باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2027 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاشىقلىقنىڭ دورىسى(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-24 13:33

ئاشىقلىقنىڭ دورىسى(ھەمزە)

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئاشىقلىق بولسا ئادەمنى بىنورمال قىلۋېتىدىغان بىر خىل كىسەللىكتۇر. بۇ كىسەللىك ئەڭ يىنىكراقى ئاش-ناندىن قويسا ئېغىرراقى ئۈلۋېلىشقا سەۋەب بۇلىدۇ.
مەن بۇ كىسەلنى تۈپتىن ساقايتىدىغان بىر رىستىپنى تۇنۇشتۇرماقچىمەن.
تىمىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلارغا مەرھەمەت قىلىڭ   
 ئاشىقلىق بولسا ھەرقانداق بىر ئىنسان دۈچار بۇلىدىغان بىر مۇھادىساتتۇر. ئاشىق بۇلۇش دىگەن بىزنىڭ تىلىمىز بۇيىچە چۈشەنگەندە بىرەر قىزغا كۆڭلى چۈشۈپ قېلىپ ئۇنى ھەمىشە ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرشۈشنى ئارزۇ قىلىش،ھەم ھەممە ۋاقىتلاردا ئۇنى ئەسلەش دىمەكلىكتۇر.

ئاشىقلىق بولسا ئادەمنىڭ ئىمانى ئاجىزلاشقاندا بۇلىدىغان ئىش. ئاشىقلىق پەقەتلا ئاللاھ ئۈچۈنلا بۇلىشى كىرەك. كۆپۇنچە ئاشىقلارنىڭ ئۆز مەشۇقى ئۈچۈن ھەممە نىمىسىنى تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى،ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈشنىمۇ شەرەپلىك دەپ بىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ بىر ساراڭلىق.

توغرا! ئادەم ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى باشقۇرالمايدۇ.باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ قىلىش،ياكى يامان كۆرۈپ قېلىش ئىنساننىڭ ئختيارىدىكى ئىش ئەمەس. بەلكى بۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىيتى. ئادەم ئاتىمىزمۇ ھەۋۋا ئانىمىزنى ياخشى كۈرەتتى،ئىبراھىم ئەلەيھىسالاممۇ ئايالى سارەنى بەكمۇ ياخشى كۈرەتتى.ئۇنىڭ ھەر-بىر تەلىپىنى بەجا كەلتۈرەتتى. رەسۇلۇللەھمۇ 9ئايالىنىڭ ئىچىدە ئائىشەنى ئەڭ ياخشى كۈرەتتى.. ئەمما بۇلارنىڭ ئاياللىرىغا بولغان مۇھەببىتى ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىنى قىلچىمۇ سۇسلاشتۇرمىغان ئىدى. بەلكى ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىنى كۈچلۈك قىلۋەتكەن ئىدى. دىمىسىمۇ ئۆز ھالالى جۇپتىمىز بولغان ئايالىمىز ئەڭ ياخشى كۈرلۈشكە ھەقلىق.

ئەمما ھازىر ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق خېلى ئىلىملىك قىز-يىگىت قېرىنداشلىرىمىزمۇ  بىراۋنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىق تۇپەيلى دىنىمىز چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىشىۋاتقانلىقى،مۇھەببەت ناخشىلىرىغا ئۆزىنى ئېتىپ داۋاملىق خىيال سۈرۈپ يۇرىيدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ھەتتا بەزىلىرى ئەقىلسىزلىق قىلىپ ئاتا-ئانىسىدىن،يۇرتىدىن،ئىمانىدىن ۋاز كىچىپ باشقا يۇرتلاغا قېچىپ كىتىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۇپ ھەم ئاڭلاپ تۇرۋاتىمىز. بۇ نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال ھە؟!

بۇلارنىڭ مۇشۇنداق بۇلىشىغا دەل ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىدىن سۆيگىنىگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئۇستۇن بۇلۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك دىسەك قىلچە خاتالاشقان بولمايمىز.

ئاشىقلىق دىگەن ئادەمنى تاماقتىن،قىلىۋاتقان خىزمىتىدىن،خۇشخۇيلىقىدىن،ئاللاھقا قىلىدىغان قۇلچىلىقىدىن تۇساپ قۇيىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئېغىر روھى كىسەللىك.

بۇ كىسەلدىن قانداق قىلغاندا قۇتۇلغىلى بۇلىدۇ؟

ئەگەر سىز شۇنداق بۇپ قالغان بولسىڭىز ياكى شۇنداق بۇپ قالغان دوسلىرىڭىز،يېقىنلىرىڭىز بولسا پايدىسى بۇپ قالار.

