توي قىلىش چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس توي قىلىش قىز-يىگىت ئىككى تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك ئىش.پەقەت ئۆزىدە قارشى تەرەپنى رازى قىلالىغۇدەك شەرت ھازىرلانغاندىلا ئاندىن باشقىلارنى تاللاشقا ھەقلىق بولالايدۇ.ھەر قانداق بىر ياش نىكاھلىنىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئۆمۇمىي ئەھۋالىنى دەڭسەپ كۆرۇپ ،ئۆز -ئۆزىگە <توي قىلسام بولارمۇ ؟>دىگەن سۇئالنى قويۇپ بىقىشى كىرەك .
ھەر ئادەمنىڭ توي قىلىشىدا ھامان ئۆزىگە خاس بولغان مۇددىئاسى بولىدۇ .مۇددىئا ئىنىق بولماي ،ھاپىلا -شاپىلا ئالدىراپ توي قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.چۈنكى توي قىلىش مۇددىئاسىنىڭ ئىنىق بولماسلىقى بەخىتسىز نىكاھنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبدۇر .ناۋادا سىزنىڭ توي قىلىشتىكى مۇددىئايىڭىز توۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولسا سىزگە نەسىھەت شۇكى ،ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق توينى قىلمىغىنىڭىز ياخشىراق .
1.ھىسداشلىق يۇزسىدىن توي قىلىش.قارشى تەرەپنىڭ مەلۇم كەچۇرمىشىگە ياكى بىرەر ئەيىبىگە ھىسداشلىق قىلىپ .ئۆزىنىڭ ياشىلىق باھارىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولۇشقا رازى بولۇش .بۇنداق ھىسداشلىققا چىن مۇھاببەتتىن ئاساس سىلىنمىغان بولسا ،ئۇ،رىئال تۇرمۇشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ.
2.كۆڭۈلسىز ئائىلە ۋە ناچار شارائىتتىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن توي قىلىش .
3.ئىززەت -ئابرۇيى ،ئىجدىمائىي ئورنىنى ئۆستۇرۇش ،خىزمەتكە ئۇرۇنلىشىۋىلىش ئۈچۈن توي قىلىش ..بۇ بىر ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك .بۇنداقلارنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقاندىن كىيىن قارشى تەرپكە بولغان قىزغىنلىقى سۇسلاپ كىتىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
4.بىردەملىك ھىسيانىڭ <قۇربانى>بولۇپ قىلىپ ئىلاجىسىزلىقتىن توي قىلىش .
بۇنداق توينىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.شۇڭا بۇنداق ئىشقا كەلگەندە ھىسيانىڭ قۇلى بولۇپ قالماسلىق لازىم.
5.ئۆز ئىلىش ئۈچۈن توي قىلىش .بۇ تولىمۇ پەسكەش بىر قىلمىش .قارشى تەرەپنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى بىلەن ئويناشقانلىق بولۇپ قارشى تەرەپنى ھەم ئۆزىنى نابۇت قىلغان بىلەن باراۋەر.
6.زېرىكىشتىن ،يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۇچۈن توي قىلىش.
7.مەقسەت -مۇددىئا بولماستىن توي قىلىش .
نىكاھ باشقا ئىشلاردەك خاتا بولۇپ قالسا ئۆزگەرتكىلى ،مۇۋاپىق بولمىسا خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى،خالىغانچە سىناپ كۆرگىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس.تويدىن كىيىن پۇشايمان قىلسا ئورنىغا كەلمەيدۇ..شۇڭاتوي قىلىشتىن ئاۋۋال مەقسەت ئىنىق بولۇشى كىرەك.
مەنبە:<شىنجاڭ ياشلىرى> تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!