مەلىكەم (ئەزالىق ئىسمى: wan)
باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 911 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 98008 ، جەمئىي يوللانمىسى: 150 ، جۇغلانمىسى: 1831
- دەرىجىسى: يۇقرى دەرىجىلىك
- بىكەت ئادىرسىم:/u/wan
مايمۇن قىز
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)
ئۈچ ئوغلى بار بىر پادىشاھنىڭ شەھىرىدە بىر باينىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ چوڭ ئوغلى باينىڭ شۇ قىزىنى كۆرۈپ قېلىپ دادىسىغا:« باينىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرسىكەن» دەپ ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرانچى ئوغلى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىچىك ئوغلىمۇ «شۇ قىزنى ئېلىپ بەرسىكەن» دەپ ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ.
بۇ بىر قىزنى قايسى بىرسىگە ئېلىپ بېرىشنى بىلمەي، پادىشاھنىڭ بېشى قېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ بالىلىرىنى چاقىرىپ:- سىلەر مۇنۇ ئۈچ ئوقيانى ئېلىپ بىردىن ئوق ئۈزۈڭلار، ئوقۇڭلار كىمنىڭ ئۆيىگە چۈشسە، شۇنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ.
بالىلار قاتار تۇرۇپ ئوقيا ئېتىپتۇ. ئۈچىلىسى ھېلىقى قىزنىڭ قورۇسىنى كۆزلەپ ئېتىپتۇ. چوڭ ئوغلىنىڭ ئوقى ھېلىقى قىزنىڭ قوروسىغا بېرىپ، ئىشىگىنىڭ بېشىغا سانچىلىپتۇ. ئوتتۇرانچىسىنىڭ ئوقى ۋەزىرنىڭ دەرۋازىسىغا سانجىلىپتۇ. كەنجى ئوغلىنىڭ ئوقى ئاسماندا لەيلەپ، چۆلگە قاراپ ئۇچۇپ باياۋاندا يوقاپ كېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن پادىشاھ ئىككى ئوغلىنىڭ ئوقى چۈشكەن قورو ئېگىلىرى بىلەن چوڭ توي قىلىپ قۇدىلىشىپتۇ. كەنجى ئوغلىغا: - سەن ئاتقان ئوقنى تېپىپ كەل، - دەپ يولغا ساپتۇ. ئىز تورى www.iz.la
كىچىك ئوغلى ھارماي ئىزلەپتۇ. ئاخىرى ئۇ ئوقنى خارابىيلىققا ئايلانغان چۆلدىكى كونا شەھەر ئىچىدىن تېپىپتۇ. «بۇ يەردە نېمە باردۇ؟» دەپ قارىسا، ئوق سانجىلىپ قالغان جاينىڭ ئارقىسىدا بىر مايمۇن ئولتۇرغۇدەك.
- بوپتۇ، بۇمۇ مېنىڭ تەقدىرىم، - دەپ مايمۇننى ئاپتۇ. ئەمما دادىسىدىن، ئەل - يۇرتتىن، ئاكىلىرىدىن ئىزا تارتىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ قېشىغا قايتماپتۇ. مايمۇن بىلەن شۇ يەردە ياشاپتۇ. ئوۋچىلىق قىپتۇ. ئۇ ئېتىپ كەلگەن جان - جانىۋارنىڭ گۆشىدىن مايمۇن خوتۇنى تازىمۇ تەملىك تاماق ئېتىپ قويىدىكەن. يىگىت دادىسىنىڭ ئوردىسدا شاھزادە بولۇپ ياشىغان چاغلىرىدىمۇ مۇنداق تەملىك تاماقنى يەپ كۆرمىگەن ئىكەن. شۇنىڭغا قاراپ ئۇ: «بۇنىڭدا بىر گەپ بار، بۇنى بىلىشىم كېرەك» دېگەن ئويغا كەپتۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇ بىر كۈنى ئوۋغا ماڭغان بولۇپ خوتۇنى بىلەن خوشلىشىپتۇ. بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، ئەسكى تاملىققا قايتىپ كېلىپ، پەنجىردىن ماراپتۇ. قارىسا ھېلىقى ئەسكى ئۆينىڭ ئىچىدە پەرىزاتتەك ئىككى قىز يۈرگىدەك. يىگىت تىڭشاپ تۇرسا، بىرىنچى قىز ئىككىنچىسىدىن سوراپتۇ: - ئېرىڭ قانداق، كۆڭلۈڭ خوشمۇ؟
- خوش، - دەپ مىيىقىدا كۈلۈپتۇ. ئىككىنچى قىز.