بەزى ئۇلىمالار ئېيتىدۇكى؛ساراڭلىقنىڭ بىرنەچچە تۈرى بار.ئاشىقلىق شۇنىڭ بىر تۇرى.قانچىلىغان ئاشىقلار ئۆزىنىڭ مال-مۇلكىنى،يۈز ئابرويىنى،ئائىلىسى ۋە دىنىنى،دۇنيالىق مەنپەئەتىنى مەشۇقى يۇلىدا زايا قىلىشتى.

بىر بۇلۇك ئالىملاردىن ئاشىقلىق توغرىسىدا سۇرالغاندا ئۇلار: قەلب ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غاپىل بولسا ئاللاھ ئۇنى غەيرىنىڭ ئىبادىتى بىلەن سىنايدۇ.غاپىل قەلب شەيتاننىڭ ئۇۋىسى.(چېكىدىن ئاشقان) ئاشىقلارئادەملەرنىڭ ئەڭ  بەخىتسىزى،ئەڭ بىچارىسى،ۋە پەرۋەردىگارىدىن ئەڭ غاپىلى.ئىبنى قەييۇم جەۋزى رەھىمەھۇللەمۇنداق دەيدۇ:تىبابەت ساھاسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشىقلىق بىر تۈرلۈك ۋەسۋەسە كىسەللىكى. ئاشىقلىقنىڭ ناتوغرا ئالامىتى؛ئاشىق ئۆز مەشۇقىنىڭ رىزالىقىنى رەببىنىڭ رىزالىقىدىن ئارتۇق قۇيىدۇ.مەشۇقىنىڭ ھەققى رەببىنىڭ ھەققى بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قالسا ئاۋۋال مەشۇقىنىڭ ھەققىنى  ئويلىشىدۇ.

ئاشىقلىقنىڭ سەۋەبلىرى؛قەلبتىن ئاللاھنىڭ زىكرى ۋە مۇھەببىتى كۈتۈرلۈپ كېتىش. چۇنكى قەلب ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە تولسا باشقىلارنىڭ مۇھەببىتى سىغمايدۇ.ئۇ كىشى يەنە مۇنداق دەيدۇ ئاللاھنىڭ مۇھەببتىىدىن بۇشىغان قەلب ئاشىقلىق بىلەن سىنىلىدۇ.ئاشىقلىق تۈۋەندىكى بىرنەچچە ئىش بىلەن يىتىلىدۇ ھەم تەرەققىي تاپىدۇ.

1.  تەشۋىقات ۋاستىلىرى؛يەنى گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتنى بۇزىدىغان ھاياسىز فىلىملەرنى كۆرۈش.(مەسلەن ھازىر ئەڭ مودا بولغان تۈركىيەنىڭ ئاچچىق ھايات دىگەن فىلىمى،كورىيەنىڭ فىلىملىرى ۋە ئۇندىن باشقا مۇھەببەت فىلىملىرى)

2.  مۇھەببەت ۋە ئاشىقلىق چۈشەنچىسىنىڭ بۇرمىلىنىشى؛شۇ جەھەتتىن ئىشقى مۇھەببەت ئۆز ئىگىسىنى قارغۇ قىلۋېتىدۇ.ۋە مەسلىكىدىن يىشىلمەس قىلۋېتىدۇ.ئاشىقلار ئەڭ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ،ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ،ئاتا-ئانىسىنىڭ،پاكلىقىنىڭ ۋە ئىپپەتنىڭ مۇھەببەتلىرىنى يۇقاتقانلاردۇر.

3.  تەقلىدچىلىك؛ كىشى ئىشقى مۇھەببەت تەسۋېرلەنگەن ھېكايە-پوۋسستلارنى ئوقۇغانسىرى،ئىشقى مۇھەببەت تىلغا ئېلىنغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلىغانسىرى ئاشىقلىق كىسىلىگە گىرىپتار بۇلىدۇ.

4.  غەيرى جىنىستىكىلەر بىلەن كۆپ ئارلىشىش؛ كىشى غەيرى جىنىستىكىلەر بىلەن ئارلىشىپ ئۆتسە بىر-بىرىنىڭ كۆڭلى بىر-بىرىگە چۈشۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھەتتا توي قىلىپ بولغانلاردىمۇ بۇلىدۇ.بۇ سەۋەبلىك ئىناق ئۆتۋاتقان ئائىلە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كىتىدۇ ياكى ئۇچراش گىرداۋىغا بېرىپ قالىدۇ.

