ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەم قازا قىلىپ، سەككىز ئادەم يارىلاندى دىگەن خەۋەر شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تارىتىلغاندىن كىيىن،پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ نەزىرى بۇ ۋەقەگە مەركەزلەشتى.
دەسلەپتەكۆۋرۈكنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى پوجاڭزا توشۇپ ماڭغان ئاپتوموبىلنىڭ پارتلاپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ،ئاز دېگەندىمۇ 25 ئاپتوموبىل كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتكەن دەپ يەكۈن چىقىرىلدى.
بۈگۈنكى يېڭى مەلۇماتتا يەرلىك ھۆكىمەتنىڭ تاراتقۇلىرى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ھاۋارايىنىڭ قەبىھ يامان بولغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ،ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ 11 كىشىگە يەتكەنلىكىنى، داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەنزۇچە تور بەتلەردە ،تور ئابونتلىرى بۇ توغرىدا يەرلىك ھۆكىمەتنىڭ ئۆلگەنلەر سانىنى يۇشۇرۇپ،مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچى بولىۋاتقانلىغىنى ئىنكاس قىلىشىپ،كۆۋرۈكنىڭ سۈپىتى ،ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەمدە ۋەقەنىڭ سادىر بولۇش سەۋەبىنى ئىنىقلاش جەھەتتە قىزغىن كەسكىن مۇنازىرە قىلىشماقتا.
بىر تور ئابۇنتتى كۆۋرۈكتىن 25 ماشىنا چۈشۈپ كېتىپتۇ،ھەر بىر ماشىنىدا بىر شوپىر بولغان تەغدىردىمۇ 25 ئادەم ۋەقەدە يارىلانغان بولار ئىدى،بىراق ھۆكىمەت تەرەپ ،11 كىشى ئۆلۈپ 9 ئادەم يارىلاندى دەۋاتىدۇ،قارىغاندا مەملىكىتىمىز ئامېىكىدىن ئېشىپ ،ماشىنىلارنى شوپىرسىز ھەيدەيدىغان تېخنىكىغا ئىگە بولغان ئوخشايدۇ دىسە،يەنە بىر تورداش خاربىندىكى بىر كۆۋرۈكنى نەچچە ماشىنا بىلەن قىيسايتىۋەتتۇق،خېنەندە بىر ماشىنا پوجاڭزا بىلەن كۆۋرۈكنى ئۆرىۋەتتۇق ،بۇ ئىشلارغا تىرورچىلار ئىشىنەمدۇ ؟دەپ ئىنكاس قالدۇرغان...
كۆۋرۈكتىن ئۆتىشتىن ئەنسىرەپ قالغان سېرىك