

يېقىملىق ئىسلامچە ناخشىلىرى بىلەن قەلبىمىزنى لەرزىگە سېلىپ كېلىۋاتقان ياش ناخشىچى ماھىر زەئىنن توغۇرلۇق نېمىلەرنى بىلىسىز؟ ئەگەر ئۇ توغرىلىق بىرەر نەرسە بىلگۈڭىز بولسا بۇ يازمامنىڭ سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ قاندۇرالىشىغا ئىشىنىمەن.
ماھىر زەئىن تالانتلىق كومپوزىتور، ناخشىچى ئەڭ ئاۋۋال ئۇ بىر مۇسۇلمان. ئۇ گۈزەل ئوتتۇرا دېڭىز دۆلىتى لىۋاندا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ تۇنجى مۇزىكا ئۇستازى لىۋاندىكى بىر مۇزىكانت يەنى ئۇنىڭ ئاتىسى ئىدى. ماھىر ئاتىسىنىڭ تەسىرىدىن كىچىگىدىلار مۇزىكا جەھەتتە خېلى مول بىلىمگە ئىگە بولغان ئىدى. ئۇ سەككىز ياشقا كىرگەندە ئائىلىسى بىلەن شىۋىسسارىيىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئالىي مەكتەپتە ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇش كەسپى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئەمما ئۇنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى تاللىشى ئۇنىڭ مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشى ۋە ئىشتىياقىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويمىغان، ئۇ مەكتەپتىكى چاغدىمۇ دوسلىرى بىلەن ناخشا مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ھەمدە ھەر قايسى مۇزىكا كۆرەكلىرىدە نومۇر ئورۇنلاشقا قاتناشقان. بۇنداق تۇرمۇش ئۇنىڭغا كۆپلىگەن مۇزىكانتلار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى ئاتا قىلغان، ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى مۇزىكانتلار بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ مۇزىكا تالانتىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ماھىرنىڭ شىۋىسسارىيە مۇزىكا ساھەسىدە نامى چىقىشقا باشلىغان مەزگىللەردە ئۇ ئامېرىكىغا بېرىپ تەرەققى قىلىشنى قارار قىلغان ھەمدە نىۇيوركقا كېلىپ ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇنلىنىشقا باشلىغان. ئامېرىكىدىكى بىر نەچچە يىللىق تۇرمۇش جەريانىدا ئۇ AKON ،ladyGaGa ،Brandy قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق مۇزىكانت، ناخشىچىلار بىلەن ھەمكارلاشقان ھەم ئۇلار ئۈچۈن ناخشا يېزىپ بەرگەن. ئەمما بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ مۇزىكا ئىجادىيىتى تاۋار قاتارىدا سانىلىدىغان ئامېرىكا جەمىيىتىدىن زېرىكىپ شىۋىسسارىيىگە قايتىپ كېلىپ داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
شىۋىسسارىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنى 2009- يىلى ئۇ تۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسى "ئىنشا ئاللا" نى بازارغا سالغان. ماھىر پىلاستىنكىدىكى كۆپىنچە ناخشىلارنى ئېنگىلىز تىلىدا ئورۇنلاش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈشنى ئۈمۈد قىلغان. ئىنشائاللا http://www.tudou.com/v/Xo8K60rlSm0/v.swf
تەرجىمىسى:
ھەرۋاقىت يوللىرىڭ ئىتىلىپ قالغاندا،
ئادىشىپ تىڭىرقاپ تۇرغاندا،
قاراڭغۇ كىچىدە،
يالغۇزلۇق ئىچىدە،
كۆرگىنىڭ يەنىلا شۇ كىچە
شۇ قاراڭغۇلۇق،
ئۆزۇڭنى ھىچقانداق ياردەمسىز ھىس قىلىپ،
قانداق مېڭىشنى بىلمىگىنىڭدە،
ھەرگىز چۈشكۈنلىشىپ، ئۈمۈدۈڭنى يوقاتما
چۈنكى ئاللاھ داۋاملىق سەن بىلەن بىللە
ئىنشائاللاھ سەن يول تاپالايسەن.
ھەرۋاقىت سەن قايتا بىرگۇناھ سادىر قىلغاندا،
ئۆزۈڭنى تەۋبە قىلغۇسىز ھىس قىلغىنىڭدا،
ھەمدە بەك كىچىككەندەك ھىس قىلغىنىڭدا،
خاتا قارارچىقارغىنىڭدىن قايمۇقۇپ،
يۈرەك-باغرىڭنى چەكسىز ئازاپ چىرمىۋالغاندا،
ھەرگىز چۈشكۈنلىشىپ، ئۈمۈدۈڭنى يوقاتما
چۈنكى ئاللاھ داۋاملىق سەن بىلەن بىللە
ئىنشائاللاھ سەن يول تاپالايسەن.
قايتقىن رەببىڭگە
ئۇ ھەرگىزسەندىن يىراق ئەمەس
پۈتۈن ئىشەنچىڭىڭ بىلەن،
قوللىرىڭنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ ئۇنىڭدىن تىلە:
"ئى ئاللاھ! مىنىڭ يوللىرىمنى تۈزىگىن، مىنى ئېزىپ كىتىشتىن ساقلىغىن،
پەقەت سەنلا مىنى ھىدايەت قىلىسەن..." ئۇ مۇنداق دەيدۇ:"پۈتكۈل ئىنسانلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ. كۆزىمىزنى ئاچايلى، ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەرگە ئەستايىدىللىق بىلەن قارايدىغان بولساق، تۇرمۇشىمىزنىڭ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ھېكايە ئىكەنلىگىنى بايقايمىز.http://www.tudou.com/v/lUoWS-ZVlCw/v.swf
http://player.56.com/v_51137271.swf
http://www.tudou.com/v/yI3xtRlt7zg/v.swf
[ بۇ يازمىنىkaysar_yurak 2011-02-14 17:33قايتا تەھرى ]