باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3844 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەڭ سۆيۈملۈك بىرىنجى خوتۇن .
دوستلىشىش
gayrat828
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 459
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە459دانە
ئۆسۈش: 11920 %
مۇنبەر پۇلى: 12819 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-23 01:28

ئەڭ سۆيۈملۈك بىرىنجى خوتۇن .



بىر باينىڭ تۆت خوتۇنى بار ئىكەن . ئۇ تۆتىنچى خوتۇنىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن . ئۇنىڭغا ئىېسىل كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ ، ياخشى نازۇ نېمەتلەرنى يېگۈزىدىكەن . ئۇنى ئىنتايىن ئاسرايدىكەن، ھەمىشە ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىدىكەن.
ئۇ ئۈچىنچى خوتۇننى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىكەن ، ھەمىشە دوسلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنى كۆز - كۆز قىلىدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ، دەككە - دۇككىدىلا يۈرىدىكەن.
ئۇ ئىككىنچى خوتۇننىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ ناھايىتى كۆيۈمچان ، سەۋرىچان ئىكەن، ئەمەلىيەتتە باينىڭ سىردىشى ئىكەن . باي قانداق ۋاقىتتا مەسىلىگە يولۇقسا ئىككىنجى خوتۇننى ئىزدەيدىكەن ، ئىككىنجى خوتۇنىمۇ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋىلىشىغا يارىدەم بېرىدىكەن .
باينىڭ بىرنچى خوتۇنى ناھايىتى ساداقەتمەن مەزلۇم ئىكەن ، باينىڭ بايلىقى ۋە تىجارىتىنى باشقۇرۇش ، پۈتۈن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ چىقىرىدىكەن .ئەمما ، بىرنچى خوتۇنى باينى ناھايىتى ياخشى كۆرسىمۇ، باي ئۇنى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيدىكەن.
بىر كۈنى باي ئاغرىپ قاپتۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئۆزنىڭ پات ئاردا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ .
ئۇ ئوزنىڭ راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇشنى ئويلاپ ئۆز - ئۆزىگە : << ھازىر يېنىمدا تۆت خوتۇنۇم بار ، ئەمما مەن ئۆلگەندىن كېيىن يالغۇز قالىمەن . مەن نېمىدىگەن بىچارە - ھە >> دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆتىنچى خوتۇنىنى چاقىرىپ :
- سېنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىمەن ، ساڭا ئېسىل كىيىملەرنى ئېلىپ بەردىم ، ھەممىدىن ياخشى باقتىم . ھازىر مەن ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرىمەن، مەن بىلەن كېتەمسەن ؟ - دەپتۇ.
- جۆيلىمىسلە ، - تۆتىنچى خوتۇنى شۇنداق دەپلا بىر ئىېغىزمۇ گەپ - سۆز قىلماي كېتىپ قاپتۇ .

