ئوبۇلھاشىم قاسىمنىڭ <ئىشخانا> ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ
پالچى،باخشى...يىغىلغان بىر رەستىكەن ئىشخاناڭ،
ئىشخانامغا ئوخشاشلا دىلخەستىكەن ئىشخاناڭ.
مۇئەللىملەر ئويغانماي لەززەتلەنسە چۈشىدىن،
ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسى كۆپ پەستىكەن ئىشخاناڭ.
ئۆز دەردىنى تۆككىچە،ئەل غېمىنى ئويلىسا،
ھېلىھەم دىل مالاللىق كۆرمەستىكەن ئىشخاناڭ.
ناخشا توۋلاپ يۈرۈپتۇ بولسىمۇ گەر ئىش ھارام،
<تالانتلىق>قا يول قويغان بىر سەھنىكەن ئىشخاناڭ.
قىلغۇچە يۈزگە گىرىم،ئالسىچۇ كۆپلەپ بىلىم،
بۆلۈنۈپ تۆت-بەش گۇرۇھقا يۈرمەستىكەن ئىشخاناڭ.
شۇنداق بولسا مۇئەللىم،كەلگۈسىمىز نە بولماق،
گېنېرال ئۆرتەندى راست،تۈزەلسىكەن ئىشخاناڭ.
گېنېرال شېئىرلىرىدىن