نەسىردىن



نەسىردىن (ئەزالىق ئىسمى: sansiz)   ھازىر توردا بار

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر ياقتۇردۇم! دائىم كىرىمەن!

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 88 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 172 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 4 ،  جۇغلانمىسى: 257
  • دەرىجىسى: پراكتىكانت
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/sansiz

قىز پەرزەنتلەرگە بىرىلىدىغان تەربىيە

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى07-ئاينىڭ20-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

    قىز پەرزەنتلەرگە بىرىلىدىغان تەربىيە ئىز تورى بەك ياخشى

    (يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق)

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

     قىز پەرزەنتلىرىمىز مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئانىللىرى.ئۇلارنى ئاسراش ۋە ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىش مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور ئىش.شۇڭىمۇ ئاتا-ئانىلار قىزلار تەربىيىسىگە بەكمۇ كۈڭۈل بۆلىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

           ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ئەنئەنىسىدە قىزلارنى ئەدەپلىك ،ئەخلاقلىق ،مىھرىبان،ئۇز خۇلقلىق قىلىپ تەربىيلەشكە زور ئەجىر قىلىپ كەلگەن.ئۇيغۇر قىزلىرى گۈزەل،نازاكەتلىك ۋە پەزىلەتلىك.بىراق تارختىكى تۈرلۈك ئىجتىمائى ۋە ئىدېئولوگىيىلىك چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن قىز پەرزەنتلەر ئىنتايىن قاتتىق چەكلىمە ئىچىدە ياشاپ كەلگەن،ئۇيغۇر قىزلىرى كۆپ ھاللاردا ئىنسانىي ئەركىدىن مەھرۇم ھالەتتە ياشاپ كەلگەن.فىئوداللىق تۈزۈمنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك چەكلىمىسى،فىئوداللىق ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچەملىرى قىزلارنى كىشلىك مۇناسىۋەتتە،نىكاھ مەسىلىسىدە ،ئائىلىدىكى ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاساسەن بۇيسۇنغۇچى ئورۇنغا مەھكۈم قىلغان،قىزلار ئاساسەن ئىلىم-مەرىپەتتىن چەتتە قالدۇرۇلغان.بىر قىسىم يۇقىرى تەبىقا ئاياللىرى قىسمەن دىننىي بىلىم ئالغاندىن باشقا ئاۋام پۇقرالارنىڭ قىزلىرى ساۋاتسىز قالدۇرۇلغان.نەتىجىدە تەربىيلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان قىزلار"چېچى ئۇزۇن،ئەقلى قىسقا" لىقتا ئەيىپلىنىپ،جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى قىزلار ئۈچۈن ھاقارەت تامغىسى بولۇپ بېسىلغان.ئۇلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ۋە مەسئۇلىيىتى بالا تۇغۇش ۋە بېقىش،تاماق ئىتىش،كىر -قات يۇيۇش،ئۆي بىقىش،ئەرلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن.ئۇلار جامائەت ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرۇلمىغان.ئىجتىمائى پائالىيەتلەردىن مەھرۇم ھالەتتە ياشىغان.ئەسلىدىن ئالغاندا،قەدىمكى جەمئىيەت ھەقلىق بولىدىغان بولسا،قىزلىرىمىزنىڭ مۇنتىزىم تەربىيىەە ئىگە بولۇپ،يۇقىرى ساپالىق ئانىلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىشى پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسى بىلەن ئىنتايىن قۇيۇق ئالاقىسى بارلىغىنى ئىتىبارغا ئىلىشى كېرەك ئىدى.

    ئىز تورى بەك ياخشى

          تارىختىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلار قىزلىرىمىزنى تەربىيلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى.شۇڭا ،ئاياللارنىڭ نەزەر دائىرىسى ئىنتايىن تار ئىدى.ئۇلار بىكارچىلىقتىننەچچە ئايال بىر يەرگە كەلسە ئۇنىڭ ،بۇنىڭ گىپىنى قىلاتتى،بۇ جەرياندا پىتنە-پاسات،غەيۋەت خارەكتىرلىك گەپ -سۆزلەرمۇ كۆپ بولۇپ قالاتتى.ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئويلىيالماي،بەزى سىرلارنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ قالاتتى-دە،" ئايال كىشىگە سىر ئېيتىشقا بولمايدۇ" دىگەن ئەيىب بىلەن ئەيىپلەنگەن.بىز تارىخىمىزدا بارلىققا كەلگەن بەزى يىرىك ئەسەرلەردە ئاياللار ھەققىدە خېلى ھاقارەتلىك بايانلارنىڭ يىزىلغانلىقىنى كۆردۇق.ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ : " ئاياللارنى ھەرگىز سىرتقا چىقارما،ئۇلارنىڭ ئىچى تېشىدەك ئۇنداق ئاق بولمايدۇ" دىگەن.ئەلشىر نەۋائىي "مەھبۇبۇلقۇلۇپ" دىگەن ئەسىرىدە قىسمەن ئاياللار ھەققىدە: " كىتاپلارغا يىزىلغان ياخشى ئاياللارنىڭ يۈز يىلىدىمۇ بىرى ئانىدىن تۇغۇلماس،ئۇنداقلارغا يۇلۇققان كىشىگە تاج تەرك بولسۇن ۋە بۇ بەخت ئۇنىڭغا مۇبادەك بولسۇن،ئۇلارنىڭ تىللىرى ھەقنى سۆزلەيدۇ،دىللىرى ھەقنى كۈيلەيدۇ.ئىسلام ئالىملىرىغا ئۇلاردىن پايدا،ئۈمىد ۋە ئۇلارنىڭ نەپەسلىرىدىنئەۋلىيا مەنپەئەتدار.پەيغەمبەرلەرنى ئۇلارنى ماختىغۇچى دىسەك بولىدۇ.مۇقەررەپ پەرىشتىلەرنى ئۇلارغا ئىگىچى-سىڭىل دىسەك بولىدۇ.ئۇلارنىڭ باشلىرىدا ئىپپەتنىڭ تارىدىن تۇقۇلغان روماللىرى بار.يۈزلىرىدە پاكلىق رەختىدىن راسلانغان چۈمبەللىرى بار" دەپ مەدھىيلىگەن بولسىمۇ،ئۇمۇمىي نوقتىدىن مۇنداق ئەيپ-نوقسانلارنى ئارتقان:

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

           " خوتۇنلار تائىپىسىنى ھەقتائالا چەپ ۋە نەقىس يارتىپتۇ.تۇلۇق سارستىلىقىنى ئۇلارنىڭ زاتىدىن يىراق قىلىپ،ئۇلارنىڭ خۇي ئەپئالىنى خامۇش قىلىپتۇر.كۆپرەك ئەرلەرنى ئۇلارغا خار ۋە ھاممال قىلىپتۇر.ئۇلارنىڭ ھۈنىرى پىتنە ۋە ھىيلە.ئوي،غرىزى خىيانەت.ئۇلار خۇدانىڭ نىمەتلىرىگە ناشۈكۈرلۈك قىلىۇرلۈك قىلىدۇ.خەلقنىڭ ياخشىلىقرىنى تۇنۇمايدۇ.دىنلىرىدا سۇس؛ۇق،ئادەتلىرىدە نائىنساپلىق بار.ئۆزىنى كۆرۈش ئۇلارغا ئادەت ۋە ئۆزىنىلا دىيىش ئۇلارغا لەززەت.ئۇلارنىڭ ئەقلى كەملىكىدىن دىنلىرىدا قۇسۇرلۇق،دىننىڭ يۇقلىقىدىن ئەقىللىرىدە كۇپۇرلۇق بار.نەپسىنىڭ كاساپىتىدىن كىيىملىرىدە ناپاكلىق،نەپسىدە ۋە كىيىملىرىدە زاتىدىن بىباكلىق بار.ئۇلار ھۇشسىز ،چۈنكى نادانلىق بىلەن مەست،مەست بولغاندا ئويۇنپەرەس.ئۇلارنىڭ نەزەرى كىشىلەرنىڭ ئەيىبىدە،ئۇلارنىڭ ھۈنىرى ئەيىپ ئىزلەشھىيلە-ئالدامچىلىقتا سېھىر ئوينايدۇ.گۇناھسىزلارغا قەست قىلىدۇ،يالغاندىن تۆھمەت ياسايدۇ....ئەڭلىك بىلەن يۈزلىرىنى قىزارتىدۇ،ئەمما يالغاننى راست قىلىشتا يۈزىگە قارا سۈرتىدۇ.پەرىدەك شاھزادىلەرگە خىيانەت قىلىپ،دىۋىدەك زەڭگىلەر بىلەن ئاشنا ئوينايدۇ.پەردىدە تۇرۇشلىرى تامامەن ھىيلە بولۇپ،ياسىنىپ سىرىتقا چىقىشقا ئالدىرىغانلىقى،بۇنداق خوتۇنلارنىڭ ئەرلىرى يۈك توشۇيدىغان ئېشەكلىرى،يۇمشاقۋاش قۇللىرى....بىر ياخشىلىققا يۈز يامانلىق ئۇلارنىڭ ئىشى،ھەسەل بەرگەنلەرگە زەھەر بىرىش ئۇلارنىڭ ئادىتى.ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئىپپەت -نۇمۇس ئۆيلىرى بۇزۇلغان.بۇ خىل خوتۇنلار ھەققىدە نۇرغۇن ئالىملار كىتاپ يىزىپتۇ ۋە مۇبالىغە بىلەن مۇنازىرە قىلىشىپتۇ،لىكىن ھامان ئۆزلىرىنى ئاجىز ۋە كەم-كۈتە ھېساپلاپتۇ.دىمەك،بۇ بىرنەچچە ئېغىز سۆز بىلەن ئۇلارنى تەرىپلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ."

