باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 953 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش نېمىدېگەن خەتەرلىك ھە!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5537
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 280 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-07
ئاخىرقى: 2011-03-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-28 12:32

ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش نېمىدېگەن خەتەرلىك ھە!

2010-يىلى 05-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلغان ئىنسان دۇنيا-ئاخىرەتتە  بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ" دېگەن ماۋزۇدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئىنسان ئاتا-ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش،كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق ۋە ئېھسان قىلىشنىڭ ساۋابىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىدۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە مۇيەسسەر بولىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «مەن ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ، ھىجرەت قىلىش ۋە جىھاد قىلىش ئۈچۈن سىلىگە بەيئەت قىلغىلى كەلدىم دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن: ئاتا-ئانىڭىزدىن بىرەرسى ھاياتمۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ كىشى: ئىككىلىسى ھايات دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىز ئاللاھدىن ساۋاپ تەلەپ قىلامسىز؟دەپ سورايدۇ، ئۇ كىشى: ھەئە دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىڭ دەيدۇ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
قىز-ئوغۇللارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى قاقشىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇسىبەت، بالا-قازالار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن پەيدا بولغان قەلب جاراھەتلىرى ساقايمايدۇ. بۇ ئىسلامدا چەكلەنگەن ئېغىر جىنايەت بولۇپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە قاتتىق ئازابىغا ئۇچرايدۇ.
ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «سىلەرگە چوڭ گۇناھلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟دېگەندە، ئۇلار: ئېيتىپ بەرسىلە يا رەسۇلۇللاھ دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش دېگەندىن كىيىن قايتىدىن رۇسلىنىپ ئولتۇرۇپ، يالغان سۆزلەش ۋە يالغاندىن گۇۋاھلىق بېرىش دېگەن سۆزنى قايتا-قايتا تەكرارلىدى. بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كاشكى توختاپ قالغان بولسىچۇ دەپ ئۈمىد قىلىپ كەتتۇق». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:  «ئاتا-ئانىسى ياشانغان ۋاقىتتا  خىزمىتىنى ياخشى قىلماي جەننەتكە كېرىشتىن مەھرۇم بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي دېگەن سۆزنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلىدى». [مۇسلىم رىۋايىتى].
ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىنىڭ پەسكەشلىكى، دۆتلۈكى، ھاماقەتلىكى شۇكى، ئۇ ئاتا-ئانىسى ياشىنىپ، ئاجىزلىشىپ قالغاندا ئۇلارغا تۇز كورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىنى ئۇنتۇپ، ياردەمسىز تاشلاپ قويۇپ، ۋاپاغا جاپا قىلىپ، ساپ قەلبىگە ئازار يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادتىن قىسىپ ئۇلارنى خارلايدۇ. ئاتا-ئانىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىنى زايە قىلىۋەتمەسلىكنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئائىلىسى ۋە بالا-چاقىلىرىنى ھەتتا ئابرۇيلۇق پۇلدار دوست-بۇرادەرلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ئاندىن ئاتا-ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئەقىل تېپىپ، يۈز-ئابرۇيغا ئېرىشىپ مۇشۇ ھالەتكە كەلگىنىنى ئويلىمايدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن ياخشىلىق، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە ھېسداشلىق كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ.
ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىلار قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ. ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىلارنى ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا ھەرخىل جازالار بىلەن جازالاپ، ئۆزلىرىنىڭ توغرا قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. كاشكى ئاتا-ئانامنى قاقشاتمىغان بولسامچۇ دەيدۇ، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا پۇشايمان پايدا بەرمىگەن بولىدۇ.
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن دېگىن.» [سۈرە ئىسرا 24-ئايەت]. يەنى ئۇلارغا مېھرىبان بولۇپ، كەمتەرلىك بىلەن خىزمىتىنى قىلىپ، ئېسىل، كۆڭلى سۇيىنىدىغان سۆزلەرنى قىلىش كېرەك.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتىنىڭ رازىلىقى بىلەن، ئاللاھنىڭ غەزىپى ئاتىنىڭ نارازىلىقى بىلەن بولىدۇ»دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].
ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئاتا-ئانىمىزغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەھمىتىگە مۇيەسسەر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-27
ئاخىرقى: 2011-02-28

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قېرىندىشىم بۇ بەك ياخشى تىمىكەن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
مەن كىم؟
كامىل يۇۋاش
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6298
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 138
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە138دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1390 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-28
ئاخىرقى: 2011-10-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-28 15:54

بەكمۇ تەسىرلىك  بەكمۇ ئەھمىيەتلىك،بەكمۇ مەزمونى چوڭقۇر،بەكمۇ ئادەمنى ھاياجانغا ۋە  ئويلىنىشقا سالىدىغان  ئالتۇنغا بەرگۈسىز   ياخشى تېما بوپتۇ   ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن ئامىن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6274
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-26
ئاخىرقى: 2011-03-03
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-28 16:13

ئاللاھ سىز گە رەخمەت كىلسۇن
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4904
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 214
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە214دانە
ئۆسۈش: 520 %
مۇنبەر پۇلى: 2535 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2011-10-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-28 16:17

بالىمىزغا قانداق كۇيۇنسەك ئاتا -ئانىمىزغىمۇ شۇنداق كۇيۇنەيلى.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5951
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 117
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە117دانە
ئۆسۈش: 630 %
مۇنبەر پۇلى: 1660 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-28
ئاخىرقى: 2011-09-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-28 17:14

اللە رەخمەت قىلسۇن!
ئاتا-ئانىمىزغا قىلغاننى بالىلىرىمىز قايتۇرىدۇ!
biz nima vqvn , kim vqvn yaxayimiz?
mp3
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1072
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1072دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 10935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2011-10-20
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-28 19:53

ناھايتى ياخشى ،ئەھمىيەتلىك تېمىكەن . ئاتا-ئانىسى ھاياتلار ئاتا- ئانىمىزنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشقا تىرىشايلى !
اللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6038
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 47
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 475 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-11
ئاخىرقى: 2011-04-08
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-01 14:01

ئاللاھ كوپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن بەكياخ شى يىزىپ  سىز .ھەم مەيلەن نى ئاتا ئانى نى.قاخ شات ماي دىغان لار نىڭ قاتارى دىن قىلسۇن