سورىدىم قاردىن سىنى
لەپىلدەپ چۈشمەكتە ئاپپاق قار ،
زىمىنغا ئاپپاق تون كېيدۈرۈپ.
يۈزلىرىمگە چۈشمەكتە يىنىڭ ،
مۇڭلۇق خىيالارغا چۆكتۈرۈپ.
كىرپىكىمدە قار ئىزى قالدى،
كۆز قارچۇقلۇرۇم كۈلدى مۇزلاپ.
پۈتۈن جىسمىم تىترىدى دىر-دىر،
قەلبىمگە ئىشتىياق باغلىنىپ.
شۇنداق خىيال تۇيغۇلار بىلەن ،
ئويلاپ قالدىم ئۆتكەن كۈنلەرنى.
قاچانغىچە كۈتەرمەن يەنە دەپ،
سورىدىم ئاپپاق قاردىن سىنى.
ئەسلىملەر قوينىغا چۆكتۈرۈپ
يۇرتۇمغا كەلدىم يېرىم كىچىدە،
كەلدىم ھېرىپ ئۇزۇن يوللار بېسىپ.
كۆز قىسماقتا تۇلۇنئاي ھەم يۇلتۇز،
كەلگىنىمنى قىزغىن قارشى ئېلىپ.
ھەممە كىشى ئۇيقۇغا كەتكەندەك،
پۈتۈن مەھەللەم تىمتاس، جىمجىت،سۈر.
ياشارغاندەك بۇ قەلىپ سىرلىرىم،
تۆكۈلمەكتە قەلبىمدىن مىھىر.
ئۇيقۇغا كەتكەندەك ئانا يۇرتۇم،
تەبىئەت جىمجىت ئالماقتا ئارام.
بىلمىگەندەك مىنىڭ كەلگىنىمنى،
چىقمىدى ئالدىمغا بەرمەس سالام.
جىمجىت تۇردۇم سىرىتتا تەلمۈرۈپ،
دېرىزەمدىن ھەممىنى خىرە كۆرۈپ.
يۇرۇماقتا ئۆي چىراق نۇرىدا،
ئەسلىملەر قوينىغا چۆكتۈرۈپ.
مەنبە قەلىمىم