- نېمىدىن خوش سەن؟ - دەپ سوراپتۇ بىرىنچىسى.
- ئەقىللىق ئىكەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئىككىنچىسى.
- ئەقىللىقلىقىنى نەدىن بىلدىڭ؟
- نېمىشقا بىلمەي؟ مەن بىر سەت مايمۇن بولۇپ كۆرۈنسەممۇ، ئۇ ماڭا ئۆيلەندى ۋە ئوبدان تۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر ئەقلى بولمىسا، ئۇ تۇرماس ئىدى. - دەپتۇ ئىككىنچى قىز. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بۇ، ئەسلىدە يىگىتنىڭ ئايالى مايمۇن قىز ئىكەن. يىگىت خۇشھاللىغىدىن ئۆيگە بېسىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇشتۇمتۇت چۈشمەك بولۇپ تەمشىلىپتۇ.
شۇ چاغدا ھېلىقى قىز يەنە مايمۇن قىزدىن: - ئېرىڭنىڭ كۆڭلى خوشمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- نېمىشقىدۇر تۇتۇلۇپ، خىيال سۈرۈپ يۈرىدۇ. - دەپتۇ. مايمۇن قىز.
- سوراپ باقساڭ بولمامدۇ؟ - دەپتۇ بىرىنچى قىز.
شۇ چاغدا يىگىت تاقەت قىلالماي، ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپتىكەن. بىر قىز غايىپ بولۇپ، بىر قىز يەنە ئاۋالقىدەك مايمۇنغا ئايلىنىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ يىگىتمۇ گەپ قىلماي، كۆڭلى توق ئولتۇرۇپتۇ.
ئايالى: - ئوۋغا بارماپسىزغۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
يىگىت: - بۈگۈن نېمىشقىدۇر ئاتا - ئانام، ئاكىلىرىمنى كۆرگۈم كېلىپ، ئوۋدىن قايتىپ كەلدىم، - دەپتۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
- ئۇنداق بولسا، ئاتا - ئانىڭىزنى كۆرۈپ كېلىڭ، - دەپ يولغا ساپتۇ قىز.
يىگىت مېڭىش ئالدىدا، مايمۇن قىز ئۇنىڭغا: - ئاتا - ئانىڭىزغا مېنىڭدىن مۇنۇ بىر خالتا توقاچنى ئېلىپ بېرىڭ! ئۆيلەندىم دېسىڭىز، كېلىنىمنىڭ ئادەمگەرچىلىكى يوق ئوخشايدۇ، دەپ قالمىسۇن، - دەپتۇ.
يىگىت كىچىككىنە بىر خالتا توقاچنى ئېلىپ مېڭىپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ «نېمە دەپمۇ مۇشتۇمدەك خالتىنى بېرىمەن، خوتۇنۇڭنى كۆرسەت دېسە، نېمە دەيمەن؟» دەپ خىجالەت تارتىپ قاپتۇ. پادىشاھ دادىسى بىلەن شاھزادە ئاكىلىرى ئۇنى كۆرۈپ خۇشھال بوپتۇ ۋە يوقىتىپ قويدۇق ۋەپ قايغۇ - ھەسرەت تارتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.www.iz.la
- خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن ساق - سالامەت، ئاتقان ئوقۇمنى تېپىپ ئۆيلەندىم، - دەپتۇ كىچىك ئوغلى.
