شەرىقنىڭ ئېينىشتىيىنى
مەن نىمە ئۈچۈن ئىلىم ئىجاد قىلىش ئىشلىرىنى ناھايىتى قىزغىن تەشەببۇس قىلىمەن.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى،بىزدە ئاللا ئاتا قىلغان كۈچلۈك ئىلىم ئېلىش ئارزۇسى بۇلۇشتىن تاشقىرى،بۈگۈنكى شارائىتتا بىلىم- كۈچ،ئەمەلي پەن- ماددي ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئاساسلىق ۋاستە بولۇپ قالدى.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، بىز خەلىقئارادا ئىجتىمائىيەتنىڭ ئەزاسى بولساقمۇ،باشقىلار بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ.بىز بىلىمنى ئىجاد قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىشى ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچراۋاتىمىز.
ــــ مۇھەممەد ئابدۇسالاممۇھەممەد ئابدۇسالام ABDUS SALAM 1926-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ لاھور شەھرى يېنىدىكى جاڭگى بازىرىدا تۇغۇلغان. كىچىكىدىن مۇستەھكەم ئىسلام ئىتىقادى ۋە دىنىي كەيپىيات ئىچىدە چوڭ بولغان.تىرىشچانلىقى قولغا كەلتۈرگەن پۇرسەت بىلەن 1946-يىلى كىمبىرىج ئۇنۋىرسىتىغا كىرىپ ماتىماتىكا ئۈگەنگەن. 1952- يىلى كىمبىرىجنىڭ نەزەرىيە فىزىكا جەھەتتىكى پەلسەپە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان.1964 -يىلى ICTP تىرىيىست خەلىقئارا نەزەرىيە فىزىكا مەركىزىنى قۇرغان ۋە رەئىس بولغان.1967-يىلى نىيترال ئېقىم ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان.1971-يىلى ب د ت نىڭ ئىلىم- پەن مەسلىھەت ھەيئىتىنىڭ رەئىسى بولغان.1968 – يىلى ئاتۇم ئىنىرگىيىسىنى تىنىچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.1979- يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.ئابدۇسالامنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئاساسلىقى تەبىئى كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىدا كۈرۈلىدۇ. تەبىئى كۈچلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئۇ سان-ساناقسىز قىيىن ئۆتكەللەردىن بۈسۈپ ئۆتتى،ئەينى ۋاقىتتا ئېينىشتىيىن 20 نەچچە يىل تەتقىق قىلىپمۇ يىتەلمىگەن نىشانغا يەتتى.نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى،پىرافىسور دىڭ جاۋجۇڭ مۇنداق دەيدۇ: قەدىمقى گىرىتسىيە ۋە جۇڭگو پەيلاسوپلىرىدىن تاكى ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن ئېينىشتىيىن ۋە ماكسىۋىللارغىچە بىردەك،بارلىق تەبىئى كۈچلەرنىڭ بىرلىككە كەلتۈرلۈشنى كۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئىلىم- پەن ساھاسىدىكىلەر ئابدۇسالامنىڭ بۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چوڭ قەدەم تاشلاپ ئىلگىرلىگەنلىكىنى ئىتراپ قىلىشتى. ئاجىز ئىلىكتىرنىڭ بىر پۈتۈنلۈك نەزىريىسىنىڭ ئەھمىيىتى ئەينى ۋاقىتتىكى فارادى،ماكسىۋىللارنىڭ ئىلىكتىر ماگىنىتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش نەزىريىسىدىن تۈۋەن تۇرمايدۇ.ئېينىشتىيىن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئويلىغان بۈيۈك بىرلىك نەزەرىيىسى بولسا: تارتىشش كۈچى،ئىلىكتىر-ماگىنىت كۈچى،ئاجىز كۈچ،كۈچلۈك كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسىنى ئىنىق قىلشتىن ئىبارەت.مىكرو دۇنيادىن ماكرو دۇنياغا قەدەر بارلىق شەيئى ۋە شەيئى ھەركىتى،قىسقىسى فىزىكا دىگەن بۇ ئىلىم پۈتۈنلەي مۇشۇ تەبىئى كۈچلەرنىڭ رولى ئارقىلىق مەۋجۇد بولىدۇ. ئابدۇسالام قاتارلىقلار ئىلىكتىر-ماگىنىت كۈچى بىلەن ئاجىز كۈچنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر خىل كۈچنىڭ ئوخشىمىغان تەسىرى ئىكەنلىكنى بايقىدى.تەبىئەت دۇنياسىدىكى 4 ئاساسى كۈچ 3 كە يىغىنچاقلاندى.شۈبىھىسىزكى بۇ ئۇلۇغ ئالىم شەرىقنىڭ ئېينىشتىيىن بولۇشقا لايىق.
قوشۇمچە -ئېينىشتىيىننىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇسى
سىلەرنىڭ بىر تۇتاش مەيدان نەزىريىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا ئىشەنمەيدىغانلىقىڭلارنى ئۇقىمەن.بىر تۇتاش مەيدان نەزىريىسىنىڭ مېنىڭ قولۇمدا ئۇرۇنلىنىشىغا ھەتتا ئۆزەممۇ ئانچە ئىشەنمەيمەن.ئېلىكتىر ماگىنىت مەيدانى بىلەن تارتىشش كۈچى مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە،ماددىنىڭ تۈزۈلىشىنى بىر تۇتاش چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.بۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ئەھمىيىتى بولمىسۇن؟ئېينىشتىيىن زامانداش فىزىكا ئالىملىرىغا شۇنداق ئېيتقان. زامانداشلىرى ئۇنى قېرىغانسىرى خىيالغا بىرىلىپ كەتتى دەپ مەسخىرە قىلغان ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي،70-يىللارغا كەلگەندە،پاكىستانلىق ئابدۇسالام قاتارلىقلار ئېينىشتىيىن تاماملىيالمىغان ئىشتىن چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئەمىليەتتە بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى بار بىر ئىشكەن. ئېينىشتىيىن بۇنى بىلسە چوقۇم خوشال بولاتتى. چۈنكى ئۇ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن20 نەچچە يىل سەرىپ قىلغان ئىدى.ئېينىشتىيىن مەغلۇپ بولغان بىر ئىشنى بىر مۇسۇلمان ئالىم مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇرۇندىدى.