تەيپىڭ-تيەنگو ئىنقىلابىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭلىرى ئۈچۈن بىر ئەينەك بولدى.
19-ئەسىرنىڭ60-يىللىرىدا شەنشى،گەنسۇ،نىڭشا ئۆلكىلىرىدە تۇڭگانلارنىڭ مانجۇ ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلڭى باشلاندى.1862-يىلى ئۇيغۇر خەلقى ياشاش ئۈچۈن قولىغا قورال ئېلىپ قانلىق جەڭ باشلىدى.1864-يىلى ئىلى دىيارىدىكى ئۇيغۇر،تۇڭگان ئاممىسى قوزغىلاڭ قىلىپ ،دۈشمەنلەرنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆز ئازادلىقىنى قولىغا ئالدى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئىنقىلابىي ھاكىمىيىتىنى قۇردى.
1864-يىلى ئىلىدا پارتلىغان ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى ئابدۇرۇسۇل بەگ ئىدى.
خالزات ھاكىمبەگدىن كېيىن ئىلى دىيارىغا ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئاتىسى چورۇق ھاكىمبەگ بولدى.چورۇقتىن كېيىن ھاكىملىك خالزاتنىڭ ئوغلى مەزەمزاتنىڭ قولىغا ئۆتتى.مەزەمزات ھاكىمبەگ بولغان مەزگىلدە ئابدۇرۇسۇل بەگ ئىشىكئاغا يەنى مەزەمزاتنىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ ئىشلىدى.
قوزغىلاڭنىڭ ئالدىدا ئىلى جاڭجۈنى چاڭلىڭ مەزەمزات تەيجىنى ئۈستىلىمە سېلىقلارنى ۋاقتىدا يىغمىدىڭ،دەپ ئەيىپلەپ، ئۇنى ھاكىملىقتىن قالدۇرۇپ،زىندانغا تاشلىدى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇرۇسۇل بەگنى ھاكىمبەگلىككە تەيىنلىدى.بۇ ھەقتە موللا بىلال نازىمى ئۆزىنىڭ<غازات دەر مۈلكى چىن>دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى:<مەزەمخان ئىلى شەھرىگە ھاكىم ئىدى. چاڭ جاڭجۈن مەزەمخاننى ھوسۇل بېجىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىدىڭ دەپ نەزەربەنت قىلىپ ئابدۇرۇسۇل بەگنى ھاكىم قىلغان>(شۇ ئەسەرنىڭ 24-بېتى)
شۇ ئارىدا ئۇيغۇر،تۇڭگانلارنىڭ قوزغىلىڭى باشلىنىپ كېتىدۇ.بۇ قوزغىلاڭغا ئۇيغۇر،تۇڭگان خەلقلىرى تۇشمۇ تۇشتىن ئاۋاز قوشقان ئىدى.
ئابدۇرۇسۇل بەگ ئىلى جاڭجۈنىنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتىپ،ئىلى خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىدۇ ۋە ئۇيغۇر،تۇڭگانلاردىن قوراللىق كۈچ تەشكىللەپ،ئۆزى باش قوماندان بولىدۇ.
قوزغىلاڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكتىن،ئىلى جاڭجۈنى مەزەمزات تەيجىنى زىنداندىن چىقىرىپ،ئۇنىڭغا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشنى، ئەگەر بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا ئۇنىڭغا كاتتا مەنسەپ ۋە مال-دۇنيا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ
بىراق،بۇ چاغدا قوزغىلاڭچىلار غۇلجا شەھرىنى ۋە چىلپەڭزە قورغىنىنى ئىگىلەپ بولغان،قوزغىلاڭ يالقۇنى پۈتۈن ئىلى دىيارىنى قاپلاپ كەتكەنىدى.مەزەمزات تەيجى قوزغىلاڭچىلار تەرىپىگە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.قوزغىلاڭچىلار مانجۇ ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچلۈك قورغىنى بولغان بايانداينى ئېلىشقا كىرىشىدۇ ۋە ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ يولباشچىلىقىدا تارانچىلار ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ھۆكۈمەتكە مەزەمزات_سۇلتان،ئابدۇرۇسۇل بەگ_ئەمىر،ناسىر ئەلەم ئاخۇنۇم_قازى كالان،شاۋكەت ئاخۇن_قازىئەسكەر ۋە موللاروزى ئاخۇن_مۇپتى قىلىپ بەلگىلىنىدۇ.