- كېلىننى نېمىشقا ئەكەلمىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ، دادىسى. يىگىت يەرگە قاراپتۇ.
- يالغان، - دەپتۇ ئاكىلىرى.
پادىشاھ ئويلاپ تۇرۇپ: - يالغان بولسا كېرەك، راست بولسا كېلىن بالا سوۋغا - سالام يوللىغان بولاتتى، - دەپتۇ.
- يوللىدى، - دەپتۇ كىچىك ئوغلى ئۆزىنى ئاقلىماق بولۇپ.
- قېنى، كۆرسەت، - دەپتىكەن، خىجالەتچىلىك ئىچىدە، ھېلىقى كىچىككىنە خالتىنى سۇنۇپتۇ. پادىشاھ خالتىنى قولىغا ئالغاندا، ئاكىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشۇپ كېتىپتۇ. پادىشاھ خالتىنىڭ ئاغزىنى سۆكۈپ، ئۇششاق توقاچتىن بىرىنى ئاغزىغا ساپتىكەن، ئومرىدە مۇنداق مەززىلىك توقاچتىن يىمىگىنىنى ئەسلەپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇندىن كېيىن دادىسى: - قېنى، يەپ كۆرۈڭلار، - دەپ قالغانلارغا بىردىن تارقىتىپ بېرىپتۇ. ئۇلارمۇ توقاچنىڭ مەززىلىكلىكىدىن كالپۇكلىرنى تامىشىپ كېتىپتۇ. خالتىغا قارىسا، توغاچ زادى يېرىملىمىغۇدەك. پادىشاھ بۇ ۋەقەگە ھەيران قاپتۇ. ئىچىدە: «بۇنىڭدا بىر سىر بار» دەپ ئويلاپتۇ.
- رەھمەت ئوغلۇم، - دەپتۇ ئۇ كىچىك ئوغلىغا، - قېنى چوڭ ئوغۇللىرىم ۋە كېلىنلىرىم، سىلەرمۇ شۇنداق توقاچ يېقىپ كېلىڭلار، ئاندىن زاڭلىق قىلغىنىڭلارنى كۆرەي، - دەپتۇ.
ھەش - پەش دېگۈچە ئۇلارمۇ توقاچ يېقىپ كەپتۇ. پادىشاھ چوڭىنىڭ توقىچىنى چاكار - چۇلاقلارغا، ئوتتۇرانچىسىنىڭ توقىچىنى ساراي ئىتلىرىغا تاشلاپ بېرىپتۇ. كىچىك ئوغلى ئەكەلگەن توقاچنى ئۆزى ئاياپ يەيدىغانغا ساقلاپ قويۇپتۇ.ئىز تورى بەك ياخشى
ئىككى چوڭ ئوغلىنىڭ روھى چۈشۈپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا پادىشاھ ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ:- قېنى كېلىنلىرىمنى بىر سىناپ كۆرەي، قايسىسىنىڭ ھۈنىرى ئارتۇقكىن، سىلەرنىڭ خوتۇنىڭلار ماڭا بىردىن كۆينەك تىكسۇن، - دەپتۇ.
ئىككى ئوغلى خۇشھال بولۇپ كېتىپتۇ. چۈنكى، بىرى باينىڭ، بىرى ۋەزىرنىڭ قىزى تۇرسا، ئاجايىپ ياخشى كۆينەك تىكىپ بېرىدۇ، دەپ ئويلىشىپتۇ. كىچىك ئوغلى بولسا، مايمۇن خوتۇنىدىن خىجالەت بولۇپ، «ئەمدى رەسۋا بولىدىغان بولدۇم!»دەپ خاپا قايتىپتۇ.
