ھەرقانچە ھاجەتمەن بولسىمۇ ، پۇلغا جىددى ئېھتىياجلىق بولغان تەغدىردىمۇ ، بۇنداق قاملاشمىغان ئۇسۇلنى قوللانماسلىقى كېرەكتە ..... ھاجەتمەن كىشى ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئاۋال ئائىلىسىدىكىلەرگە ، ئۇرۇق - تۇققان ، خۇلۇم - خوشنىلىرىغا ، يېقىن ئۆتكەن دوست - يارلىرىغا ئېيتىپ ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك . ئەگەر بۇ ئۇسۇل ئارقىلىقمۇ ھەل بولمىسا ، ھازىز جاھان تەرەققى قىلدى ، جەمئىيەتتىمۇ نۇرغۇنلىغان ساخاۋەتچىلەر مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ . تور دۇنياسى ئارقىلىقمۇ نۇرغۇنلىغان ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتى ھەل بولۇپ كېلىۋاتىدۇ ، مۇشۇنداق قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ كۆرمەي ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئالدىنىپ ، ئاجىز ئانىنىڭ كۆڭلىگە تۈگىمەس دەرت- ئەلەمنى سېلىپ قويۇپ ، بۇ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان قىياپەتتە دىنىنى دەسمايە قىلىپ ، كەچۈرۈم سوراشلىرى كىشىنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدۇ ......
ئاللا مۇشۇنداق نۇمۇسسىز ئىشنى قىلغان قېرىندىشىمىزنىڭ ( گەرچە ئۇ شۇنداق بولمىغۇر ئىشنى قىغان بولسىمۇ ، بەرىبىر قېرىندىشىمىز) كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتاقىلسۇن ..... قىلغانلىرىغا ھەقىقى پۇشايمان قىلىپ ، ھەق ئىگىسىنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز....