باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1211 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قىز -كېلىنلەر ھەددىڭ يوق تاڭلا موماي بولماسقا..
دوستلىشىش
gayrat828
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 1420
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1420دانە
ئۆسۈش: 11950 %
مۇنبەر پۇلى: 12859 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-15 02:04

قىز -كېلىنلەر ھەددىڭ يوق تاڭلا موماي بولماسقا..



 بۇ دۇنيا
مۇھەممەتجان راشىدىن


تالاشساڭمۇ،تالايدىن قالار ئىكەن بۇ دۇنيا ،
بىلىپ بولماس نەگىدۇر بارار ئىكەن بۇ دۇنيا.
مەيلى گاداي،مەيلى شاھ بىر قىيامەت بىر جانغا ،
بىر ئىنساندىن بىر جەسەت ئالۇر ئىكەن بۇ دۇنيا.
يىغلىغانلار پەسلەيدۇ رىزقى ئۇنىڭ شۇنداق،دەپ،
مۇسىبەتكە ھەركىمنى سالار ئىكەن بۇدۇنيا.


بىر ھوجرىغا جەم بولۇپ،ئۈلگۈرمىگەن جۈپلەرنى،
ياش دىمەستىن ئەلەمدە قويار ئىكەن بۇ دۇنيا.
ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرىلغان تىرىكلەرمۇ ئاز ئەمەس،
كۆز ياش بىلەن يۈزۈڭنى يۇيار ئىكەن بۇدۇنيا.
ۋاپاسىز، دەپ كايىيدۇ شۇڭا ئۇنى ئادەملەر ،
ئاغرىنغاننى قامچا بوپ ئۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا.


يۇلتۇز كۆزلۈك ئاسمانغا تۈندە باقسام ئۈنچىقماس،
پايانى يوق تىلسىمدەك تۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا.
توخۇلارغا تاڭ قالدىم تىرىكلىكنى ئويغاتقان،
تەئەجۈپكە ھەركىمنى قويار ئىكەن بۇ دۇنيا.
ئەجداتلاردىن قەبرىلەر قاپتۇ سانسىز چوقچىيىپ،
خىيال قىلساڭ بەئەينى مازار ئىكەن بۇ دۇنيا.


تىرىكلەرگە كۆز سالساڭ مىدىرلايدۇ ھايات،دەپ،
بىر قىسمەتتە ئاجايىپ بازار ئىكەن بۇ دۇنيا.
ئۆچۈرگەندەك ئۆيۈڭنىڭ چىرىقىنى بىر شامال،
ئۆزى يەنە گۆرۈڭنى قازار ئىكەن بۇ دۇنيا.
مۈكچىيەركەن بەللىرىڭ سەن كۈتمىگەن كەچمىشتە،
ھەر ماڭلايغا بىر قىسمەت يازار ئىكەن بۇ دۇنيا.


كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئاق سانجىيدۇ چىكەڭگە،
يۈزلەپ قورۇڭ يۈزۈڭدىن سانار ئىكەن بۇ دۇنيا.
قىز -كېلىنلەر ھەددىڭ يوق تاڭلا موماي بولماسقا ،
ئۇنىمىساڭ قويماستىن تاڭار ئىكەن بۇ دۇنيا.
قايرىلىسەن كەينىڭگە ياشلىقىڭغا تويماستىن ،
ئۆشنىسىدە سەن ئۇنىڭ،ماڭار ئىكەن بۇ دۇنيا.


بۇ بەش كۈنلۈك ئالەمدىن ھەركىم ھەرنە كۆزلەيدۇ،
بېخىلارنىڭ كۆزىدە تاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا.
كېلىپ-كېتەر مېھمانسەن،ياخشى قونۇپ،ياخشى كەت،
سېخىي ئۈچۈن بىر قالام چاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا.
رەقىبلىشۇر ئىككى جان ئۈز نەپسىگە چوغ تارتىپ،
توۋا دەڭلار،ئۇلارغا تۇمار ئىكەن بۇ دۇنيا.


گويا ئاتقان ئوشۇقتەك سىيا چۈشۈپ،چۇ چۈشۈپ،
ئويلاپ كۆرسەڭ بىر تاۋكا قىمار ئىكەن بۇ دۇنيا.
چىچەك تۆكسە ئۈرۈكلەر مىۋە قېلىپ ئورنىدا،
ئەجداتلارغا ئەۋلاتنى ئۇلار ئىكەن بۇ دۇنيا.
رىزقى ئەمما تەڭ ئەمەس بۇ «پانىي»غا كەلگەننىڭ ،
بىردە يوقسۇل،بىردە تەل قىلار ئىكەن بۇ دۇنيا. \


ئاپەتلىرى ئاز ئەمەس،يولۇققانلار يىغلايدۇ،
كەلكۈن كەبى شاقىراپ ئاقار ئىكەن بۇ دۇنيا.
غەم قىلمىغىن ،ئۆلگەنلەر ،يىتىم قالغان بالاڭدىن ،
ئۆزى بېقىپ قاتارغا قاتار ئىكەن بۇ دۇنيا.
ئەجەپلەنمە بېشىڭغا ئىسسىق كەلسە، سوغ كەلسە،
تارازىسى ئىگىز -پەس بولار ئىكەن بۇ دۇنيا.


ئەيىپ كۆرمەڭ، كۆتۈردۈم شۇ سەۋەپتىن بىر قەدەھ،
شۇ قەدەھكە،شۇ مەيگە خۇمار ئىكەن بۇ دۇنيا.


ئۈرۈمچى

سەن بىر كۆزۇڭنى دۇنياغا يەنە بىر كۆزۇڭنى قەبرىست ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6082
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 31
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-13
ئاخىرقى: 2011-02-26

ھازىرقى قىزلا قىرماسلىق ئۇچۇن ساتىراشخاندىن چىقالمايدۇ...........
توۋا
ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خوداسى يوقمىكەن !
سەن بىر كۆزۇڭنى دۇنياغا يەنە بىر كۆزۇڭنى قەبرىستانغا تىك!
INSAN HAYATIDIKI AJALLIK ILLAT TAKABBURLUK
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 277
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە277دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1470 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2012-03-18
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-15 21:20

ALDI BILAN ISTIPDATLIK XAIRIMIZ  MUHAMMATJAN AKIGA   ALLADIN SALAMATLIK TILAYMAN .
     GAYRAT  APANDIM    YOLLIGAN TIMINGIZGA KOP TAXAKKUR
INSAN HAYATIDIKI AJALLIK ILLAT TAKABBURLUK
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 277
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە277دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1470 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2012-03-18
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-15 21:30

ASSALAMU ALAYKUM  MUNBARDIKI   KIRINDAXLAR   MANGA YARDAM  KILGAN BOLSANGLAR     HATNI  KANDAK  KILSAM  LATIN YIZIGIDIN     KONA YIZIKKA OZGARTKINI BOLIDU  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6105
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-16
ئاخىرقى: 2011-02-16
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-16 00:34

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قېرىندىشىم royal  سىز لاتېنچە خەتنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىڭىزنى ئېيتىپسىز ،
ئەگەر بۇ ۋاقىتقىچە جاۋابىنى تېپىپ بولغان بولسىڭىز مۇ ،دەپ بېرەي سىز خەت بېسىش تاختىسىدىن ctrl+k نى بېسىڭ
شۇنداق قىلسىڭىز ئۇيغۇرچە خەت باسالايسىز  .
كامىل يوۋاش
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3222
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1012
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1012دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 5561 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2011-02-28
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-16 14:39