سالام سىزگە ئۇقۇرمەن ، بلوگگىر دوستلار !

ۋوردپرەس ئۇلىنىش بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز. ۋوردپرەس ئۇلىنىش بلوگىمىز ئۇيغۇر بىلوگ جەمىئيىتىدىكى ۋوردپرەس سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ بلوگ يېزىپ كېلىۋاتقان دوستلارنىڭ بلوگلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش ، شۇنداقلار ئۇيغۇرلاردىكى مەخسۇس ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدا يېزىلىپ كېلىنىۋاتقان بارلىق ۋوردپرەس بلوگلىرىنىڭ سىتاستىكىسىنى قىلىش مەقسەت قىلىنىپ قۇرۇلغان بۇلۇپ ، مەزكۇر ئۇسلۇپنى تەمىنلىگەن پىرستان & ئۇيغۇربەگ تۇرايىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن . بارلىق ۋوردپرەس سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ بلوگ يېزىۋاتقان دوستلارنىڭ مېنى قوللاپ بېرىشىنى شۇنداقلار قىممەتلىك پىكىر- تەلەپلەرنى قالدۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئۇلىنىش قىلىندىغان بىلوگلار بلوگ خارەكتىرى ۋە يازما مەزمۇنىغا ئاساسەن تۈرلەر بويىچە رەتكە تىزىلىدۇ ، ھەپتىدە بىر قېتىم ھەپتىلىك داڭدار بىلوگ سەھىپىدە كۆپ ئىنكاس چۈشكەن ، كۆپ يازما ئېلان قىىنغان ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشغا ئېرىشكەن بلوگلار ئېلان قىلىنىدۇ . شۇنداقلا تەشۋىقات كۆزنىكىدە ئۇدا بىر ھەپتەرەسىملىك ئۇلىنىش تەشۋىق قىلىنىدۇ ، كېيىنكى ھەپتىدىن باشلاپ يەنە خەتلىك ئۇلىنش قاتارىغا قېتىلىدۇ،بۇ ئارقىلىق شۇ بلوگنىڭ ئېقىم مىقتارىنىڭ ئېشىشىغا ياردىمى بۇلىدۇ . بىراق سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بۇلۇشى سەۋەبلىك بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى قېتىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا يۇلۇقىۋاتىمەن ، ۋوردپرەس پېشىۋالىرىنىڭ بۇ جەھەتلەردە مېنى قوللاپ ماڭا ياردەم قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ، بەلكىم بۇ سىز مەن ۋە بارلىق بلوگگىر دوستلار ئۈچۈن جۈملىدىن ئۇيغۇر بلوگچىلىقىمىز ئۈچۈن بىر يىغىلىش سورۇنى بۇلۇپ قېلىشى ،جۈملىدىن بارلىق ۋوردپرەس بوگگىرلىرىنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ، قېنى دوستۇم سىزمۇ سېپىمىزگە قۇشۇلۇڭ ، بارلىق بلوگگىر دوستلار بىر يەرگە جەم بۇلۇپ،ئائىلىمىزنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولدۇرايلى ! ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت!

1. ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ ياكى تور بېكەت چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرلۈك قانۇن-نىزاملىرىغا ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رېئايە قىلغان ئاساستا تور پائالىيىتى قىلىدىغان بولۇشى كېرەك. مەزمۇنى چوقۇم ساغلام، قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

2. ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ ياكى تور بېكەت چوقۇم ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئەخلاق يۇسۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇشى، بلوگ ياكى تور بېكەت مەزمۇنىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەخلاق يۇسۇنلىرىغا مۇخالىپ مەزمۇنلار بولمىغان بولۇشى كېرەك.

3. ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ ياكى تور بېكەت ئالدى بىلەن «ۋوردپرەس ئۇلىنىش بلوگى»نى ئۆزىنىڭ بلوگ ياكى تورىدا ئۇلىنىش قىلغان بولۇشى كېرەك.

4. ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ ياكى تور بېكەت چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدىكى بلوگ ياكى تور بېكەت بولۇشى، خەت نۇسخىسى يۇنىكود ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان بلوگ بولۇشى كېرەك.

دىققەت: ئەگەر ۋوردپرەس ئاتامانلىرى ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇ يەرگە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ، ھەمدە بلوگىڭىزنىڭ قايسى تۈردىكى بلوگ ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ئەسكەرتىڭ . بلوگىڭىز چۇقۇم ۋوردپرەس سېستىمىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان بلوگ بۇلىشى شەرت.

ۋوردپرەس ئۇلىنىش بلوگىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇنۇتماڭ! پىكىر – تەلەپلىرىڭىز بولسا مۇشۇ بلوگدا ياكى ئىزتىل بلوگدا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بۇلىدۇ .

ياكى 410894566 نۇمۇرلۇقQQغا خەت قالدۇرۇڭ !

  1. يېڭىچە ئۇسۇل، ئۆزگىچە نەتىجىنىڭ كۈرۈلىشىگە تىلەكداشمەن!
    بۇ سەپكە مەنمۇ قېتىلدىم. مىنىۇ قوشۇپ قويسىڭىز؟

  2. iztil

    سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا ئېرىشكەنلىكىمدىن خۇرسەنمەن . قۇشۇپ قويدۇم ، مۇمكىن بولسا مېنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالارسىز ؟ رەھمەت!

  3. ئالامەت بەلەن ئىش بوپتۇ! ئاۋۇ سەھىپىگە تەبىئىي پەن بىلىملىرى دەپ بىر سەھىپە قوشۇپ، ئىزدەن بىلوگىنىمۇ قوشۇپ قويسىڭىز!

  4. ئىزتىل

    چاتاق يوق ، مۇمكىن بولسا سىزمۇ تەشۋىقات ئىشلىرىمىغا ياردەم قىلسىڭىز ؟ شۇنداق بولغاندا بارلىق بلوگگىر دوستلار بىر يەرگە جەم بولغان بۇلاتتۇق .

  5. ياخشىكەن

  6. ئىزتىل

    رەھمەت ، تېخىمۇ كۆپ بلوگگىرلارنىڭ قوللىشىغا موھتاجمەن !

  7. مۇشۇ كۈنلەردە بىلوگنىڭ ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇراي دەپ بۇزۇپ قويۇپ، ۋاقىت يوق ھېچ تۈزەپ بولالمايۋاتىمەن. بۇرۇنمىغۇ ئىزتىل بىلوگى ئاللىقاچان ئۇلىنىش قىلىنغان ئىدى. تۈزەپ بولۇپلا تەشۋىق قىلاي… رەھمەت سىزگە!

  8. ئىزدەن بلوگىنىڭ شۇنچىلىك قوللاپ بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ، ھەمكارلىق ئۇزۇنغىچە داۋاشقۇسى !!!

  9. مېنىڭ بلوگىمنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز. مەخسۇس تۇرمۇش تەجىربەمنى يازىمەن. مەن ۋوردپەرەسكە يېڭىياچى بولغاچقا ئۇلۇنۇش قوشۇش ئىقتىدارىنى تېخى بىلىپ بولالمىدىم. ئۈگۈنۈپ بولۇپ چوقۇم ئۇلۇنۇش قىلىمەن.

  10. تورىمىز ئۇنىۋېرسال تۈردىكى توربەت بۇلۇپ ، قوللاپ قۇيۇشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمىز !!

  11. بىلوگىم ئاساسلىقى تارىخىي تېمىلارنى ئاساس قىلىدۇ،مۇمكىن بولغاندا مىنىمۇ بۇ سەپكە قۇشۇۋالغان بولساڭلار.

  12. ئىزتىل

    بۇلىدۇ ، سىزنىڭ مېنى قوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . دوستانە ئۇلىنىش قاتارىغا قېتىلدى .

  13. ئىزتىل

    ئۇلىنىشقا قېتىلدى .

  14. لوپنۇرى تور خاتىرىسى ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيىتى،مائارىپى،ئىجادىي يازمىلىرىم،لوپنۇر ھەققىدىكى ھەرخىل ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلغان تور خاتىرىسى،بلوگىمنى كۆرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق كۆرسەڭلار ئۇلىنىشقا قېتىپ قويساڭلار.سىلەرگە كۆپ رەخمەت!

  15. ئادىرىسنى يازماپتىمەن. ئادىرىسى:http://www.lopnuri.com

  16. لوپنۇرى( http://www.lopnuri.com )تور خاتىرىسىنىمۇ ئۇلىنىشقا قېتىپ قويسىڭىز،بۇ تور خاتىرسى ئاساسلىقى ئۇيغۇر تارىخ_ مەدەنىيىتىگە ئائىت نادىر تەرجىمە ۋە تەرمىلەر،ئۆزۈمنىڭ شەخسىي يازمىلىرى،مائارىپ ۋە پىسخىلوگىيەگە ۋە ئانا يۇرتۇم لوپنۇرغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  17. ئىزتىل

    ئۇلىنىشقا قېتىلدى ، ھەمكارلىقنىڭ مەڭگۈ داۋاملىششىنى ئۈمىد قىلىمەن .

  18. ۋاي مەنمۇ ئادىرسىنى يازماپتىمەن. ئادرىسى:http://www.honzade.com/

تەخەللۇسىڭىز

ئېلخەت

توربېتىڭىز