؟ دېدى.
400 مۇسۇلمان ئىچىدە ئۇنىڭ تاغىسى ھارىس ئىبنى ھىشام، زىرار ئىبنى ئەزۋەر قاتارلىقلار ئۇنىڭغا بەيىئەت قىلدى. خالىدنىڭ قارارگاھىنىڭ يېنىدا قاتتىق جەڭ قىلدى.
يەرمۇك ئۇرۇشى مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقاندا، ئۇلاردىن ئۈچ جەڭچى، يەرمۇك زېمىنىدا قاتتىق يارىلانغان ھالدا سۆزۈلۈپ ياتاتتى، ئۇلار ھارىس ئىبنى ھىشام، ئەيياش ئىبنى ئەبۇرەبىئە ۋە ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇجەھل ئىدى. ھارىس ئىچىشكە سۇ تەلەپ قىلدى، ئۇنىڭغا سۇ كەلتۈرۈلگەندە، ئىكرىمە سۇغا قارىدى، ھارىس:
ئىكرىمەنىڭ قېشىغا ئاپىرىڭلار، دېدى.
سۇنى ئۇنىڭغا ئەكەلگەندە ئەيياش قارىدى، ئىكرىمە ئىچمەستىن:
ئۇنىڭغا ئاپىرىڭلار! دېدى.
ئۇلار ئەيياشنىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۇ نەپەستىن توخىتىغان ئىكەن...
ئۇلار ئۇنىڭ ئىككى دوستىنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۇلارمۇ ۋاپات بولغان ئىكەن، اللھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن!...
ئۇلارنى ئىچكەندىن كېيىن ئۇسسىمايدىغان ھەۋزى كەۋسەر بىلەن سۇغارسۇن!...
ئۇلارغا مەڭگۈ يايرايدىغان پىردەۋس باغچىسىنى تەقدىم قىلسۇن!...
ئامىن!!!

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8946
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 24
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-12
ئاخىرقى: 2011-11-21

چىقمىدىغۇ ئۇنداق توربەت يوق دەپ چىقىۋالدى...
مەن بىرنى دەپبىرەي ئەمىسە sahabilar.blogbus.com مانا بۇ لىكىن يىقىندا خەتلىرى تازا ياخشى چىقمايدىغان بۇلىۋالدى چاپاق چىقىۋالىدىغان بۇلىۋالدى... ئوڭشاشنى بىلىدىغانلار دەپ بەرگەن بولساڭلار بۇلاپتىكەن...
تىمىڭىزغا رەخمەت قىرىندىشىم ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ئىشلىرىڭىزنى بەرىكەتلىك قىلسۇن
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1736
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1736دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 18357 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-07-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 22:24

ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام ، اللە خالىسا ، ساھابىلەر ھاياتىدىن دائىم يوللاپ تۇرارسىز ، اللەنىڭ رەھمىتى بولسۇن !
اللا
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 8884 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-08-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 22:44

[quote]بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى ھالال نىڭ 2011-09-17 12:19 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
چىقمىدىغۇ ئۇنداق توربەت يوق دەپ چىقىۋالدى...
 

بۇ بۇرۇن مەن ئاچقان بلوگ ئىدى بۇنى باشقىلار توختىت ۋەتتى شۇنۇڭ ئۈچۈن چىقمايدۇ كەچۈرۈڭ
دىلىمزار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10457
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 635 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-23
ئاخىرقى: 2012-09-05
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 00:13

دوستلىشىش
تاھىربەگ
يا بولغۇنۇڭ كەبى كۆرۈن، يا كۆرۈنگىنىڭ كەبى بول
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2837
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2837دانە
ئۆسۈش: 5890 %
مۇنبەر پۇلى: 34646 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-09-04
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 00:15

ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانمىلار دىگەن كىتاپ بارغۇ. توردىن ئىزدىسەڭلار چىقىدۇ
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