باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 757 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوغلۇمغا نەسىھەت
بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبا ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6100
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-15
ئاخىرقى: 2011-02-17
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-15 19:56

ئوغلۇمغا نەسىھەت

ئوغلۇم، قەلبىم روشەن بولسۇن دېسەڭ، بىلىم ئال، غۇرۇرۇڭنى قوغدا، ۋىجدانىڭغا چاڭ قوندۇرما، ئۆز قەدىر –قىممىتىڭنى، ئىززەت –ھۆرمىتىڭنى تېگى-تەكتىدىن تونۇپ يەت.
ئىرادەڭ مۇستەھكەم بولسۇن، ئىرادىسى ئاجىز ئادەم ھەر قاچان، ھەر زامان باشقىلاردىن شەپقەت كۈتۈش، رىزىق تەمە قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ، ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئۆزى تېپىپ يېيەلمەيدۇ.
ئېسىڭدە تۇت، مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ئادەم بىر ئۆمۈر بەختسىزلىك، مەغلۇپلۇق ئىچىدە يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ ياشايدۇ.
ئىشەنچ، ئادەملەر ئۈچۈن مەنىۋى تۈۋرۈك !
ئېسىڭدە تۇت ئوغلۇم، روھنىڭ مەغلۇبىيىتى - ئادىمىيلىكنىڭ مەغلۇبىيىتى.
ئۇنتۇما ئوغلۇم، ھاياتلىق دۇنيادىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، ئۆلۈم ھاياتلىقتىن كۆزىنى يۆتكىيەلمەي داۋاملىشىۋېرىدۇ.
دۇنيادا، ئەخلاقنى ئۆزىنىڭ ياشاش ئۆلچىمى قىلغۇچىلار، ھەرجەھەتتىن غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر، چۈنكى ئەخلاق- پاكىزلىق، پاكىزلىق ئىنساننى يۈكسەكلىككە ئېلىپ بارىدۇ.
ئەستە تۇت ئوغلۇم، ئۆزىنى بىلگەنلەر شەرەپ قۇچۇپ، ئۆزىنى بىلمىگەنلەر ھالاكەتكە چۆكۈپ ياشايدۇ.
ئۆزىنى بىلىش، ئۆزىنى چۈشىنىش بارلىق بىلىش ھەم چۈشىنىشلەرنىڭ يۇقىرى پەللىسى.
ئۇنتۇما ئوغلۇم، ئادەملەرنىڭ قەدىر-قىممىتى گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتىدە.
بېشىڭغا كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلى چۈشكۈنلىشىپ كەتمە، ئىرادىلىك بول، ھايات تۈمەنمىڭ قىسمەتلەر، مۇشەققەتلەر ئىچىدە تاۋلىنىپ، تۇرمۇش ئەلگەكلىرىدە مىڭ تاسقىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار قىممىتىنى يارىتىدۇ.
بىلىۋال ھەسەت ئۇ پارازىت قۇرت،
پۇشايمان –كېچىككەن دەرس ئەستە تۇت.
ئوغلۇم، سەن ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى تونۇغان چېغىڭدا، زامانىۋى قۇللۇقتىن ئازاد بولىسەن. ئىشەنمىسەڭ قۇلاق سال ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراقتىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان مۇنۇ سادالارغا:
