رېستۇران
ئاپتورى: ئەرشىدىن تۇداخۇن (غۇلجا ناھىيىلىك دېھقان)
پۇل تېپىشنىڭ يولىنى زەپ تېپىپسىز رېستۇران،
بىر جوزىدا يۈز بەش كوي يەپ كېتىپسىز رېستۇران.
ماختانغانغۇ ئېلاندا ئەرزانچىلىق بىزدە دەپ،
ئەمما بىزدەك ئەخمەققە لاپ ئېتىپسىز رېستۇران.
كىرىپ كۆردەك ئەمەلدە ئېلان باشقا،راست باشقا،
ھەر بىر سەيگە بەش كويدىن پۇل قېتىپسىز رېستۇران.
بىر توخۇنى بۇيرۇتساق تولۇق بەرمەي سورۇنغا،
بىر قانات ۋە بىر پۇتنى ئېپقېچىپسىز رېستۇران.
ئىزدەپ يېرىم توخۇنى يېنىڭىزغا كىم كىرسە،
تۆھمەتخور دەپ بىر تالاي گەپ تېپىپسىز رېستۇران.
تۈرلۈك رەڭلەر چاقناتقان ۋال-ۋۇل چىراق بىلەن تەڭ،
كاززاپلىقنىڭ چىرىقىغا ئوت يېقىپسىز رېستۇران.
ھېيت-بايرامكەن سىلەرگە ئاران كەلگەن بىر ئامەت،
چۈنكى بۇ كۈن ھاراقنى كۆپ سېتىپسىز رېستۇران.
نەچچە يۈز سوم پۇل خەجلەپ،بىرەر ئون سوم كەم قالسا،
سالدۇرۇۋېلىپ چاپاننى ئېپ كېتىپسىز رېستۇران.
ئايرىم-ئايرىم خانىلار پۇللۇقلارغا راسلانغان،
پۇلى ئازغا ئىشىكنى چىڭ ئېتىپسىز رېستۇران.
مۇلازىمەت ئەلا دەپ ئېيتسىڭىزمۇ نەچچە رەت،
ناچار خاھىش-ئىللەتكە سىز پېتىپسىز رېستۇران.