ئېرىنىڭ خاپا قايتقىنىنى كۆرگەن مايمۇن قىز: - نېمە بولدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- توقىچىڭدىن دادام رازى بولدى، ھەتتا ساڭا رەھمەت ئېيتتى، ئەمما كېلىنلىرىم ماڭا بىردىن كۆينەك تىكىپ ئەۋەتسۇن دېدى. مانا شۇنىڭغا خاپىمەن، قانداق قىلارمىز؟ - دەپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- شۇنىڭغىمۇ خاپا بولامدىكەن، يېتىپ ھاردۇق ئېلىڭ، مەن كۆينەك تىكىپ بېرىمەن، - دەپتۇ خوتۇنى.
ئۇ ئۇخلاپ قالغاندا، مايمۇن قىزنىڭ قېشىغا يەنە ھېلىقى قىز پەيدا بوپتۇ. بۇ قىزنى مايمۇن قىز ھەدە، دەپ ئاتاپتۇ. شۇندىن كېيىن بۇ ئىگچە - سىڭىل خوتەن ئىپپىگىدىن توقۇلغان شايى كۆينەك، بەرقۇتتىن كىمخاپ تون تەييارلاپتۇ. ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئالقانچىلىك قۇتىغا ساپتۇ. مايمۇن قىز ئېرىنى ئويغىتىپ، يولغا ساپتۇ. چوڭ - كىچىك ئوغۇللىرى پادىشاھ دېگەن قەرەلدە يېتىپ كەپتۇ. لېكىن چوڭ ئوغلى ئەكەلگەن كۆينەكنىڭ يېڭى چالا قاپتۇ. ھەم سەت تىكىلىپتۇ.
پادىشاھ ۋەزىرىگە: - يېڭىنى تىكتۈرۈپ سىز كېيىڭ، - دەپتكەن، ۋەزىر: - ھەشقاللا، - دەپ ئاپتۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئوتتۇرانچى ئوغۇلنىڭ ئەكەلگەن كۆينىكى كەڭ تىكىلىپ قالغان بولىشىغا قارىماي، ياقىسىغا تۈگمە قادالماي قاپتۇ. پادىشاھ ئۇنى پادىچىغا تاشلاپ بېرىپتۇ. پادىچى مىڭ تازىم قىلىپ، ئېڭىشىپ چىقىپ كېتىپتۇ.
- سېنىڭ قولۇڭدا ھېچنىمەڭ يوققۇ، ئۈلگۈرتەلمىدىڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ، پادىشاھ كىچىك ئوغلىدىن.
- مانا دادا، - دەپ قۇتىنى سۇنۇپتۇ. كىچىك ئوغلى. بىر قولياغلىق پاتقىدەك كىچىك قۇتىدىن بىر ئىپەك كۆينەك، بىر كىمخاپ تون چىقىپتۇ. ئاكىلىرىنىڭ كۆزلىرى ئالاقزادە بولۇپ كېتىپتۇ. پادىشاھ كېيىپ باقسا، لايىق كەپتۇ. ئەينەككە قاراپ باقسا، ھەقىقىي پادىشاھقا ئوخشاپتۇ.
- بۇنى ئۆزەم كېيىمەن، كېلىنىمگە رەھمەت، سالام ئېيتقىن! - دەپ پادىشاھ كۆينەكنى ئۆزىگە ئېلىپ قاپتۇ.بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
- ئەمدى، - دەپتۇ. پادىشاھ ، - كېلىنلىرىمنىڭ تاماققا ئۇستىلىقىنى كۆرۈپ باقىمەن ھەم تۇتقان ئۆيلىرىڭلارنى كۆرىمەن.
ئىككى چوڭ ئوغلى خۇشھال بولۇپ كېتىپتۇ. كىچىك ئوغلى يەنە مايمۇن خۇتۇنىنىڭ قېشىغا خاپا ھالدا كەپتۇ.
- يەنە نېمىگە خاپىسىز؟ - دەپتۇ مايمۇن قىز.
- دادام سە ئويلاپ: - باشقا گەپ قىلمىدىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئۆيۈڭلەرگە بېرىپ، كېلىنلىرىمنىڭ تۇتقان ئۆيلىرىنى، ئۇلارنىڭ تاماققا ئۇستىلىقىنى كۆرىمەن دېدى، - دەپتۇ. ئېرى.
- بۇ، خاپا بولىدىغان ئىش ئىكەن، - دەپتۇ. مايمۇن قىز.
- نېمىشقا؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت.
- ئېيتىشقا تىلىم بارمايدۇ، - دەپتۇ مايمۇن قىز. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
- ئېيت، ئېيىتمىساڭ رازى ئەمەسمەن؟ - دەپتۇ يىگىت.
- خەير ئېيتاي، بىز ئۇلارنى بۇ
- بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ بىرى دادام، ئىككىسى ئاكام، قالغانلىرى ۋەزىر - ۋۇزرالار، ئۇلاردا قارا نىيەت بولۇشى مۈمكىن ئەمەس.
- مېنىڭ خاپا بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى باشقا.
- ئېيتىڭ، باشقا نېمىگە خاپا بولىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ مايمۇن قىز.
- بۇ ئەسكى تاملىقتا، يە قاچا - قۇمۇش، يە ئۆي جابدۇق يوق، يە ئوزۇق - تۈلۈك يوق. قانداق قىلغۇلۇق، دەپ خىجالەت بولىمەن.
- سىز كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ، بىراق مەن ئاچ دىمىگىچە ئاچسىڭىز بولمايدۇ، - دەپتۇ مايمۇن قىز.
يىگىت قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمرىنى كۈتۈپتۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر ۋاقىتتا: كۆزىڭىزنى ئېچىڭ، - دەپتۇ مايمۇن قىز.
يىگىت كۆزىنى شۇنداق ئېچىپ قارىسا، جەننەتتەك چىرايلىق بىر باغلىق قورونىڭ ئىچىدە ئولتۇرغىدەك. پادىشاھنىڭ سارىيىدىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق ۋە چوڭ ئىمارەت؛ ئەتراپى باغۇ - بوستان؛ تۈرلۈك-تۈمەن گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان، بارىلىق ئېسىل قۇشلار سايرىشىۋاتقان؛ ئۆستەڭ ۋە ئېرىقلاردا كۈمۈش رەڭ سۇلار ئېقىۋاتقان، باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا، چورىسىدە قۇمۇش گۈللەر ئۆسۈپ كەتكەن كۆل؛ كۆلنىڭ ئىچىدە رەڭمۇ - رەڭ بېلىقلار ئوينىشىۋاتقان. ئۇلارنى سەيلە قىلىپ، توپ - توپ كېنىزەكلەر كۈلۈشۈپ، گۈلەڭگۈچ ئۇچۇشۇپ يۈرگەن. بىر توپ قىزلار نەغمە - ناۋا قىلىۋاتقان؛ يەنە بىر توپ قىزلار بوستانلىققا زىلچە - گىلەم سېلىپ، زىياپەت تەييارلاۋاتقان؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، ئىپەك - دۇردۇنلاردىن ئېسىل كېيىنگەن؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېلىقى ئەسكى تامدا ئۆزى كۆرگەن ئىككى قىزنىڭ ئالاھىدە سۆلەت بىلەن يۈرگىنىنى كۆرۈپتۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
يىگىت «نېمە ئالامەت بۇ؟» دەپ ئويلىشىغا، ئۇنىڭ ئالدىغا ھېلىقى ئىككى گۈزەل پەرىزات كەپتۇ. ئۇلاردىن بىرى: - مەن سىزنىڭ خوتۇنىڭىز، بۇ بىزنىڭ ھەدىمىز، - دەپ تونۇشلۇق بېرىپتۇ.
