باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 907 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەن ئۇيقۇسىز ئاشۇ كېچىدە(شېئىر)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 461
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 387 %
مۇنبەر پۇلى: 499 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-28
ئاخىرقى: 2012-01-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-07 00:22

مەن ئۇيقۇسىز ئاشۇ كېچىدە(شېئىر)

مەن ئۇيقۇسىز ئاشۇ كېچىدە،
                                                            
مەن ئۇيقۇسىز ئاشۇ كېچىدە،
جۈپ كۈزۈمدىن قاچقاندا ئۇيقۇ .
خىيالىمدا سەن بىلەن بىللە -
يۈرىكىمدە شىرىن بىر تۇيغۇ .

مەن ئۇيقۇسىز ئاشۇ كېچىدە ،
ئايلاندىم ھەم كوچىدا يالغۇز .
يالغۇز ئەمەس روھىڭ مەن بىلەن ،
ھەمرا يەنە كۆكتىكى يۇلتۇز .

مەن ئۇيقۇسىز ئاشۇ كېچىدە ،
خوش دىگىنىڭ كەلدى ئىسىمگە .
بىر ئايلىقلا بولسىمۇ ھىجران ،
تەسىر قىلدى بەكلا جىسمىمگە .

مەن ئۇيقۇسىز ئاشۇ كېچىدە ،
سېغىنىشىم ئاشتى ھەسىلەپ .
بىز سىرداشقان دەرەخ تۈۋىدە ،
تۇردۇم ئۇزاق كۆڭلۇمنى بەزلەپ .

مەن ئۇيقۇسىز ئاشۇ كېچىدە ،
ئېيىتقان ناخشاڭ كەلدى يادىمغا .
خىيالىمدا خىتاب قىلدىڭ سەن ،
دېدىڭ"يەتكىن ئۆزۈڭ ھالىڭغا".

مەن ئۇيقۇسىز ئاشۇ كېچىدە ،
كەلمىكىڭنى ئويلاپلا چىقتىم .
ئويغاق تۇرۇپ شىرىن چۈش كۈرۈپ ،
چۈشلىرىمدە بېلىڭنى سىقتىم .

مەن ئۇيقۇسىز ئاشۇ كېچىدە ،
توساتتىنلا  يامغۇر قۇيۇلدى.
ھۇزۇرلۇنۇپ يامغۇردىن تىنم  ،
سەن ئەۋەتكەن سوغات تۇيۇلدى .

مەن ئۇيقۇسىز ئاشۇ كېچىدە ،
تاڭ ئاتقاننى سەزمەي قاپتىمەن .
تاڭ سەھەردە چىكىلسە ئىشىك ،
سىنى كەلگەن چېغى دەپتىمەن .

خاتىمە

كەلگىن جانان يېنىمغا تىزراق ،
قېنىۋالسۇن يۈرەك ۋىسالغا .
بىر ساڭىلا كۆنگەن بۇ يۈرەك ،
كۆنەلمىدى تەنھالىقىمغا . 
    
مەنبە : ئىجادى ئەسەر