تور دۇنياسىدا ھەقىقەتەن شۇنداق قەيەردىن دېسە شۇ يەردىن چىقىدىغان ئونۋېرسال بىلىم ساپاسى يۇقىرى كىشىلەر مەۋجۈت ! مەن ئۇلارنىڭ <<مۇقەددەس ۋەزىپىسى>>نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ ئۇلارنىڭ دەلىل ئىسپاتلىق سۆزلىرىگە قايىل بولماي تۇرالمايمەن . قانداقلا بولمىسۇن ئۇلار شۇنچىلىك ساپانى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقانلار!
مەن پەقەت شۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلاردىن توغرا پايدىلىنىشىنى ،ئۇنى ئۆزگىلەرگە ئەمەس ئۆزىمىزگە مەنپەئەتلىق قىلىشىنى تىلەيمەن! چۈنكى ئىلىم شەيتاندىمۇ بار.
ئۇندىن باشقا تور دۇنياسىدا مەن ئۇچراتقان يەنە بىر ئىچىنىشلىق ئىش ئاز بىر قىسىم بىلگەنلەرنىڭ بىلمىگەنلەرگە توڭ تېزەكتەك تېگىشى! شۇڭا قېرىنداشلار بىر بىرىمىزگە سىپايىراق بولايلى، ھەممىمىزنىڭ دىلىمىز سۇنۇق ،ھال ئەھۋالىمىز ئۆزىمىزگە ئايان ! تور دۇنياسىدا بولسا رىئال دۇنيادا بولسۇن ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدىغان سۆز ھەركەتلەردە بولمىساق ! بۇ يەردە قېرىنداشلىقنى ،ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھەركەتلەر بىلەن كۆپرەك شۇغۇللانساق قانداق دەيسىلەر !
بىر ئىككى ئۈچ ،
ئىتتىپاقلىق كۈچ .
چەيلەپ يەنجىيمىز،(خۇدايىم بۇيرىسا)
...............................
يۇقارقى يازمىلىرىم مەلۇم بىرسىگە قارىتىلمىغان ،شۇنداقلا غەيۋەتمۇ ئەمەس!