- مۇرادىم ھاسىل! – دەپتۇ، يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ. ئالدى بىلەن ھەدىسىگە سالام بېرىپتۇ. ئاندىن ئايالىنىڭ قولىدىن سىلاپ تۇرۇپ، ئامراقلىق بىلەن كۆزىگە قاراپتۇ.
شۇ چاغدا پادىشاھ ھەممە مېھمانلارنى باشلاپ يېتىپ كەپتۇ. ئولتۇرۇش باشلىنىپتۇ. تاماق تارتىلىپتۇ، كېيىن بەزمە قىزىپتۇ. كېنىزەكلەر ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ. پادىشاھ ھەممە مېھمانلار بىلەن ياخشى قارشى ئېلىپ، ئېھتىرام بىلدۈرۈشۈپتۇ. مېھمانلار باغلارنى سەيلە قىلىپ يۈرگەندە، چوڭ ئاكىسىنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ، ئۇ ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئۆزى ئالماق بوپتۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
قېيىناكىسىنىڭ بۇ ئويىنى مايمۇن قىز سېزىپ قاپتۇ. ئۇ دەررۇ ئېرىگە: - چوڭ ئاكىڭىزنىڭ نىيىتى بۇزۇلدى، ئۆزىڭىزگىمۇ، ماڭىمۇ قىلدىڭىز، ئەمدى بىز ئايرىلىپ كېتىمىز، ئەگەر مېنىڭ بىلەن ياشاشنى خالىسىڭىز تۆمۈردىن كەش كېيىپ، تۆمۈردىن ھاسا تۇتىسىز، كەشىڭىزنىڭ چەمى تېشىلىپ، ھاسسىڭىز ئۇپراپ يىڭنىدەك قالغۇچە ئىزلىسىڭىز مېنى تاپالايسىز. - دەپتۇ -دە، قىزلار بىلەن بىللە بىر توپ كەپتەر بولۇپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ھاڭ - تاڭ بولۇپ كېتىشىپ قاپتۇ.
يىگىت چوڭ ئاكىسىغا ئالىيىپ قاراپ قويۇپ، تۆمۈر كەش كېيىپ، تۆمۈر ھاسا تايىنىپ، مەشۇقىنى ئىزلەپ جاھان كېزىشكە راۋان بوپتۇ. مېڭىپتۇ - مېڭىپتۇ، چوللەرنى كېزىپتۇ، كۈن ئۆتۈپتۇ، ئاي ئۆتۈپتۇ. يىل توشۇپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئىزلەشتىن زىرىكمەپتۇ. www.iz.la
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېرىپ - ئېچىپ، بىر كۆلگە دۈچ كەپتۇ. سۇ ئىچىپ، ھاردۇق ئاپتۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ. قاراپ باقسا، ھاسىسى ئۇپراپ يىڭنىدەك قاپتۇ، كەشىنىڭ چەمى تېشىلىپتۇ. ھېسابلىسا مىڭ كۈن پىيادە توختىماي يول مېڭىپتۇ، شۇ چاغدا يىگىت: - يا رەببىم، ئەمدى مەھبۇبەمنى تاپىدىغان ئوخشايمەن! - دېگەن ئۈمىد بىلەن يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. شىرىن چۈشلەرنى كۆرۈپتۇ. شۇ ئارىدا بىرسى پىشانىسىنى سىلاپتۇ. يىگىت شۇنداق ئويغىنىپ قارىسا، يېنىدا خوتۇنى تۇرغىدەك، ئەر-خوتۇن يىغلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.
www.iz.la
ھەممە (105) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
ســـىزنى يوقلاپ كەلدىم.
كەلسەم كۆرۈنمەيسىــــــزغۇ
ئالدىمغا چىقايمۇ دىمەيســــىز تېخى.
ۋاقتىڭىز بولمىــــــسىمۇ ۋاقىت چىقــــىرىپ باراســـــىز.
مەن ........چىقاي .......خەير..... ئامان........ بۇلۇڭ
» تىخىمۇ كۆپ