قورشاۋدا قالغان باياندايغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن،ئىلى جاڭجۈنى كۈرەدىن ئەسكەر ئەۋەتىدۇ.ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ قوماندانلىقىدىكى تارانچىلار مانجۇ قوشۇنلىرىنى تېزلا تارمار قىلىپ،نۇرغۇن قورال-ياراق،ئاشلىق-تۈلۈكنى قولغا چۈشۈرىدۇ.بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئىلى جاڭجۈنى كۈرەدىن باياندايغا يەنە نۇرغۇن ئەسكەرنى ياردەمگە ئەۋەتىدۇ.ئۇلارمۇ تارمار قىلىنىدۇ.مانا بۇ ئىككى قېتىملىق غەلىبىدىن كېيىن ئابدۇرۇسۇل بەگ قوزغىلاڭچى ئامما ئارىسىدا زور ھۆرمەتكە نائىل بولىدۇ.
مانجۇلارنىڭ بۇ مەغلۇبىيەتلىرى نەتىجىسىدە ئىلى جاڭجۈنى چاڭلىڭ مەنسىپىدىن قالدۇرۇلۇپ،ئۇنىڭ ئورنىغا مىڭچۇ ئىلى جاڭجۈنى بولىدۇ.بۇ جاڭجۈن ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار ئارىسىغا ئاداۋەت ئۇرۇقى چېچىپ،ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئىتپاقلىقنى بۇزۇش،ئۇلارنى ئۆز ئارا ئۇرۇشقا سېلىش چارىلىرىنى قوللىنىشقا باشلايدۇ.شۇ مەقسەت بىلەن سۇلتان مەزەمزات بىلەن ئابدۇرۇسۇل بەگكە ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق بېرىشكە ۋەدە قىلىپ،ئىلگىرىكى ئۈستىلىمە سېلىقلارنى قايتۇرۇشقا ماقۇل بولىدۇ ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە تارانچىلاردىن تۇڭگانلار بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.تۇڭگانلارنى بىرتەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن،ئۇيغۇرلارنىمۇ يوقىتىپ،قوزغىلاڭنى رەھىمسىز باستۇرۇش_مانجۇ ھاكىمىيىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئىدى.ئەمما ئىلى جاڭجۈنىنىڭ بۇ مەقسىدى ئەمەلگە ئاشمىدى.چۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرسىدىكى ئىتپاقلىق مۇستەھكەم ئىدى.
موللا بىلال بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ:
كى تۇڭگانلەرنى بېرىڭ بىزلەرگە،
بېغىشلاي تامام خۇيزۇنى سىزلەرگە.
ئىشىتسەسۆزۈم شاھ ساھىب رەسۇل،
كى ئالمايلى ئۈچ يىلغىچە ھېچ ھوسۇل.
كى ئالغان كۈمۈشلەرنى ھەم ياندۇراي،
جانىمنى ئالايىن سېتىپ مەن گاداي.
بىراق،ئۇيغۇرلار جاڭجۈننىڭ مۇراجىتىنى قوبۇل قىلمايلا قالماستىن ئەكسىچە جاڭجۈندىن سۆزسىز تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ تارانچىلار ئارىسىدا چوڭ ئابرويغا ئىگە بولغانلىقىنى كۆرگەن سۇلتان مەزەمزات ئۆزىنىڭ سۇلتانلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ،ئابدۇرۇسۇل بەگنى يوق قىلىشقا تۇتۇش قىلىدۇ.شۇ مەقسەت بىلەن ئۇ ئەخمەتخان سىڭا كۆز دېگەن قارانىيەتچى بىلەن تىل بىرىكتۈرىدۇ ۋە بۇ قارانىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ قىينىئاتىسى بولغان ئەخمەتخان خەزنىچىنى ئۆلتۈرىدۇ.ئاندىن كېيىن ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنى ۋە ئۇنىڭ يېقىن دوستى،قوزغىلاڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىسھاق بەگنى ئۆلتۈرۈش يوللىرىنى ئىزدەيدۇ.موللا بىلال نازىمى سۇلتان مەزەمزاتنىڭ ئەخمەت سىڭا كۆزگە دېگەن سۆزىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
دېدىكىم ئەمىرنى ھىلاك ئەتسىڭىز،
ئىسھاق بەگنى ھەم دەرناك ئەتسىڭىز.
