ھىكايە .....ئەللىك تەڭگىلىك خىزمەتكار
بۇرۇن بىر باي بولغان ئىكەن ،ئۇنىڭ ئىككى خىزمەتكارى بولۇپ ھەر ئايدا بىرسىگە يۇز تەڭگە يەنە بىرسىگە ئەللىك تەڭگە ئىش ھەققى بېرىدىكەن ،لېكىن ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى باشتىن ئاخىر ئوخشاش ئىكەن ،بۇ ئەللىك تەڭگىلىك خىزمەتكار بىر كۈنى ئويلىنىپ قاپتۇ،بۇ قەسىرنىڭ ئىچىدە ھەممە ئىشنى ئوخشاش قىلىۋاتسام نىمىشقا ئۇنىڭغا يۈز تەڭگە ماڭا ئەللىك تەڭگە بېرىدۇ ؟
بۇخىزمەتكار ھەرقانچە ئويلاپمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەپتۇ،ھەم ئويلىغانسىرى قورسىقى كۆپۈپ ئاخىرى بىر كۈنى خوجايىننىڭ قېشىغا كىرىپ بۇ سۇئالنى سوراپتۇ......ھۆرمەتلىك خوجايىن ،نىمىشقا مەن ئەللىك تەڭگىگە ئىشلەيمەن ئۇ يۈز تەڭگىگە ئىشلەيدۇ،قىلىدىغان ئىشىمىز باشتىن -ئاخىر ئوخشاش تۇرسا ،ۋە ھەتتاكى مەن كۆپرەك ئىشلەيمەن ئۇنىڭدىن ،،،،،،،خوجايىن ئۇنىڭغا دەپتۇ،بىر قانچە كۈن ساقلاپ تۇر ،بۇنىڭ جاۋابىنى ئالىسەن .
بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ بۇ شەھەرگە بىر چوڭ كارۋانلار ئۆمىكى كەپتۇ،،،،كۈننىڭ ئەتىگەن تەرىپىدىلا خوجايىن ئەللىك تەڭگىلىك خىزمەتكارنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا دەپتۇ-شەھىرىمىزگە چوڭ كارۋانلار كەپتۇ،،بىزمۇ تىجارەتچى بولغاندىكىن ئۇقۇشۇپ باقايلى .ئېلىپ ساتقىدەك ،پايدا چىققىدەك بىرەر ئىش بارمىكىن ،سەن بېرىپ ئەھۋال ئىگەللەپ كەل ،،،،،،،،خىزمەتكار كارۋانلار چۇشكەن سارايغا كېلىپ قارىسا ھەقىقەتەن ئۇلار نۇرغۇن رەخىتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن ،ئۇ دەرھال قايتىپ بېرىپ دەپتۇ-خوجايىن ئۇلاردا نۇرغۇن رەخىتلەر بار ئىكەن ،خوجايىن ياندۇرۇپ سوراپتۇ-قانداق رەخىتلەر ئىكەن ؟نىمىدىن توقۇلغان ئىكەن ؟
خىزمەتكار يەنە يولغا چىقىپتۇ،سارايغا بېرىپ خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن كېلىپ خوجايىنغا ئۇ رەخىتلەرنىڭ ئاتىلىشىنى ،نىمىدىن توقۇلغانلىقىنى دوكلات قىلىپتۇ.....خوجايىن يەنە ياندۇرۇپ سوراپتۇ،،ئۇ رەخىتلەر قانچە خىل رەڭدە ئىكەن ؟
خىزمەتكار يەنە يولغا چىقىپتۇ،سارايغا بېرىپ بۇ رەخىتلەرگە قارىسا جەمئى بەش ئالتە خىل رەڭدە ئىكەن ،...قايتىپ بېرىپ خوجايىنغا بۇ رەخىتلەرنىڭ رەڭگىنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ دوكلات بېرىپتۇ،،،،خوجايىن يەنە ياندۇرۇپ سوراپتۇ،،،،،بىزگە ئاق بىلەن قىزىلدىن لازىم ئىدى ،بۇ رەڭدىكىسىدىن جەمئى قانچىلىك بار ئىكەن ؟
خىزمەتكار يەنە يولغا چىقىپتۇ،،،،سارايغا بېرىپ بۇ ئىككى رەڭلىك رەخىتنىڭ نەچچە توپ ئىكەنلىكىنى سوراپ كەپتۇ......ھەم قايتىپ كېلىپلا خوجايىنغا بۇ ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىپتۇ،خوجايىن بۇ نۆۋەت ئەمدى باھاسىنى ئۇقۇپ كەل دەپ ئۇنى يەنە ئەۋەتىپتۇ.خىزمەتكارمۇ يەنە بېرىپ بۇ ماللارنىڭ باھاسىنى بىلىپ كەپتۇ .بۇ ۋاقىتقىچە كۈنمۇ كەچ بولاي دەپ قاپتۇ،خوجايىن دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا -سەن ئەمدى يەنە بىر خىزمەتكارنى چاقىرىپ كىر دەپتۇ،
يۈز تەڭگىلىك خىزمەتكار كىرىپتۇ،خوجايىن ئۇنىڭغا ئەتىگەندە ھېلىقى ئەللىك تەڭگىلىك خىزمەتكارغا دىگەن گەپنىڭ ئۆز ئەينىنى دەپ سارايغا ئەۋەتىپتۇ،ئەللىك تەڭگىلىك خىزمەتكارنى بولسا يېنىمدا تۇرۇپ تۇر دەپ ئولتۇرغۇزۇپتۇ،بىر ئازدىن كېيىن يۈز تەڭگىلىك خىزمەتكارمۇ قايتىپ كەپتۇ ،ۋە خوجايىنىغا بۇ قېتىم كەلگەن ماللارنىڭ تۇرى ،رەڭگى مىقدارى ،قەيەردە ئىشلەنگەنلىكى ،باھاسى قاتارلىق ھەممە ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىپتۇ ،خوجايىن دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بولدى سەن ئەمدى چىقىپ ئىشىڭنى قىل دەپتۇ،،،،،ۋە ئاستا كىلىپ ھىلىقى ئەللىك تەڭگىلىك خىزمەتكارنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپتۇ،،،،ئەللىك تەڭگە بىلەن يۈز تەڭگە ئوتىرىسدىكى پەرقنى بىلدىڭمۇ؟
خىزمەتكار بېشى ساڭگىلىغان ھالدا قايتىپ چىقىپ كېتىپتۇ.
كوچا ھىكايىسى ئىدى ،مۇنبەرداشلارغا سۇندۇم .