بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئاللاھ.....ئاللاھ.....ئاللاھ.....ئاللاھ.....دىگىنە،
ئالاي دىسەڭ سىرلىق ئىلىم قېشىمغا كەلگىنە.
بەرسەم ساڭا سىرلىق ئىلىم، چىن دىلىڭدىن كۈلگىنە،
ئالەم بوشلىقىغاسەپەر قىلايلى بىز يۈرگىنە.
ئالەمدىكى سىرلارنى سەن بىر-بىر لەپ كۆرگىنە،
بارچە ئالەملەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكىنە.
ئېلىپ قولۇڭغا ئېلىكتورۇنلۇق ئىلغار ئۈسكىنە،
مەخسەت ھەقىقى مەشۇق ئاللاھنىلا سۆيگىنە.
ئاللاھنىلا سۆيەلىسەڭ،قەلبىڭدىن باشقىنى قويغىنە،
سەن نىمە ئۈچۈن ئاللاھقىلا ئاشىق بولالمايسەن.
قەلبىڭدىكىنى ماڭا بىر دىگىنە؟بىر دىگىنە؟،
سەن بۇ دۇنيادىن ھەقىقى بىر ئىنساندەك كىتەي دىسەڭ.
مەجازى ئىشقىنى قويۇپ،ئىلاھىي ئىشقىنىڭ غېمىنى يىگىنە،
ئىشقى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بونى ئوبدان بىلگىنە.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىي ئاللاھ،ئۈزەڭگە ئاشىق قىل دىگىنە،
ئەي نادان ئىنسان ھەممىدىن ۋاز كىچىپ بۇ يولغا كىرگىنە.
گەرچە بۇ دۇنيادا زىيان تارتساڭمۇ سۆزىمگە كىرگىنە،
بۇ زىيان زىيان ئەمەس ،دەرت-ئەلەمگە كۈلگىنە.
خوش: ئەمسە ،بىز سەپىرمىزنى باشلايلى يۈرگىنە،
ھەقىقى مۇراد-مەخسەت ئاخىرەتتە بۇنى ئىسىڭدە تۇتقىنە.
بۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدە چوقۇم ئۇتۇپ چىققىنە،
بۇ دۇنيادا نەپسىڭ ئالدىراتسىمۇ ئاخىرەتنى كۈتكىنە.
تەنتاۋى جەۋھەر لىردىن تاللانما دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى