ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
بۇ مېنىڭ كەڭ سايغا تۇنجى قېتىم تېما يوللىشىم،شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ كۆپرەك تەلىم بېرشىنى سورايمەن.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھىرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئادەملەرگە ئالامەتتۇر مەريەم ئانا،
مەريەم ئانىدەك ئىپپەتلىك بول سەنمۇ بىر ئانا.
ئىپپىەتسىزلىكىڭنى يەتكۈزمىگىن ھەرگىز ماڭا،
مەريەم ئانىنىڭ يولىنى تاپىلايمەن ساڭا.
مەريەم ئانىدەك ئالىم،ئابىد بولالمىغاچقا،
نۇرغۇن بالا-قازالارغا يولۇقتۇم مانا.
تۆت بالا بىلەن كالا ئايىغىدا ئۆمىلەپ يۈرۈپ،
ئىبىرەت بولالمىدىممۇ؟تېخى مەن ساڭا.
قىيامەتنىڭ ئالامىتى يېقىنلاشقاندا،
مەريەم ئانىدەك ئابىد بولساڭ،بولىسەن دانا.
ئىلاھىي ئىششق يېتىپ قالغاندا ساڭا،
ئاتا قىلغاي ئىلاھيم جامالىنى ساڭا.
تۇت بۇ يولنىڭ ئارغامچىسنى ئىككى قولۇڭدا،
پۇشايمان قىلىپ قالمىغىن ھەرگىز يولۇڭدا.
ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرەي دېسەڭ سەن،
ياتما ھەرگىز كېچىسى يۇمشاق ئورۇندا.
مەنبە:تەنتاۋى جەۋھەرلىردىن تاللانمىلار.