باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 877 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھاراق ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ھەققىدە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5861
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 122
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە122دانە
ئۆسۈش: 2070 %
مۇنبەر پۇلى: 2660 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2011-10-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-17 18:01

ھاراق ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ھەققىدە

171. سوئال: مەست قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە ھاراق ھېسابلىنامدۇ؟

جاۋاب: ئىسلام دىنىدا، ئادەمنى مەست قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەر قاندىقى ھاراقنىڭ تۈرىگە كىرىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئاق ھاراق، قىزىل ھاراق، پىۋا، شامپانىيە ۋە ئادەمنى مەست قىلىدىغان ھەر قانداق ئىچىملىك ھاراق ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مەست قىلغۇچى نەرسىنىڭ ھەر قاندىقى ھاراقتۇر، مەست قىلغۇچى نەرسىنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر.»

172. سوئال:  ھاراقتىن مەست قىلمىغۇچىلىك مىقداردا ئىچىشمۇ ھاراممۇ؟

جاۋاب: ھاراق ياكى ھاراق نامى بىلەن ئاتالمىغان بولسىمۇ تەركىبىدە ئادەمنى مەست قىلىش خۇسۇسىيىتى بولغان ھەر قانداق بىر ئىچىملىكتىن بىر يۇتۇم ئىچىشمۇ قەتئىي ھارامدۇر. بۇ مەسىلىدە پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى بىردەك ئىتتىپاقتۇر. ئالدىنقى ھەدىسمۇ بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. كۆپ ئىستېمال قىلسا مەست قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئېزىمۇ، كۆپىمۇ ئوخشاشلا ھارامدۇر. چۈنكى مەزكۇر نەرسىلەر ئاز ئىستېمال قىلىش بىلەن مەست قىلمىغان بىلەن ئىچكى ئەزاغا زىيان يەتكۈزۈپ ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشتا ئېزى بىلەن كۆپىنىڭ پەرقى يوقتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز ئىچىش كۆپ ئىچىشكە ئېلىپ بارىدۇ.  

173. سوئال:  نېمە ئۈچۈن ھاراق پۈتۈن يامانلىقلارنىڭ باشلامچىسى دېيىلىدۇ؟

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاراقنى سۆكۈپ: «ھاراق – پۈتۈن پاسكىنىلىقلارنىڭ ئانىسىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى قاتىللىق، ئوغرىلىق، خىيانەتچىلىك، ئالدامچىلىق، ئاتا - ئانىسىنى قاقشىتىش، بالىلىرىنى يېتىم قالدۇرۇش، نومۇسىنى قوغدىيالماسلىق، پەسكەشلىك ۋە باشقا ھەر قانداق بىر جىنايەت ياكى ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم ھاراق بولىدۇ. ھاراق ئىچكەن ئادەم ھەر قانداق بىر گۇناھنى ياكى جىنايەتنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ھاراقكەشتە شەرم – ھايا، ۋىجدان، ئار – نومۇس دەيدىغان نەرسە ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن بولىدۇ. شۇڭا ھاراق پۈتۈن يامانلىقلارنىڭ باشلامچىسى دېيىلىدۇ. بۇ پىكىردە ھەر قانداق دىن، ھەر قانداق پەلسەپە ۋە ھەر قانداق قانۇن بىردەكتۇر.

174. سوئال: ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب نېمە؟

جاۋاب: ئاللاھ تائالا ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئارتۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەقىل ئاتا قىلغان. ئەقىل ئىنساننى بارلىق مەخلۇقلاردىن ئالاھىدە ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسىدۇر. ئۇنىڭسىز ئىنساننىڭ ھېچقانداق قەدىر - قىممىتى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئىسلام دىنىدا ئەقىلنى قوغداش بەش چوڭ پەرزنىڭ بىرى. بىرەر ئىنساننىڭ ئەقلىنى كەتكۈزگەنلىك ئۇنى ئۆلتۈرگەن بىلەن باراۋەردۇر. مەست بولۇش ئەقىلنى يوقاتقانلىقتۇر. ئەقلىنى يوقاتقان ئادەم ئىسلام ئىبادەتلىرىنى ئورۇنلاشقا سالاھىيەتلىك بولالمايدۇ. مۇندىن باشقا، ئەقلى جايىدا بولمىغان ئادەم ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمىگەنلىكتىن، ئەدەپ - ئەخلاققا زىت كېلىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەرنى ۋە تۈرلۈك ناشايان ئىشلارنى قىلىش، ھەتتا ھاياتىغا خەتەرلىك ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن ئۆكۈنمەيدۇ. قاتىللىق جىنايەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھاراقنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ. ھاراق ئىنساننى ياخشى ئىشلاردىن ۋە ئاللاھنىڭ زىكرىدىن توسىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ھاراقنىڭ پۈتۈن تۈرلىرى ۋە پۈتۈن ئاتالغۇلىرى بىلەن بىرگە ھارام قىلغان. ئاللاھ تائالا ھاراقنىڭ ھاراملىقىنى جاكارلاپ مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟» (مائىدە سۈرىسى 90 - 91 - ئايەت).