ئۇنىڭ جاۋابى باينىڭ يۈرىكىگە خەنجەر تىققاندەك بىلنىپتۇ : باي قاتتىق ئازاپلانغان ھالدا ئۈچىنچى خوتۇنىدىن سوراپتۇ :
- بۇ ئۆمرۈمدە سېنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ كەلدىم . ھازىر مەن ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرىمەن ، مەن بىلەن كېتەمسەن ؟
- ياق ، - دەپتۇ ئۈچىنچى خوتۇنى ، بۇ يەردىكى تۇرۇمۇش نېمىدىگەن گۈزەل ، سىلى ئۆلگەندىن كېيىن مەن قايتىدىن توي قىلىمەن .
باينىڭ يۈرىكى ئىېغىپ مۇزلاپ كېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىنچى خوتۇندىن سوراپتۇ :
- مەن ھەمىشە سەندىن يارىدەم سورايتىم ، سەنمۇ مېنىڭ قىيىنچىلىقىتىن قۇتۇلۇشىمغا يارىدەم بېرەتتىڭ . مەن ھازىر سىنىڭ ياردىمىڭگە موھتاج . مەن ئۆلگەندىن كېيىن ماڭا ھەمراھ بولالامسەن ؟
- كەچۈرسىلە ، بۇ قېتىم سىلىگە ياردەم قىلالمايمەن ، - دەپتۇ ئىككىچى خوتۇنى ، - ئەڭ بولغاندىمۇ سىلىنى قەبرىستانلىققىچە ئۇزۇتۇپ بارالايمەن .
بۇ جاۋاپ خۇددى چاقماق سوققاندەك بايغا قاتتىق زەربە بوپتۇ .
بۇ چاغدا بىر ئاۋاز جاراڭلاپتۇ :
- مەن سىلى بىلەن كېتىمەن . نەگە بارسىلا سىلىگە ھەمراھ بولىمەن .
باي بېشىنى كۆتۇرۇپ قارسا بىرنچى خوتۇنى ئىكەن . ئۇ ئورۇقلاپ قاقشال بولۇپ قالغان ، قارىماققا ئۇزۇن مۇددەت ئاش - تاماق يېمىگەندەك كۆرۈنىدىكەن . باي قاتتىق ئازاپ بىلەن :
- ئەسلىدە سىنىڭ ھالىڭدىن ئوبدان خەۋەر ئالسام بوپتىكەن ، - دەپتۇ .
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تۇرمۇشمىزدا تۆت خوتۇن بار :
ئا . تۆتىنچى خوتۇن بىزنىڭ بەدىنىمىز .
مەيلى بىز قانچىلىك ۋاقتىمىزنى ۋە زىھنى قۇۋۋىتىمىزنى سەرىپ قىلىپ ، ئۇنى ياخشى باقايلى ، بىز ئۆلگەن ۋاقىتتا ئۇ بىزدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ .
ب . ئۈچىنچى خوتۇن بىزنىڭ ئورنىمىز ۋە مال - دۇنيايىمىز .
بىز ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلار باشقىلارغا مەنسۇپ بولۇپ كېتىدۇ .
س . ئىككىنچى خوتۇن ئۆيىمىزدىكىلەر ۋە دوستىلىرىمز . ھايات ۋاقتىمىزدا ئۇلار بىلەن قانچىلىك يېقىن بولايلى ، ئۇلار ئەڭ بولغاندىمۇ بىزگە قەبرستانلىققىچە ھەمراھ بولالايدۇ .
د . بىرنچى خوتۇن ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ روھىمىز .
بىز مال - دۇنيا ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى لەززەتنى قوغلاشقان ۋاقتىمىزدا ، ئۇ ھەمىشە سەل قارىلىدۇ .
ئويلاپ باققانمىدىڭىز ؟ مەيلى نەگىلا بارايلى ، بىزگە مەڭگۇ ھەمراھ بولدىغىنى روھ . شۇڭا ، سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا پۇشايمان قىلىپ ھەسرەت چەككەندىن كۆرە ، ھازىر روھىمىزنى تەربىيلىسەك، ئۇنىڭغا كۈچ بەرسەك زىينى بولماس .
قوزام
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 776
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە776دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 8395 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-06
ئاخىرقى: 2012-03-27
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 23:29

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى katil731 نىڭ 2011-04-01 14:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەقسەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن دىگۇچىلەرگە ئېچىنىمەن،
ھەي بىچچارە ساددا مۇسۇلمانلار ،بۇ ھېكايىدە دىمەكچى بولغىنى 4خۇتۇنلۇق بۇلۇشنى ناھايتى ئەپچىللىك بىلەن خاتا دىمەكچى،
بىر ئەر 4 خۇتۇن ئالسا بۇلىدۇ دەپ قايسى كىتاپتا بار؟
ئاۋۇ بۇينىڭىزنىڭ ئۇستىدىكىنى ئىشلىتىپراق ياشىغايسىلەر...............

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاتىل731 سىز بۇتىمىنى ئوقۇپ ئىنكاس يازدىڭىز مۇ يا.؟؟؟  سىز خاتا چۇشۇنىۋالغاندەك قىلىسىز.
ئۆتمەنامەرت كۆرىكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ ،
يىمەنامەرت ئاشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۇرسىمۇ.