مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە تاشلاندۇق مەسىلىلەر دىكى ئىنكاسلار: ../../gulan-mesilek-qizghinliqi-we-tashlanduq-mesililer/ Fri, 20 Dec 2013 06:30:11 +0000 hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.0.1-alpha-15359 ئاپتور: پەرەش ../../gulan-mesilek-qizghinliqi-we-tashlanduq-mesililer/#comment-4054 پەرەش Mon, 04 Nov 2013 15:43:35 +0000 ../../?p=2017#comment-4054 مۇشۇ مەسىلىلەرنى يېقىنقى 300يىلدا شەكىللەنگەن دېسە گۇمان قىلىمەن. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر تارىخدىن مۇشۇ توپنىڭ دۇنيا قارىشى،تۇرمۇش قارىشى، بىلىم قارىشى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر قازسا ئادەمنى ئۈمىدسىزلىككە پاتۇرىدىغان بەزى نەرسىلەرنى بايقايدۇ. بولۇپمۇ، بىلىمنىڭ رولى، ئورنى ، قىممىتى توغرىسىدىكى تۈگىمەس ۋەز–نەسىھەتلەرنى قازسا. بىر قېتىم بىر پىروففىسور بىلەن سۆزلەشكەن ئىدىم ، ئۇ ئادەمنىڭ مېنى ماگىستىرلىقتا ئەدەبىياتتا ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ھازىر ئۇيغۇرنىڭ پەلسەپىسى، جەميئەتشۇناسلىقى، پىسخولوگىيە پېنى، مەدەنىيەتشۇناسلىق پېنى.... قاتارلىقلار ئۇيغۇرنىڭ ئەدەبىياتى ئىچىدىن ئايرىلىپ چىققىنى يوق دىگەن گېپىنى بويلاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇيغۇر روھىيىتىنڭ بارلىقى قىسمى ئىكەن، ئۇنداقتا ، بۇ روھنى قاتتىق بىر ئوپراتسيە قىلمىساق بولمايدىكەن، تەنقىدنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىكتىن باشلىساق بولىدىكەن دىسەم، ئۇ ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئاران بار نەرسىسى شۇ، بىردىنبىر تەسەللىسى شۇ، ئۇنىمۇ ئىنكار قىلىۋەتسىڭىز ئۇيغۇرغا نىمە قالىدۇ؟ دىگەنتى. شۇنىڭدن ھەقىقي تەنقىد روھىنىڭ ھەتتا ئالىي بىلىم يۇرتىدىكى زىيالىيلارغىمۇ يات نەرسە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان ئىدىم.