175. سوئال: ھاراقنىڭ ئاساسلىق زىيانلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ھاراقنىڭ زىيانلىرىنى تەتقىق قىلىپ، مۇنداق 14 تۈرلۈك زىيىنىنى ئېلان قىلغان:

(1) ھاراق ئىنساننىڭ يۇقىرى نېرۋا سىستېمىسىنى زەھەرلەپ، ھاراق ئىچكۈچىنى ۋاقىتلىق ساراڭ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قالايمىقان سۆزلەپ كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدۇ.

(2) يۈرەكنى قاتتىق قوزغىتىپ، ئارقىدىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

(3) ئىنساننىڭ كېسەللىككە قارشى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئىنساندىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرىدىغان ئاق قان ئايلىنىشىنى ئىشلىمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

(4) ھاراق ئىچىشكە ئادەتلەنگەن ئادەم سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۈچەي ياللۇغى كېسىلى بولۇپ قالسا، قۇتۇلۇش ئىمكانى بولمايدۇ.

(5) ھاراققا ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ ئوپېراتسىيىدە قۇتۇلۇش نىسبىتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. شۇڭلاشقا سۇغۇرتا شىركەتلىرى ھاراقكەشلەرنىڭ ھاياتىنى سۇغۇرتىغا ئالمايدۇ.

(6) دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا ناھايىتى چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا كىرگەن كېسەللەرنىڭ % 50 دىن كۆپرەكى ھاراق ئىچىدىغان ئادەمنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

(7) ھاراق يۈرەك بىلەن جىگەرنى كاردىن چىقىرىدۇ.

(8) قان بېسىمى، شېكەر سىيىش ۋە يۈرەك كېسىلى بار ئادەم ھاراق ئىچىدىغان بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرگەن بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

(9) ھاراق بەزىلەرنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك تاماق سىڭدۈرۈشكە ياردەم قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ تاماق سىڭدۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتىگە توسالغۇ بولىدۇ ۋە ئاجىزلىتىدۇ.

(10) ھاراقنىڭ ھېچقانداق غىزا قىممىتى يوق. شۇنى بىلىش كۇپايە قىلىدۇكى، بىر بوتۇلكا ھاراقنىڭ بىر قوشۇق گۈرۈچچىلىكمۇ غىزا كۈچى يوقتۇر.

(11) ھاراقكەش نامراتلىققا گىرىپتار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ بارلىق پۇلىنى ھاراققا خەجلەيدۇ. ئۇ ھاراق ئۈچۈن ئايالىنى ۋە بالىلىرىنى ئاچ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ياخشى غىزالانمىغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلغۇچ كېسەللىكلەرگە دۇچار بولىدۇ.

(12) تېببىي ستاتىستىكىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، جىنسىي كېسەللىككە دۇچار بولغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ھاراقنىڭ سەۋەبى بىلەن بولغان.

(13) ھاراقكەشلەردىن كۈچلۈك ئەۋلاد چىقارغان ئادەم يوق، چۈنكى ھاراق قورساقتىكى بالىنىڭ ئورگانلىرىنىڭ زەئىپ ۋە ئەيىبلىك ئۆسۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

(14) قاتناش ۋەقەسىنىڭ % 40 ى دىن كۆپرەكى ھاراق سەۋەبى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. چۈنكى ھاراق خەتەرنى ھېس قىلىش ئورگانلىرىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، بىر سېكۇنت ئىچىدە ماشىنىنى توختىتىش كېرەك بولغان بىر ۋەقەدە ھاراق ئىچكەن ئادەم ئىككى سېكۇنتتىن كېيىن توختىتالايدۇ. بۇ چاغدا بولىدىغان ئىش بولۇپ بولغان بولىدۇ.

176. سوئال: ھاراق ئىچىشنىڭ جازاسى نېمە؟

جاۋاب: ھاراق ئىچكەن ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى 80 قامچا ئۇرۇلۇش بولۇپ، بۇ ئىسلام قانۇنى يولغا قويۇلۇۋاتقان مەملىكەتلەردە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەمما ھاراقكەشنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى جەننەتتىن مەھرۇم قېلىش ۋە دوزاخقا كىرىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ. ئۇلار: ھاراقكەش، ئاتا - ئانىسىنى قاقشاتقۇچى ۋە ئائىلىسىنى كۈنلىمەيدىغان دەييۇس.»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ھاراق ئىچىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ھاراق ئىچمىسۇن، ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ھاراق ئىچىلىدىغان داستىخاندا ئولتۇرمىسۇن.»



كامىل يوۋاش
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3222
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 501
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە501دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 5561 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2011-02-28

ئاللاھ   ئىلگىركى ئۆتكۈزگەن گۇنالىرىمىزنى      كەچۈرگەيسىز    قېرىداشلار  ھەقىقەتەن توغرا  ھاراقنى   تاشلايلى تېما ئىگىسى  كۆپ رەھمەت  داۋاملىق مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى ئەۋەتىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1072
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1072دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 10935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2011-10-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-22 12:39

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، ناھايتى مەنپەئەتلىك تېمىكەن ،
مۇشۇ ھەلەقنى ئىچكەنلەر زىيانلىق تەرىپىنى پەقەتلا ئويلىمايدىغان چېغى؟
اللا