-ئويغان !
-ئويلان!!
-ياشا!!!
ئادىمىيلىك، ئادىللىق، ئىنسانى تەپەككۇر ئادەمنىڭ روھىنى مەڭگۈ لاۋۇلدىتىپ تۇرىدىغان ئېنېرگىيە.
ئوغلۇم، بىلىمسىزلىك ئىنساننىڭ بوينىغا سېلىنغان سىرتماق، پۇت-قولىغا سېلىنغان كويزا-كىشەن، بۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە بولمايمەن دېسەڭ مەڭگۈ ئۆگەن !
ئوغلۇم، ئادەم ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ ھۆرمەتلىيەلەيدىغان بولسا، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەر قانداق چاغدا قەدىرلىنىدۇ.
پەخەس بول ئوغلۇم، جىسمانىي جەھەتتىكى قۇللۇقتىن، روھى جەھەتتىكى قۇللۇق تولىمۇ ئېچىنىشلىق، تولىمۇ پاجىئەلىكتۇر.
ساغلام روھ، ساغلام ئىدىيە، ئۆزىدىن ھالقىغان ئىرادىگە ئىگە ھەرقانداق ئىنسان مۇكەممەل ئىنساندۇر.
ئوغلۇم، ئېسىڭدە تۇت، ئانا ۋەتەن، كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن ئانا تۇپراققا بېغىشلانغان سۆيگۈدىن مۇقەددەس سۆيگۈ يوق. ئادەملەرنىڭ ئانا ۋەتىنىگە، باغرىنى يېقىپ چوڭ بولغان ئانا تۇپرىقىغا بولغان سۆيگۈسى مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
ئىسىڭدىن چىقارما ئوغلۇم، كىشىلىك تۇرمۇشتا ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالمىغان، مۇكەممەل كۆز قاراش يېتىلدۈرەلمىگەن ئادەم بىر ئۆمۈر بەختسىزلىك ئىچىدە ياشايدۇ.
سۆزگە قارا كۆزگە قارىماي،
ياشاي دېسەڭ زىيانلار تارتماي.
نادانلىق ئادەمنى ھالاكەتكە ئىلىپ بارسا، بىلىمسىزلىك قۇللۇقتا قالدۇرىدۇ.
ئوغلۇم، روھىنى ئىلىم نۇرى بىلەن سۇغارغان كىشىلەرلا نادانلىقتىن، ھەرخىل چاكىنا ئىللەتلەردىن خالى بولىدۇ. ئۆزىنى ئۆزى قۇتۇلدۇرمىغانلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. ئادىمىيلىكىڭنى جۇلالاندۇرۇشۇڭ، قەدىر-قىممىتىڭنى نامايان قىلىشىڭ، ئۆز تىرىشچانلىقىڭغا، تىنىمسىز ئىزدىنىشىڭگە، بىلىم قۇرۇلماڭنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇشۇڭغا باغلىق. شۇڭا سەن ھەر ۋاقىت روھۇڭنى پاك تۇت، ئىرادەڭنى بوشاشتۇرما، ئىشەنچىڭنى يوقاتما، ئېرىشەلمىگەن نەرسىلىرىڭگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىش! كۈرەش قىل !!!.
ئوغلۇم، خۇشامەتچى، ئىت مىجەز كېلىدۇ، كىم ئالدىغا سۆڭەك تاشلاپ، يالىقىغا ئاداپ چېلىپ بەرسە ئەركىلەپ قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ، غىڭشىيدۇ. دۇنيادا، ئۆزىنى قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ، سۆڭەك غاجاپ، يالاق يالايدىغان ئىت ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىنمۇ ئارتۇق خورلۇق، رەسۋالىق بولمايدۇ.