ئاشىقلىنىڭ داۋاسى؛ ھەرقانداق بىر كىسەللىكنىڭ داۋاسى بولغاندەك ئاشىقلىقنىمۇ ھەم مەنۋىي ماددىي داۋاسى بار.بۇلار؛

1.  ئاللاھقا يالۋۇرۇپ كۆپ دۇئا قىلىش،ۋە ئاللاھ ئۈچۈن چىن ئىخلاس بىلەن تەقۋالىق قىلىش

2.  مەشۇقىدىن يىراق بۇلۇش،ئىسمىنى تىلغا ئالماسلىق،گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىق،

3.  توي قىلىش،گەرچە مەشۇقىنىڭ غەيرى بىلەن بولسىمۇ توي قىلىش ئەڭ ئۇنۇملۇك ھەم ئەڭ تىز پايدا قىلىدىغان دورا. چۇنكى ئادەمنىڭ قۇرسىقى قاتتىق ئېچىپ كەتكەندە قاتتىق نان بولسىمۇ يىگۇسى كىلىدۇ.چاڭقىغاندا دۇغ سۇ بولسىمۇ ئىچكۈسى كىلىدۇ.

4.  تېلفۇندىكى بارلىق ناخشىلارنى ئۆچۈرۈش، تېلفۇننىڭ ئۈچۈر كەسپىنى ئىتۋېىتش.بولسا ۋاختىنچە تېلپۇن ئىشلەتمەسلىك.ئۆزىگە بىرەر ئىشنى ۋەزىپە قىلىش ھەر كۇنلىكى ئىسلامىي كىتابلاردىن 10بەت بولسىمۇ ئوقۇشنى ۋەزىپە قىلىش.مۇھەببەتنى تەسۋىرلەيدىغان كىنو-فىلىم،ناخشى-مۇزىكا،گىزىت – ژۇرنال،ھىكايە،رەسىم دىگەندەكلەردىن يىراق تۇرۇش.

5.  نامازغا،ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا،ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش.ئاللاھ قۇرئاندا بۇ توغۇرلۇق {ناماز ھەقىقەتەن يامان ئىشلاردىن،ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ} ئەنكەبۇت سۈرسى 45.ئايەت.

6.  ئۆلۈمنى كۆپرەك ياد ئىتىش،قىيامەت كۇندىكى ئاللاھنىڭ ئالدىدا سۇراققا تارتىلىشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش.قەبرىنىڭ زۇلمىتىنى،ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش. بولسا كوپرەك قەبرە زىيارەت قىلىش،قەبرە زىيارەت قىلىش ئادەمنىڭ كۆڭلىنى دۇنيا ئىشلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ  ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ.

7.  ھەر كۇنلىكى سەھەردە يېرىم سائەت قۇرئان تىلاۋەت قىلىش،ئەگەر قۇرئان ئوقۇشنى بىلمىسە تورلاردىن تەبلىق چۈشۈرۈپ شۇنى ئاڭلاش، چاشگاھ نامىزى ئوقۇش،بولسا ھەر ئايدا 3كۈن روزا تۇتۇش.بۇلار تەقۋالىقنى كۆچەيتىدۇ، ئاشىقلىق تەقۋالىق يۇقالغاندا پەيدا بۇلىدىغان كىسەل.

8.  ۋاقتىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئۆتكۈزۈش،بىكارچىلىق خىيالغا،خىيال ئاشىقلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئاشىقلىق كىسىلىگە سەل قارماسلىق كىرەك. ئاشىقلىق بىر لاتا قىسماق.ئادەمنى ئاسا-ئاستا قىيناپ ھالىدىن كەتكۈزىدۇ

مانا يۇقىردىكىلەر بولسا ئاشىقلىقنىڭ سەۋەبلىرى ۋە داۋالىرى. ئاللاھ بارلىق ئاشىقلارنىڭ كۆڭلىنى پەقەتلا ئۆزى ئۈچۈنلا قىلسۇن.

 

تەييارلىغۇچى ھەمزە.
مەنزىل. مۇشۇ ئورۇن
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1472
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1472دانە
ئۆسۈش: 7080 %
مۇنبەر پۇلى: 19729 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-13
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-24 14:21

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ،،ھەقىقەتەن ئىسىل تىما يوللاپسىز ،،،،يۈرەككە كىرىۋالغان ئوت ھەقىقەتەن ئادەمنى قىينايدۇ ،لېكىن ئۇنىڭغا بويسىنماسلىق كېرەك،،،،،،،،،،،،،،،،،يەنە مۇشۇ تۇرمۇشنى كۈزىتىدىغان بولساق ،مۇشۇنداق ئوت بىلەن كۆيۈشۈپ توي قىلغانلارنىڭ ئىچىدىن قاملىشالمايدىغانلار كۆپرەك چىقىدىكەن ،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار