ئۇيغۇرلار نوپوسى

ۋاقتى:2010-04-08 23:54مەنبە: تەھىرىر:ئابۇقۇيۇمجان ئىمام چېكىلىشى:قىتىم
   ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق، يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە، جۇڭگونىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايونى)، پاكىستان، ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، روسيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈنەرلىك نوپۇستا مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ.
www.iz.la

     2007-يىلى 10-ئايدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگۇ دۆلەت ئىچىدىكى جەمى نوپۇسى 10مىلىيۇن78مىڭ بولغان بولۇپ جۇڭگۇدىكى جۇاڭزۇ، مانجۇ، خۇيزۇ مىللەتلىرىدىن كېيىن نوپۇسى 10مىلىيۇندىن ئاشقان 4-چوڭ مىللەت بولۇپ قالغان.
     ئۇيغۇرلارنىڭ 99% ئۆز ئانا تىلىدا ئالاقە قىلىدۇ، قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكىلەر سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئىشلەتكەندىن باشقا ئۇيغۇرلانىڭ ھەممىسى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.
    ئۇيغۇرلار10-ئەسىرنىڭ بېشىدا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيان ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبى ھەنەفىيا فىقھىسىگە ئەمەل قىلىپ كەلمەكتە.
ئىز تورى بەك ياخشى

     ھازىر دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىق، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھازىر بازار ئىگىلىكىنى مەركەز ۋە تەڭشىگۈچ قىلغان ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا بارغانسېرى ئۆزلەشمەكتە. ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قاتلىمىنى ھاسىل قىلماقتا.
    ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان. جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى. ئۇلار مىلادىيدىن 3000-2000 يىل ئىلگىرى شىمالىي ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ-منوسېنىك رايونلىرىدا ياشىغان ئارى (ئارىيان) قەبىلىلىرى، سىكتاي-ساك خەلقلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنىسلىق (ئاق تەنلىك) ئەجدادلىرى دەپ قاراشماقتا. قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭەك ئانالىزى، قان تىپى، قەدىمكى ئارىيان-سىكتاي-ساك ئەپسانە فولكلورى، كىيىنىش ۋە مۇزىكا، ئۇسسۇل، بايرام، سەيلە-مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى. ئەينى زاماندىكى "ئات مەدەنىيىتى" بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگونىڭ رەسمىي يىلنامىلىرىدا "ئۇلۇغخور" دەپ ئاتالغان ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرۇلۇشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئارىيان-سىكتاي-ساك قەبىلىلىرى مىلادىيدىن ئىلگىرىكى -2000يىللاردىن تاكى 6 ،5 ئەسىرلەرگىچە غەرب، جەنۇب ۋە شەرققە يۆتكىلىپ، ئىران ئېگىزلىكى، ھىندىستان زېمىنى ۋە چىلەن تاغلىرى ئەتراپىغا كېڭەيدى ۋە ئىرانى خەلقلەر، ھىندىستان ئارىيان-ساكلىرى، تارىم ساكلىرى ۋە توخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىپىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى. مىلادىيدىن ئىلگىرلا ساكلارنىڭ ئاسنا قەبىلىلىرى بىلەن موڭغۇللۇئىد (موڭغۇل ئىرقى) تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قۇشۇلدى. نەتىجىدە مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ -2تۈركۈمى-تۈرۈكلەر مەيدانغا چىقتى. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى، تۈركىي تۈركۈمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھېساپلىنىدۇ.
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(133)
89.9%
ئالقىشلايمەن
(15)
10.1%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...