ئاۋات شەھەر
سۆيۈملۈك مەكتەپ،
ئاچچىق-تاتلىق كەچمىشلىرىڭنى،
دىپلوم قىلىپ تۇتقۇزار ساڭا.
كەلگىنىڭدە ئالىي مەكتەپكە،
كۈتۈۋالار < سېخىي> يۇرتلۇقۇڭ،
قەدەھلەرگە تولدۇرۇپ <كۆڭۈل>،
قوبۇل قىلىپ تۇنجى تەربىيە،
مۇقەددىمەڭنى يازىسەن ساختا.
مۇئەللىمنىڭ ئەزۋەيلەشلىرى،
كەلتۈرىدۇ ئۇخلاپ قالغۇڭنى،
گۈزەل قىزنىڭ يۇمران قولىنى،
سىلىۋالغۇڭ كېلىدۇ يانا.
تونۇش قىزنىڭ كۈلۈمسىرىشى،
قىلغىنىدا سېنى زەردە گۆش،
قەدەھلەردىن لىق-لىق سۈمۈرۈپ،
يىغلىۋالغۇڭ كېلىدۇ راسا.
غۇربەتچىلىك كەلسە باستۇرۇپ،
كۆلەڭگەڭگە دەرت ئېيتىپ تۇرۇپ،
سېغىنىسەن يۇرتۇڭنى شۇندا.
كالىندارسىز ئۆتكەن كۈنلىرىڭ،
ئالغىنىدا سەندىن ھىساۋات،
تاپالمايسەن سۈلھىگە ئىلاج،
<بىلىم>ئاتلىق گۈزەل نازىنىن،
قويار سېنى ئەلەملىك داغدا.
كەلگىنىڭدە ئالىي مەكتەپكە،
بىلەلمىسەڭ قەدرىن ناۋادا،
كەچمىشىڭدىن بىر دەستە ھەسرەت،
دىپلوم قىلىپ تۇتقۇزار ساڭا.
گېنېرال شېئىرلىرىدىن