بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى esma0999 نىڭ 2011-02-18 19:27 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن تۇنۇيدىغان بىر چوكان بار ئىدى. بىشىغا ياغلىقنى ئاتىۋىلىپ ئامۋاينىڭ دورىلىرىنى ساتىدۇ.كىيىنچە ئۇ ئەرگە تىگىپ ، ئايرىم دۇكان ئىچىۋالدى. ئۇنىڭ بىرەر ۋاق ناماز ئۆتىگەنلىگىنى كۆرمىدىم. بىر قىتىم ئىككىمىز بىر ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرگەن ئىدۇق. شۇنداق ئوخشىغان لەغمەننى ئۇ <پۇڭتۇزا سىلۋىتىپسىز ، بۇ ئاش ھارام> دەپ پۇلىنى تۆلىۋىتىپ يىمەي چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئاشخانە ئاچقان ئايال <بۇ پۇنتىزىنى ياڭيۇدىن پىشىقىلاپ ئىشلەيدۇ. مەن دادامنىڭ پۇنتۇزا زاۋۇتىدىن ئەكەلگەنتىم > دەپ يىغلامسىراپ تۇرۇپ <بۇ تاماقنى تۆكۈۋەتسەك تىخىمۇ گۇنا بولامدۇ ؟>دەپ تاماقنى ئۆزىنىڭ يەۋەتكەەنلىكىنى كۆردۈم.
يىقىندا ئۇ چوكاننى ئوبدانلا نەس باستى. ھىلىقى تەككەن ئېرىنىڭ قانۇنلۇق ئايالى (نىكاھلىنىش گۇۋانامىسى بار ئىكەن. )بار ئىكەن. ھەم ئۇ ئەر نىشىكەش، مەخسۇس خوتۇنلارنى ئالدايدىغان قويمىچى ئىكەن. چوكان ئەرنىڭ بۇ ئەھۋاللىرىنى بىلىپ بولغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇ ئەردىن قول ئۈزمەي ئۇ يەر بۇ يەردە مەخپى ئۆي تۇتۇپ يۇرۇدۇ. ئەرنىڭ قانۇنلۇق ئايالى تىلپون قىلسا ،ئۇنى ئىغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن تىللاپتۇ. دۇكانلىرى تاقىلىپ ۋەيران بولۇپ ، بىر چاقا ئاشقىمۇ زار بولۇپ يۈرگەندۇھازىر؟
