1
ئۇيقۇدىن كىرىلىپ ئويغانغان سەھەر،
سەھەردىن بۇرۇنلار ئويغانغان شەھەر.
مۇساپىر كەلكۈنى توسۇپ يوللارنى ،
ماشىنا چىرقىراپ مىڭ تەستە ئۆتەر.
ساغلاملىق،چىنىقىش،مەدەنىيەتنى دەپ،
سەھەردە يۈگرەيدۇ شەھەرلىك بوۋاي.
چىھرىدىن بىر دەردى باردەك قىلىدۇ،
بۇ چاغدا ئورنىدىن تۇرمىغان ناۋاي.
كىلىدۇ يۈگۈرۈپ ئاۋات بىر يولغا،
ئۆتىدۇ ھەشەمەت مىھمانسارايدىن.
داڭ قىتىپ تۇرۇپلا قالار ئورنىدا،
ئىشىكتىن چىقىۋاتقان ئۇيقۇ چىرايدىن.
ئەسلەيدۇ ئاخشامنى، كەم ئىدى بىرسى،
سورايدۇ قىزىنى «يەنە يوق» يەنە.
«كايىماڭ دادىسى ئۈگىنىش ئىكەن» دەپ،
چۈشەندۈرۈپ ئىيتار يۈرەك سۇ ئانا.
قەدىمى ئاستىلاپ ماڭدى پىيادە،
ئەتتىگەندە كۆرگىنى بەكلا زىيادە.
يوسۇندا ئۇچرايدۇ ئاغزى-بۇرنى قان،
ئانىسى يامانلاغلىق نەۋرە بىچارە.
قىقىلىپ ئىچىدىن يۆتىلىپ كەتتى،
سۈكۈت،
ئۇنىڭدىن باشقا قالدى نە چارە؟
2
بىر قولۇمدا مەي-شاراب،بىرىدە غاڭزا،
سورۇندا ھازىرمەن كەيىپنى خالاپ.
بىر دوستۇم چىرقىرار خۇددى چوشقىدەك،
يەنە بىرى بۇلۇڭدا بوتۇلكا يالاپ،
بىر كۆزىن ياش ئاقسا بىر كۆزىدە قان،
مەن ئۈچۈن دۇئادا «ھاماقەت» ئانام.
ئويۇمدا ھىدايەت، ئىمان، ئۇ نىمە؟
ھاياتمۇ،ماماتمۇ ئوخشاشلا قاينام.
پاك،سەبى لىۋەننى پاھىشە قىلدىم،
تېگىدۇ ماڭىمۇ ئوخشاشلا بىرسى.
ئامال يوق ماڭىمۇ مەن يالغۇزئەمەس،
ماڭىدۇ بۇ يولدا ياشمۇ ھەم قىرىسى.
3
تاشلىنىش مەشىقتەك چىنىققان قىزلار،
ھەكۈنى ھەر كوچىغا سالىدۇ ئىزلار.
قۇياشمۇ نۇمۇستىن تۇتۇلۇپ ھەركۈن،
تۈنلەرمۇ ئەلەمدە ئۆچكەن يۇلتۇزلار.
شاللاقلىق دەستىدە ئۆتىدۇ كۈنلەر،
يۈزىنىڭ ئۈستىدە قات-قات گېرىملەر.
ئوبۇرنى... كىچىدە....سۇ رەڭگى قىزىل،
يۈندىگە ئايلىنىدۇ قان ۋە يىرىڭلەر.
4
كۈپكۈندۈز چوڭ يولدا جۈپ قەدىردانلار،
يىنىدىن ئۆتىدۇ ياش ھەم قىز يىگىت.
چوڭلارنىڭ دىلىغا بۇ ناتىۋانلار،
«يالىشىپ» قويىدۇ قاپقارا چىكىت.
توۋا،دەپ ياشلارنىڭ دىيانىتىدىن،
ئاغزىدا ياقىسى چىشلىشىپ قالدى.
كۆرمىدى بىر ياندا كونا بەڭگە قىز،
بىرى بىلەن ئېشەكتەك كىشنىشىپ قالدى.
تەسەۋۋۇر كۈچىدىن كىچە كۆك بۆرە،
ئاپئاق بەت ئۈستىگە ئەلەمنى سالدى.... ....
5
توپېلىق چىغىر يول توپېلىق سەھرا،
قوزىلار چاپىدۇ قاراپ جاڭگالغا.
ئىگىسى توپا چىراي مەينىڭ كۈچىدىن،
ئورىلىپ ئارانلا، ماڭار چاپانغا.
ئەلەمدە كىچىچە توختىماي ئىچتى،
ئىيتىڭە، كىممۇ ئويلىغان ئاخشامقى ئىشنى؟
ئىشەنگەن تېغىدا ياتمىدى كىيىك،
خوتۇنىنى ياتلار بىلەن كۆرۈپ قىلىشنى.
ئەلەمدە ماڭاتتى لەيلەپ مەس-ئەلەس،
ئۇچرىدى بىر چاغدا بولغان «ھەمنەپەس».
سۈيىنى چىقاردى نازلىنىپ بىردىن،
پەيلىدە شەيتاننىڭ، تۈرۈلدى ھەۋەس.. .... ...
تولغىنىپ ھۇۋلىدى ئاچچىق كۆك بۆرە،
نىشانە يوقالدى،ئېتىلدى قەپەس.
6
ھەي ئېنىم،نادان ئېنىم،قاۋان ئېنىم،
بىرلاقوي، جان ئاتامدىن قالغان ئېنىم.
سېتىپسەنغۇ كىچىچە ئوغىرلاپ سەن،
قايسى قىسمەت بۇ كويغا سالغان ئېنىم؟
سۆيگۈنۈم قوسىغى تومپايدى دىدېڭ،
توي قىل دىسەم ئۇدۇل چىشى توڭكايدى دىدېڭ.
ئىش-ئەمگەكتە تىپىپ يىگىن ناننى دىسەم،
ۋاي بولدىلا، ۋاي بىشىم قايدى دىدېڭ.
مۇشت ئېتىپسەن مىھرىبانغا، بىر جان ئانامغا،
جىمى جاھان قىلىپ ھۆرمەت بىرەر سالامغا.
لەنەت ساڭا ھاياتلىغىڭ، مەۋجۇداتلىغىڭ،
تەڭ قىلماسمەن ئىنسان تۈگۈل ھەتتا كالامغا.
بۇ دەۋىر ئىنسانلىرىم كەتتى ئەقلىدىن،
شەپقەت يوق، تۇز سىپەر كونا يارامغا..... .....
7
كۆك بۆرە ھۇۋلىغان ئەلەملىك ئاۋاز،
لەختە قان،لەختە قان، لەختە قان مىسرا.
ئېسەدەپ تولغاندى توختىدى پەرۋاز،
..... .....
بوپ قالماس بەلكى ئەڭ ئاخىرقى ئېرا .