بىر پادىشاھ ئېغىر گۇناھ قىلغان ئۈچ ئايالنى ئۇلۈمگە بۇيرۇپتۇ، ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۈرۈشىۋىلىشىغا رۇخسەت قىلىپ سىرتتا ساقلاپ تۇرغان تۇققانلىرىنى چاقىرتىش ئۈچۈن بىر ياساۋۇلنى بۇيرۇپتۇ،ياساۋۇل چىقىپ قارىغۇدەك بولسا ئوردا سىرتىدابىرلا ئەركىشى تۇرۇپتۇ ۋە ياساۋۇل بىلەن ئوردىغا كىرىپتۇ..پادىشاھ يالغۇز كىرگەن ئەرنى كۆرۈپ سەل ھەيران بۇلۇپ تۇرغاندا ھېلىقى ئەر بۇ ئۈچ ئايالنى كۇرۇپ باغرىغا بېسىپ يىغلاپ كېتىپتۇ، پادىشاھ سوراپتۇ سەن زادى قايسى ئايالنىڭ تۇققىنى؟نىمىشقا ھەممىسىنى قۇچاقلاپ يىغلايسەن؟ دەپ سوراپتۇ،ئۇ ئەرئۆزىنى تۇتىۋىلىپ بىرى ئايالىم، بىرى سىڭلىم ،يەنە بىرى بولسا قىزىم دەپ يەنە يىغلاپ كېتىپتۇ.پادىشاھنىڭ ئۇ ئەرگە ئىچى ئاغرىپ سىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ يېقىن ئادىمىڭدىن ئايرىسام بولمىغۇدەك ساڭا بىر پۇرسەت بىرەي بۇئۈچ ئايالدىن بىرىنى تاللىۋال دەپتۇ.دوستلار سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ؟ ئۇ ئەر قايسى ئايالنى تاللىغاندۇ؟قىزلار سىلەر ئەرنىڭ ئورنىدا ئۆزۈڭلارنى قويۇپ تاللايدىغىنى ئېرىڭلار، ئوغلۇڭلار،ئىنىڭلار بولسا زادى قايسىسىنى تاللايسىلەر؟