ئانا بولدۇق بىز
كىپىنەكلەر گۈللەرگە قۇنۇپ،
كۆپكۆك چىمەنگە قالدۇردى ئىز.
گۈزەل ئارزۇ -ئىستەكلەر بىلەن،
فەرزەنىتكەئانا بولدۇق بىز.
گۈدەك،سەبى چاغلىرمىز قالدى،
ئەللەي قىلىپ باللىرمىزنى بىز.
چىللىمايدۇ گۈل- چىمەنلەرمۇ،
فەرزەنىتكە ئانا بولدۇق بىز.
ئۆتتى بىغەم شوخ-گۈزەل چاغلار ،
ئۇخلىمايمىز تاڭ ئاتقۇچە بىز.
كۆز قىسمايدۇ شىرىن ئۇيقىمۇ،
فەرزەنىتكە ئانا بولدۇق بىز.
شوخ ئەركىلەپ ئاتا-ئانىمىزغا،
بالىلىق قىلىق قىلمايمىز بىز.
ئاتا-ئانىنىڭ قەدرىگە يىتىپ،
فەرزەنىتكە ئانا بولدۇق بىز.
كىچىلىرى يۇلتۇزغا قاراپ،
ئىمان-ئىتقات ئىنساپ تىلەيمىز.
نۇرغۇن ئارزۇ-ئۈمۈتلەر بىلەن،
فەرزەنىتكە ئانا بولدۇق بىز.
كۆيۈپ- پىشىپ فەرزەنت ئىشقىدا،
يىغلىسا-يىغلاپ تەڭ كۈلىمىز.
تاتلىق ئۆملەپ كەلسە قېشىمىزغا،
باغرىمىزغا بېسىپ سۆيىمىز.
تەتەيلەپ مېڭىپ چاقرىپ كەلسە،
كۆككە يىتىدۇ بىزنىڭ بېشىمىز.
ئۇلۇغ ئاللادىن بەخىت تىلەپ،
مىھرىمىز بىلەن ئانا بولدۇق بىز.
شامدەك كۆيۈپ تۇرغان بۇ يۈرەك،
قىز-ئۇغۇللار ئۇتىدا كۈيەر.
شۇ ئوت ئىچىدە مىھر- مۇھەببەت،
ئانىلىق قەلبىدىن سۈيىلەر.
مەنبە قەلىمىم