پۇلنى دەپ ئۇنتۇما ئەلنى، قاياشنى،
ساتمىغىن ۋىجداننى، دوستنى، ئاداشنى.
دۇنيادا ئادەمدەك ياشىماق قىيىن،
بىلگەنلەر دانادۇر قانداق ياشاشنى.
ئېسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم، نادانلىق ئىنسان پسىخىكىسىدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق، خەتەرلىك ئۆسمە، قورقۇنچلۇق باكتېرىيە.
ئېسىڭدە تۇت، سەن ئۆزىنى ئۆزى يەڭگۈچى، ئوغلۇم!
ۋاقىت قولدىن كەتمىسە، بەخت قولدىن كەتمەيدۇ.
ئېسىڭدە بولسۇن، ئادەمنى تۆت نەرسە گۈزەل قىلىدۇ: 1. ئەقىل 2. ئېتىقاد 3. ھايا 4. ياخشى خىسلەت.
ھەسرەت، ئۆكۈنۈش چۆلىدە ئۆزۈمنى قىينىماي ياشايمەن دېسەڭ، خىياللىرىڭنى ئۆزۈڭدە يوق نەرسىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈۋالما، ئارزۇ-ئارمانلىرىڭ بىلەن رېئاللىق تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالمىسۇن.
ئوغلۇم، ئەركەك نۇرغۇنلىغان نەرسىنى يوقىتىپ قويسا بولىدۇ، لېكىن غۇرۇرىنى، ئېتىقادىنى يوقىتىپ قويسا بولمايدۇ.
مەنىۋى جەھەتتىكى ئاچارچىلىق ئادەمنى روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلەشتۈرۈپ، زەئىپلەشتۈرۈۋېتىدۇ، شۇڭا سەن قورسىقىڭنى ئاچ قويكى، مەنىۋىيىتىڭنى ئاچ قويما.
چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك، ۋاپادارلىق ئادەملەرنىڭ گۈل تاجى!
سەن باشقىلاردىن ۋاپا تەلەپ قىلغان ئىكەنسەن، ئاۋۋال ئۆزۈڭدە ۋاپانى ھازىرلا، قەلبىڭنى ۋاپا بىلەن تولدۇر.
ئوغلۇم، بىلىمسىزلىك ئادەملەرنىڭ روھىنى كۈندىن –كۈنگە يالىڭاچلاپ، سويغان پىيازدەك قىلىپ قويىدۇ، شۇڭا سەن داۋاملىق ئۆگەن!
ئېسىڭدە تۇت، نەتىجىدىن جەريان مۇھىم، جەريان بولماي نەتىجە بولمايدۇ. لېكىن نەتىجە بولمايمۇ جەريان بولۇۋېرىدۇ.
مەڭگۈ ئۆلمەيمەن دېسەڭ خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئال.
يۈز سائەت خىيال سۈرگىنىڭدىن بىر دەقىقە تەپەككۇر قىلغىنىڭ مىڭ ئەۋزەل.
ئوغلۇم، ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىشنى بىلمىسەڭ، ۋاقىتنىڭ سىرتىدا بىر ئۆمۈر خارلىنىسەن.
پەخەس بول، بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ.
پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغۇچىلار- ئۆز ئۆلۈمىنى كۈتكۈچىلەردۇر.
*** يىغلاتما، داداڭنى يىغلاتما، ئۇلارنىڭ ئاققان ياشلىرى سېنى يىتىپ كەتمىسۇن.
ئېسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم، سەۋەبسىز نەتىجە بولمايدۇ، بەدەلسىز نەتىجىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.
ئوغلۇم ئاڭلا، ئېسىڭدە ساقلا ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىنسان، مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالايدىغان، ھالال بىلەن ھارامنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەيدىغان ئىنساندۇر، ياخشىلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىنسان ئادىمىيلىككە داغ چۈشۈرىدىغان ئەڭ ناباب ئىنساندۇر.
سەن ئادەمدەك ياشايمەن دەيدىكەنسەن ئۆزۈڭگە «ھالال»، «ئىنساب» دېگەن سۆزنى ئۆلچەم قىلغىن!
ھاياتقا يېڭى سوئال قويۇشتىن قورقساڭ، ياشايمەن دەپ ئاۋارە بولما. ياشىغان ئىكەنسەن قىممەت يارىتىپ ياشا، بۇ قىممەت چىن ئەقىدە چىن ئىخلاسىڭدىن كېلىدۇ.


-مەنبە :ھىكىمەت خاتىرەمدىن (قاچانلاردا توردىن چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغان ئەسەركەن )
بىلىمسىزلىكنىڭ {بالاياتقۇسىدا}نادانلىقتىن ئىبارەت{ تۇرەلمە } يىتىلىدۇ.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1557
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1557دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-29

ناھايتى ياخشىكەن ، رەخمەت سىزگە !
اللا