شېرىنئاي (ئەزالىق ئىسمى: xerinay920)
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 5080 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 20183 ، جەمئىي يوللانمىسى: 28 ، جۇغلانمىسى: 835
- دەرىجىسى: ۋاقىتلىق خىزمەت
- بىكەت ئادىرسىم:/u/xerinay920
ئەتىرنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك................
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى04-ئاينىڭ16-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)
ئەتىرنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك..............
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بەزى كىشلەر ئەتىرنى كىيمگە چېچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەم كىيىم مەينەت بولۇپ كېتىدۇ، ھەم ئەتىر تېزلا پارلىنىپ كېتىپ، ئەتىر ئىشلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئەتىرنى بەدەنگە سۈرتۈش،بەدەنگە سۈرتكەندىمۇ ياخشىسى، بويۇننىڭ ئىككى تەرىپى، يوتىنىڭ ئىچى تەرىپى، چېكە، قاش قاتارلىق قىزىل تومۇر سوقۇپ تۇرىدىغان جايلارغا سۈرتۈش لازىم. چۈنكى ئەتىرنىڭ پۇرىقى بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىلەن بىرلىكتە تارقىلىدۇ. ئەتىر ئاسان پارلىندىغان بولغاچقا، ئادەتتە3~4 سائەتلا ئۈنۈم بېرىدۇ.ئەگەر ئۇچرىشىش ۋاقتىڭىز ئۇزاقراق بولسا، پاختىنى ئەتىرگە چىلاپ مەيدە يانچۇقىڭىزغا سېلىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەتىر ئىشلىتىشتە ھەم ۋاقىت، ھەم سورۇنغا دىققەت قىلىش، ھەم ياش-قورامىغا دىققەت قىلش كېرەك.كۈندۈزى ئىش ئورنىدا، سەيلىگە چىققاندا، نەرسە-كېرەك سېتۋېلىشقا بارغاندا، دوسىت-ئاغىنىلەرنىڭ ئۆيىگە بارغاندا پۇرىقى ئاجىزراقىنى ئىشلىتىش؛ ئاخشاملىرى مېھماندارچىلىققا بارغاندا، تانسا-كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا، پۇرىقى كۈچلۈكرەكىنى ئىشلىتىش؛ قىزلار پۇرىقى ئاجىزراقىنى، تۇرمۇش قۇرغان ياكى ياشنىپ قالغان ئاياللار پۇرىقى كۈچلۈكرەكىنى ئىشلىتىش كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
"قىز-ئاياللارغا200مەسلىھەت"دىن ئېلېندى.
www.iz.la
ھەممە (91) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز.
تور بېتىڭىز بەك چىرايلىىق ئىكەن
چ چ 824215647
» تىخىمۇ كۆپ