مۇھەممەتجان راشىدىن
~
دېھقان دوستۇم،سەنمۇ ياڭاق چاقالىدىڭمۇ؟
خۇشاللىقتا كۆككە دوپپا ئاتالىدىڭمۇ؟
بۇلتۇرقىدەك باش-بۇرنىدىن بۇغدايلىرىڭنىڭ،
ئەڭ ئالدىدا ساڭغا ئاشلىق ساتالىدىڭمۇ؟
~
پاختىزاردىن قاچان كەلدىڭ،كەلمىدىڭمۇ يا؟
پۇل-جاناننى بۇلتۇرقىدەك تاپالىدىڭمۇ؟
سىڭلىم،سېنى نەدە دېسەم،پارنىكتا،دەيدۇ،
ئىشلەپ يۈرۈپ،ئوسما-خېنە ياقالىدىڭمۇ؟
~
تۇرمۇش دېگەن بىزلەر مەڭگۈ قېتىلغان ھارۋا،
سەنمۇ بۇ يىل قىينالماستىن تارتالىدىڭمۇ؟
چوڭ يوللارغا يېيىپ قويغان قوناقلىرىڭغا
يامغۇر ياغسا،شۇئان يوپۇق ياپالىدىڭمۇ؟
~ ~ ~
چۈشۈپ كەتمەي قويمىچىلار قۇرغان توزاققا،
ياستۇقىڭنى ئېگىز قويۇپ ياتالىدىڭمۇ؟
يانچۇقىڭدىن كېلىپ تۇرار يانفۇن ئاۋازى،
قوللىرىڭغا ئالتۇن سائەت تاقالىدىڭمۇ؟
~ ~ ~
سەن باي بولساڭ،مەنمۇ باي دەپ يۈردۈم ئۆزەمنى،
ئايىغىڭغا خۇرۇم شىبلىت ساپالىدىڭمۇ؟
باللىرىڭنىڭ بوينىدىكى ئېغىرلاپ كەتكەن
بوخچىلارنىڭ سەۋەبىنى تاپالىدىڭمۇ؟
~ ~ ~
قايسى ئىشلار ئوڭغا تارتتى،قايسى ئىش سولغا؟
كادىرلارغا دادىل ئېغىز ئاچالىدىڭمۇ؟
گۆش باھاسى ئۆرلەپ كەتسە،ئەسقاتتى تۇخۇم،
سەنمۇ خەقتەك بەش-ئون توخۇ باقالىدىڭمۇ؟
~ ~ ~
ئاينىدىمۇ ئالمىلىرىڭ،«قاق ئۆرۈك»لىرىڭ،
ھەر شېخىدىن تۆت-بەش جىڭدىن قاقالىدىڭمۇ؟
تۇرپانيۈزلۈك ئاغىنىلەر،ناخشا-قوشاققا
قاڭالتىرلىق ئۆيلىرىڭنى قاتالىدىڭمۇ؟
~
توختىدىمۇ ھەشەمەتلىك تويلار،نەزىرلەر،
~ ~شۇنداق قازانلاردىن قاچالىدىڭمۇ؟
ھىممەتلىرى ھېيت-بايرامدەك خۇشاللىق بەرگەن
ئىسلاھاتنىڭ دولقۇنىدا ئاقالىدىڭمۇ؟
~
مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدىن تاللانما.