زىبا (ئەزالىق ئىسمى: ziba1)
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 86 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 1511 ، جەمئىي يوللانمىسى: 14 ، جۇغلانمىسى: 177
- دەرىجىسى: پراكتىكانت
- بىكەت ئادىرسىم:/u/ziba1
ئەگەر ئۈمىد ۋە ئىنتىلىش بولمىسا ....
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى06-ئاينىڭ18-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)
بەخت مەڭگۈلۈك نەرسە ئەمەس . كىشىلىك دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئۆزلۈكسىز ھەركەتلىنىپتۇرىدۇ .ھەر قانداق شەيئىنىڭ مۇقىم شەكلىنى ساقلاپ قېلىش مۈمكىن ئەمەس .ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسە ئوزگۈرۋاتىدۇ ،بىزمۇ ئۆزگۈرۋاتىمىز .بۈگۈن قولىڭىزدابار نەرسە ئەتە قولىڭىزدا داۋاملىق تۇرامدۇ . بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ .
شۇڭا ، مۇكەممەل بەختكە ئېرىشىمەن دېيىش بىر خىل خام خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس .رازىمەنلىك ھېسسىياتىنى ئالدىراپ قوغلىۋەتمەڭ ؛ ئۇنى تۇتۇپ قېلىش خىيالىدىمۇھەرگىز بولماڭ ، چۈنكى بۇ سېپى ئۆزىدىن ئەخمىقەنىلىك .مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بەختنىڭ بىرەر بەلگىسى يوق ،لېكىن ئۇنى ئادەمنىڭ كۆز ،ھەركەت ،گەپ -سۆز ۋە قەدەمئېلىشلىردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . ئۇ باشقىلارغا تەسىر قىلالايدۇ . يەنە كېلىپ ،ئادەمكىشىلىك ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قارىسىلا ، ئاندىن بەخت ھېس قىلالايدۇ .بولمىسا ، ئۇئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ . <ئۈمىدسىزلىكتىن ئېغىرئازاپ بولمايدۇ > دىگىنىمىز شۇ .
بىر دوختۇرخانىدا بىر بىمار سەكراتقا چۈشۈپ قاپتۇ ،ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قايغۇ - ھەسرەت بېسىپتۇ . لېكىن ، دوختۇر ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ئۈزمەپتۇ . ئۇ ئادەتتىكىقائىدە بويىنچە بىماردىن سوراپتۇ :ئىز تورى www.iz.la
__ئەپەندى ، بىرەر نەرسە يىگۈڭىز بارمۇ ؟
بىمار بېشىنى چايقاپ ئۈندىمەپتۇ .
__ئەپەندى ،ئۇنداقتا قىزىقىدىغان بىرەر نەرسىڭىز بارمۇ ؟ __دوختۇر ئۇنى روھىيجەھەتتىن داۋالاپ باقماقچى بوپتۇ .
بىمار يەنىلا بېشىنى چايقاپتۇ .
__ئۇنداقتا قارتا ئويناش ،ھاراق - پاراق ئىچېش ،ھەتتا ئاياللار بىلەن ئارلىشىشدىگەنلەرگە ھەۋىسىڭىز يوقمۇ ؟__ دوختۇر بولدى قىلماي داۋاملىق سوراپتۇ .
بۇ قېتىم بىمار تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ : www.iz.la
__ھەۋىسىم يوق .
دوختۇر داۋاملىق سورىماقچى بوپتىكەن ، ئائىلىسىدىكىلەر ئالدىراپ گەپ قىستۇرۇپتۇ :
__ دوختۇر ، بولدى ئاۋارە بولماڭ . ساق ۋاختىدا ھېچقانداق ھەۋىسى يوق ئادەمدىنمۇنداق ئىھۋالدا تېخىمۇ بىر نەرسە كۈتكىلى بولمايدۇ .
دوختۇر بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ئېچىنىپتۇ ۋە ئېغىر تىنىپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ . بىمارنىڭئائىلىسىدىكىلەر نىمە ئىش بولغانلىقنى چۈشىنەلمەي ، دوختۇرنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپسوراپتۇ : ئىز تورى www.iz.la
__ دوختۇر ، ئەھۋال چاتاقمۇ قانداق ؟
__ مەن سانسىزلىغان بىمارلارنى داۋالىغان ، ھەر قېتىم پۈتۈن كۈچۈمنى چىقارغان ،__ دەپتۇ دوختۇر ،__ لېكىن بۇ بىماردىن ئۈمىدىمنى پۈتۈنلەي ئۈزدۈم . چۈنكى ، ئۇ پۈتۈنئارزۇ - ھەۋەسلىردىن قالغان ئادەم ئىكەن . مۇنداق ئادەملەردە تۇرمۇشقا نىسبەتەنھېچقانداق تارتىشىش بولمايدۇ ، داۋاملىق ياشاشقا ئىشەنچىمۇ بولمايدۇ . كېسەللىكنىيالغۇز دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا تايىنىپلا ساقايتقىلى بولمايدۇ .تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئادەم روھ بىلەن گوشنىڭ بىرىكىشى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسى بىرى كەم بولسا ، ئۇمۇكەممەل ھاياتلىق بولمايدۇ . ئادەمنىڭ روھىي تۇرمۇشقا نىسبەتەن سۆيۈش ، ئىنتىلىشۋە ئارزۇ - ئارمانغا مۇھتاج ، شۇنداق بولغاندىلا كىشىلىك ھاياتتا بەخت ۋە ئۈمىددېگەن نەرسىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ . نىشان ۋە يۆلىنىش بولمىغان كېمە ، شەكسىزكى <ھالاكەت > كېمىسى بولىدۇ ؛ ئادەمنىڭ روھىدا ئۈمىد ۋە ئىنتىلىشدېگەندەك نەرسىلەر بولمىسا ، ئۇمۇ ئۆلۈم بىلەن باراۋەر بولىدۇ ، مۇنداق ئەھۋالدابەختتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ .ئىز تورى www.iz.la
<مەڭگۈلۈك ھەمراھ _ ئەقىل _ پاراسەت >تىنبۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھەممە (9) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
تىملىرىڭىز بەك ياخشىكەن...
نادىر ئەسەرلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي
» تىخىمۇ كۆپ