چېرىك خوپ ئېتىپ لام دىمەس سىزگە،
كى غەۋغاسىنىڭ ئەھدىسىدۇر مەنگە.
ئەخمەت سىڭا كۆز؛<ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئابرويى ناھايىتى چوڭ، بىر باھانە تاپماي تۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرگىلى بولماسمىكىن>دەيدۇ ۋە<ئەمىرنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى مانجۇلار بىلەن يوشۇرۇن ئالاقىدا بولۇۋاتىدۇ دەپ قارىلايدىغان مانجۇ تىلىدا بىر ھۆججەت تۈزۈشىمىز كېرەك ۋە بۇ ھۆججەتنى ئەمىر .ابدۇرۇسۇل بەگنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويۇشىمىز كېرەك.مانا بۇ چوڭ دەلىل بولىدۇ>دەپ ئەقىل كۆرسىتىدۇ.بۇ ھەقتە موللا بىلال نازىمى مۇنداق يازىدۇ:
ئەمىرنى چاناپ ئۇشبۇ خەتنى ئېلىپ،
كى ئىيلىدىن ناھان يانچۇقىغا سېلىپ.
ئەمىر ئۆلسە ئاندىن چېرىكنى يىغىڭ،
ئەمىر يانچۇغىدىن بۇ خەتنى ئېلىڭ.
تۇرۇپ دانىيال بەگ ئەمىر باشىدە،
بۇ خەتنى ئوقۇغاي چېرىك باشىدە.
ئىشىتكەن كىشىلەر بولۇپ بەدگۇمان،
تامامى دىگەيلەر ئەمىرنى يامان.
شۇندىن كېيىن ئەخمەت سىڭا كۆز ئۆزىنىڭ شايكىلىرى بىلەن ئابدۇرۇسۇل بەگ ۋە ئىسھاق بەگنى خائىنلارچە ئۆلتۈرىدۇ.ھىلىقى تۆھمەت ھۆججەت سەۋەبىدىن تارانچىلار ئارىسىدا <ئابدۇرۇسۇل بەگ مانجۇلارغا سېتىلغانىكەن>دىگەن ئۆسەك سۆزلەر تارقايدۇ.دېمەك،مەزەمزات بىلەن ئەخمەت سىڭا كۆزنىڭ رەسۋالارچە پىلانى ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگ مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى ئىلىدا يۈز بەرگەن مىللى ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر،تۇڭگان خەلقلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرلىك،ئىتپاقلىق بولمىغاندا قوزغىلاڭنىڭ يېڭىپ چىقىشىنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشىنەتتى.
ئەمىر .ئابدۇرۇسۇل بەگ چىن دىلى بىلەن ئىلى تارانچىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىغا يولباشچىلىق قىلىپ،تارانچىلار ئارىسىدا زور ئابروي ۋە ھۆرمەتكە ئىگە بولغانلىقى ھەققىدە بىلال نازىمى مۇنداق دەيدۇ:
دېدى بارچە ئادەم يۈرەكلىك ئەمىر،
كى بىزلەرگە دائىم كېرەكلىك ئەمىر.
كى ئابدۇرۇسۇل بەگ دىلىدۇر دۇرۇست،
دىلى دۇرۇست ئۈچۈن تۇتتى خەلق ئانى دوست.
ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ نامى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى ئازادلىق ھەركەت تارىخىدا مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
شېرىپ خۇشتار<شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر>
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2000-يىلى9-ئاي نەشرى