رەسىم:

ئىراندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش كۆتۈرۈلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15-فېۋرال خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 14-فېۋرال، ئىراندا نەچچە مىڭ ئادەم پايتەخت تېھراندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، كۆپلىگەن نامايىشچىلار قولغا ئېلىنغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، گەرچە ئىران دائىرلىرى نامايىشتىن ئىلگىرى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما قىسمەن نامايىشچىلار يەنىلا ساقچىلار قۇرغان توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان، ساقچىلار تېھراندا يىغىلىشقان ئۆكتىچى نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش ئوقى ئاتقان.
سەل ئىلگىرى، ئىران دائىرلىرى ئۆيىدە نەزەربەندە تۇرۇۋاتقان ئۆكتىچىلەر داھىيسى مۇساۋېي ۋا كارۇبى ئولتۇراقلاشقان يوللارنى قامال قىلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىراننىڭ باشقا ئىككى ئۆلكىسىدىمۇ نامايىش ھەركەتلىرى كۆرۈلگەن.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى
زور بىر تۈركۈم ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچى ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش پەرمانىغا قارىماي، يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن، كۆپ قىسىم ئامما جىمجىت يۈرۈپ نامايىش قىلغان، ئەمما بەزى نامايىشچىلار يۇقىرى ئاۋازدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش توۋلىغان ھەمدە ئىراننىڭ ئەھۋالىنى مىسىر، تۇنىسلار بىلەن سېلىشتۇرغان. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى تېھراندىكى ئىنقىلاب مەيدانى، ئىمام ھۆسەيىن مەيدانى ۋە باشقا ئاساسلىق يوللاردا نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش ئوقى ئاتقان، نامايىشچىلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى توقۇنۇشقان، 3 نەپەر نامايىشچى ئوق تېگىپ يارىلانغان، نەچچە ئون ئادەم تاياق يېگەن.
يېرىم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پارس ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، نۇرغۇن نامايىشچىلار قولغا ئېلىنغان ھەمدە ساقچى تەرەپكە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. يەرلىك دائىرىلەر چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەن ھەمدە زور تۈركۈمدە ساقچى ۋە ئارمىيە كۈچىنى تېھراننىڭ كوچىلىرىدا ھوشيار ھالەتتە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن، بەزى خەۋەرلەردە ئالاقە تورىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىپ، ئۆكتىچىلەر داھىيلىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك نامايىش تەشكىللىشىنى توسماقچى بولغانلىقى دېيىلگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئۆكتىچىلەرنىڭ تور بېتىدە تېھراندىن سىرت، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئىسفاھان ۋە جەنۇبىي قىسىمدىكى شېراز شەھەرلىرىدىمۇ ئوخشاش نامايىش ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى