720 سائەت
بىر سائەت ئۆتتى سىنىڭ ئۇمۇرىڭدىن،
بىر سائەت سىنىڭ يىلىڭدىن ئۆتتى،
بىر سائەت ئۆتتى ئۇنىڭ ئاچچىق ۋە تاتلىقى،
بىر سائەت ئۆتتى تۇرمىدىكىلەرگە لىكىن ئۇ بىر يىلدەك،
بىر سائەت ئۆتتى كۆرپىدىكى كىسەلگە ئۇزۇن يىللاردەك،
بىر سائەت ئۆتتى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچىلىك ،
بىر سائەت ئۆتتى سىزگە تەن-ساغلاملىق بىلەن ،
720 سائەت سىزنىڭ بىر ئىيىڭىزدۇر ئۇ ئۇتۇپ كەتتى .
720سائەت ئۇ مۇھەررەم ئىيىدۇر ئۇ ئۇتۇپ كەتتى .
720سائەت ئۇ سىزنىڭ ئۇمۇرىڭىزدىكى سىز ئۇنىڭدىن سورىلسىز،
720 سائەت ئۇنى قولدىن كەتكۇزۇپ قويدى بىكار تەلەپلەر.
ئۇ 720 سائەتتە نىمىنى تەييارلىدىڭىز،
ۋە ئۇ 720 سائەتتە سىز نىما ئىشلارنى قىلدىڭىز؟
ئۇ 720 سائەتتە سىز قۇرئاندىن نەچچە پارە ئوقۇدىڭىز؟
720 سائەتتە سىز ئاللاتئاللاھقا قانچىلىك ئىتائەت قىلدىڭىز؟
720 سائەتتە سىز قانچىلىك سىلە-رەھىم قىلدىڭىز؟
720 سائەتتە نامازنى قانچىلىك تەرىك ئەتتىڭىز؟
720 سائەت ئەققىلىقلەر ئۇچۇن قانچە ئۇزۇن!
مۇشۇ ئايدا قۇرئان ئوقۇدىڭىزمۇ دىيەلمەيمەن،بۇ ئايدا روزا تۇتىڭىزمۇ دىيەلمەيمەن،ۋە بۇ ئايدا سەدىقە قىلدىڭىزمۇ دىيەلمەيمەن. سىز سەدىقە قىلدىغان نەرسە تاپالمايمەن دىمەڭ . سىزنىڭ غىمىڭىزدا ،سىزنىڭ ھىممىتىڭىزدە ، پەيغەمبەر ئەلەيھسساللام ۋە ساھابىلەرنى ئۇلگە قىلىش بولسۇن.
ئۇلبەت ئىبنى زايىد بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھسساللام سەدىقىگە قىزىقتۇرغاندا كىچىدە چىقىپ ناماز ئوقۇپ يىغلاپ كەتكەن ۋە شۇنداق دەپ دۇئا قىلغان:< ئى ئاللاھ جىھادقا بۇيرۇدۇڭ،مەن قىزىقتىم،لىكىن جىھادقا چىقىشقا كۇچ-قۇۋۋەت ماڭا بەرمىدىڭ. ۋە مەن بولسام سەدىقە قىلمەن ھەرقانداق مۇسۇلمانغا بۇ سەدىقەم پەقەت ھەرقانداق كىشىنىڭ ماڭا قىلغان زۇلۇمىنى كەچۇرۋىتىش بىلەن
سىز ئۆزىڭىزگە سەدىقە قىلىشتىنمۇ ئاجىز كەلدىڭىزمۇ؟
ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ:< ئى رەسۇللىلاھ مەن بەزى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئاجىزلىق قىلسام قانداق قىلمەن دەپ سورىغاندا كىشلەرگە يامانلىق قىلىشتىن ساقلانغىن. ئۇ سەندىن ئۆزەڭگە سەدىقىدۇر>
دىگەن. بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
سىز ئايلارنى ياخشى ئەمەللەرسىز ئۆتكۇزۋەتمەڭ.
سىزنىڭ كۇنلىرىڭىز سائەت-- سائەتلەپ ئۆتسە،سىز ئۇ سائەتلەرنى تائەت-تائەتلەپ توشقۇزۇڭ.

تەرجىمە قىلىنغان. [ بۇ يازمىنىarkaturuk 2011-02-23 15:53قايتا تەھرىرلى ]