مەلۇم بىر تاماكا شىركىتىنىڭ خوجايىنى كوچا مەركىزىدە ھەدەپ ئۆز تاماكىسىنى تەشۋىق قىلغۇلى تۇرۇپتۇ : << يېڭى قاپلىق تاماكا ، پۇرىقى مەززىلىك ، تولىمۇ تەملىك ، چەككەن كىشىنىڭ چىشىنى قۇرۇت يىمەيدۇ ، ھەر خىل كىسەلگە شىپا قىلىدۇ ، يەنە باشقا پايدىلىرىنى دەيدىغان بولسام ...............................>>
ئارىدىن بىر بوۋاي چىقىپ ، خوجايىنغا بۇلۇشۇپتۇ : << قالغان پايدىلىرىنى مەن تولۇقلاپ قۇياي ، ئۆيىڭىزگە ئوغرى كىرەلمەيدۇ ، ئىت چىشلىيەلمەيدۇ ، مەڭگۈ ياش ئۆتۈپ كىتىسىز ............ >> .
بۇنى ئاڭلىغان خوجايىن گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كىتىپتۇ - دە بوۋايدىن خەقلەرگە چۈشەندۈرۈپ قۇيۇشىنى ئۆتۈنۈپتۇ .
بوۋاي : << تاماكا چەككەن كىشى كىچىچە يۈتۈلۈپ چىقىدىغان تۇرسا ، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرى كىرەلەيتىمۇ ؟ ........ تاماكا چىكىدىغان كىشىنىڭ تېنى ئاجىزلاپ ، ھاسا - تاياق بىلەن ماڭىدىغان تۇرسا ، ئىت كىلىپ چىشلىيەلەمتى ؟ ......... تاماكا چىكىدىغان كىشى ئاسانلا راك كىسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان تۇرسا ، قېرىغىچە ياشىيالامتى ؟ >> دەپ چۈشەندۈرۈپ قۇيۇپتۇ .
مەنبە : فىليەتۇنلار توپلىمى تۇرغۇن تالىپ تەرجىمىسى