ئىران ئىسلام ئەللىرى ھەربي تەشكىلاتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى
سۈرەتتە: ئىراننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى ۋاھىد
.....نۇر تورى تەرجىمىسى: مېھىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى ۋاھىد، شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن تېھراندا، ئىسلام دۆلەتلىرى قۇراللىق قىسىملىرىنىڭ قۇرئان خەتمىسى ۋە قىرائەت قىلىدىغان قارى-موللىلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىسلام ئەللىرى قۇراللىق قىسىملىرىدىن تەشكىل تاپقان ھەربي تەشكىلات قۇرۇپ، مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان جايلاردىكى ئېزىلىشكە ئۇچراۋاتقان خەلقنى قوغداشقا مۇراجىئەت قىلغان.
.....ۋاھىد مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىيتى پەلەستىننى قوغداشتۇر. ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ باش ۋەزىپىسى بولسا باشقا ئىسلام ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، زوراۋان دۆلەتلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئېزىشىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت.
.....ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستېرى ۋاھىد مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ئىسلام دۆلەتلىرى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە ئايلىنىپ قالماستىن بەلكى، ئۇيۇشقاق كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئىسلام ئەللىرىگە تاجاۋۇز قىلىش خام-خىيالىدا بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تازا ئەدىبىنى بېرىشى كېرەك.
.....ۋاھىد ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىسلام ئەللىرىنىڭ بۈگۈنى خەۋپ-خەتەر ئىچىدە ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى يورۇقلۇققا، نىجادلىققا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە باشلايدىكەن.
.....ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ قارىشىچە، زۇلۇمغا ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىغا سالىدىغان مۇھىم پەرزى ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، دىنسىز ۋە كاپىرلار يەھۇدى ھاكىمىيتى ۋە ئامېرىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
.....ۋاھىدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ سىياسىتى بولسا ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئىتتىپاق-ئىناق ئۆتۈپ، يەھۇدىي ھاكىمىيتى ۋە دۇنيا زوراۋانلىقى بىلەن كۈرەش قىلىش ئىكەن. ئۇ 33 يىلدىن بېرى ئىران زوراۋان تۈزۈم بىلەن ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
..... ۋاھىد ئىراننىڭ ھەربي ۋە دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى تىلغا ئالغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيتى ھەربي ھازىرلىقلار جەھەتتە ھېچكىمگە يېلىنمايدۇ، ئىراننىڭ ئۆزىگە خاس ھەربي نەزىرىيسى بار.
http://www.nur.cn/news/2013/01/105831.shtml