چۈمۈلە +بۇلبۇل +ھەرە = ئادەم
ماڭماڭتا ئالدىمدا، بىر توپ چۈمۈلە ،
قول تۇتۇپ ئۆز ئارا، يەرنى بېغىرلاپ .
بىز لىكىن ماڭىمىز، كاللا قۇپقۇرۇق ،
ئازغىنە مۇشكۈلمۇ ،تاغدەك ئېغىرلاپ .
ئۇچماقتا ھەرىلەر توپ – توپى بىلەن ،
زەھىرى بولسىمۇ، سانجىشماي ئەجەپ .
بىز ئىنسان ئەقىللىق، يوق ئىشلارغىمۇ ،
ئوت يېقىپ ئۇلغايتىپ، ئۇقۇيمىز غەزەپ .
بۇلبۇللار ناۋا قىپ ، سايرىشار گۈلگە ،
باغۋەننى ھۆرمەت قىپ،قىلماستىن خازاڭ .
بىز ئۈچۈن بەزىلەر ، قىلسا تەربىيە ،
ھېس قىلار قەلبىمىز ، قۇپقۇرۇق پاراڭ .
ئۆزگىلەر ئەجرىدىن قۇچقاندا شەرەپ ،
بۇلبۇلدەك ناۋا قىپ، كۈلەيلى ئۇزاق .
بىز ئۇيغۇر تىلىمىز –دىلىمىز بىرلىك ،
نەپ ئۈچۈن بىراۋغا قۇرمايلى قىلتاق .
ھەرىلەر توپىدەك ، ئۇيۇشۇپ ياشاپ ،
تىللاردىن ئۆزگىگە ، سۇنايلى شەربەت .
شۇنچە كەڭ جاھانغا پېتىشماي يۈرۈپ ،
ئۇرۇشۇپ ، تىللىشىپ ، قىلمايلى غەيۋەت .
چۈمۈلە روھىدىن، ئالغاندا ئىلھام ،
تاغلارنى قىلغىلى، بۇلار گۈلۈستان .
بۇلبۇلدەك توختماي سايرىساق ئەگەر ،
باھاردەك بىلىنەر، ھەتتا زىمىستان .
مەنبە---- تاڭنۇر < خەيرۇللا قۇربان > بۆرتالا