    ئىز تورى بەك ياخشى

           ئەلشىر نەۋائىي بەرگەن يۇقىرىقى ئىككى خىل باھا قەدىمكى چاغلاردا ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە تەسىرىنىڭ قانداق بولغانلىغىنى روشەن تەسەۋۋۇر قىلىشى مۇمكىن.بىراق ئەمەلىيەت شۇكى،ئەسلىدىن ئالغاندا ئۇيغۇر قىزلىرى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللىنىپ جەمئىيەت ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قۇشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلمىدى.شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر قىزلىرى گەرچە ھەر تۈرلۈك بۇيۇنتۇرۇقلار ئىچىدە چەكلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ،لىكىن ئائلە ئىچىدە ياراملىق،ئۆي ئىشلىرىغا پىشقان،پەرزەنت تەربىيىسىگە كامىل ئىدى.ئۇلار ئائىلىسىگە ۋە ئىرىگە ساداقەتمەن بولۇش ،ئەدەپ -ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ قەدىر -قىممىتىنى ساقلاش،پاكلىقنى جېنىدىنمۇ ئەزىر بىلىش ،يۈزى تۆۋەن ،نازاكەتلىك بولۇش،ھايالىق ۋە نۇمۇسچان بۇلۇش قاتارلىق تەرەپلەردە خېلى ئەتىراپل؛ىق ئائىلە تەربىيىسىگە ئىگە بولاتتى.بۇ نوقتىدىن ئۇلار ھۆرمەتلىنىشكە ھەقلىق ئىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

          ھازىرقى جەمئىيەت ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە قانداق تەلەپلەرنى قويىدۇ؟ئائىلىنىڭ قىز پەرزەنتلەرگە بىرىشكە تىەىشلىك تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنى قانداق بۇلۇشى كىرەك؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


          1. قىزلار دۇنياسىدىكى بۈگۈنكى ئۆزگىرىش

    www.iz.la


          تارىخ ئۆزگەردى،دەۋر يېڭىلاندى،شۇنىڭغا ئەگىشىپ قىز-ئاياللارنىڭ ئىنسانى ھوقۇقلىرى دۇنياۋى خارەكتىرلىك كاپالەتكە ئىگە بولدى.ئاياللار ھۆرلۈكى دۇنياۋى بىرلىك سۈپىتىدە ھەل قىلىندى،قىز- ئاياللارنىڭ ھوقۇق -مەنپەئەتلىرى قوغدالدى ۋە جەمىيەتتىكى ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.قىز-ئاياللار يۈزلىرىدىكى چۈمپەردىلەرنى چۆرىۋېتىپ دۇنياغا نەزەر سالدى،جەمئىيەتكە يۈزلەندى.ئۇلار ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا،جامائەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا بىر پۈتۈن ئىنسان سۈپىتىدە قاتنىشىش پۈۇرسىتىگە ئىرىشتى.قىز-ئاياللارنىڭ مەنپەئىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدىغان بولدى.ئەر-ئاياللار ھوقۇقتا باراۋەرلىككە ئىرىشتى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

           ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ يىرىم دۇنيالىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىدا ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى نامايەن قىلىپ جەمىيەتكە تۆھپە قۇشۇشقا باشلىدى.مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئانىللىرى قىزلىرىنى ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس پەزىلەت،ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس پاراسەت بىلەن تەربىيلەش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلىشتى.قىزلىرىغا خاس پاراسەت بىلەن تەربىيلەش ئۈچۈن ئەجىر قىلىشتى.قىزلار يېڭى مەدەنىي ئاڭ ۋە ئىلغار دۇنيا قاراش بىلەن قوراللاندى.

    copyright by www.iz.la

          دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشى چاقىرىغى بىلەن نەچچە ئەسىر بىكىنمىچىلىكتە دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەردىن بىخەۋەر ھالەتتە ياتقان ئۇيغۇر خوتۇن -قىزلىرى دۇنياغا يۈزلەندى.بۇنداق يېڭى يۈزلىنىش ئۇيغۇر جەمىيىتىدە قارمۇ-قارشى بولغان ئىككى خىل ئۆزگىرىشكە سەۋەپ بولدى. ئىز تورى بەك ياخشى

         بىرى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىلغار مىللىي ئالاھىدىلىقى ۋە خاسلىقى بىلەن دۇنيانىڭ ئىلغار پەن-مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى دەۋرگە يارىشا يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا.ئۇلار تارخىي پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ قەددىنى كۆتۈرۈپ،ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ،ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاتلىنىپ كەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

         يەنە بىرى،يەنىلا فىئوداللىق بۇيۇنتۇرۇقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ئۆزلىرىنى تۇلۇق قۇتۇلدۇرۇشقا تېخى جۈرئەت قىلالمىدى.ئائىلىدە فىئوداللىق تەربىيە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى.بۇنىڭ ئەكىسچە بولغان يەنە بىرخىل ئىغىش شۇكى،ئۇيغۇر قىزلىرى ئارىسىدا غەرىبلىشىش،ئەركىنلىشىش ۋە ئۆزىدىن ياتلىشىشتەك يەنە بىر خىل تەتۈر ئېقىم بارلىقا كىلىشكە باشلىدى.بولۇپمۇ 90-يىللاردىن باشلاپ بۇ خىل تەتۈر ،قارغۇلارچە،ئاڭسىز تاللاشنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نىسبەتەن كىشىنى چۈچىتىدىغان بىر دوقمۇشقا كىلىپ قالغانلىقىدىن دىرەك بەردى.ئۇيغۇر قىزلىرى ئارىسىدا مەنىۋى جەھەتتە مەدەنىيلىشىش بىلەن كىشلىك مۇناسىۋەت ۋە تاشقى بىرلىكتە مەدەنىيلىشىش ئوتتۇرىسىدا گاڭگىراش كىلىپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن قىزلار ئارىسىدا ئىنتايىن قۇرقۇنۇچلۇق ۋە ئىنتايىن خەۋپلىك چېكىدىن ئاشقان ئەركىنلىشىش تەرەپكە ئۆتكەن قىزلار بارلىققا كەلدى.ئۆزلىرىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى پۇل ئۈچۈن ھاقارەتلاۋاتقان،نۇمۇسىنى بىر ياققا چۆرۈپ قۇيۇپ ،پۇلغا،كىيىم-كىچەككە دۈم چۈشكەن ئاھانەتلىك قىزلارمۇ پاك ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى بۇلغاشقا باشلىدى.مۇقەددەس مۇھاببەت ھاقارەتلەندى.قىزلار ساختا مۇھاببەتنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىشقا باشلىدى،ھايا،ئەدەپ ئۇنتۇلۇپ ئاشكارا سورۇنلاردا قۇچاقلىشىش،سۆيۈشۈش ۋە ھەرخىل قىلىقسىزلىقلارنى قىلىشتىن ھارلىق ھېس قىلمايدىغان بولۇپ كەتتى.ھازىر بەزى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ئىنتايىن زور ياتلىشىش بارلىققا كەلدى،ھەتتا ئۇلارنىڭ كىيىم-كىچەكلىرى،پەردازلىرى،چاچلىرى ۋە يۈرۈش -تۇرۇشلىرىدىن ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس بىرەر ئالاھىدىلىكىنىمۇ ھېس قىلغىلى بولمايدۇ،بەزىلەر يېرىم يالىڭاچ كوچىلارغا چىقىپ ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

         بۇ خىل بۇلغىنىش ئاتا-ئانىلارنى ئىنتايىن ئازاپلىماقتا.بەزى ئاتا-ئانىلار قىزلىرىنىڭ جەمەتىگە كەلتۈرگەن ھاقارەتلىك سەۋەبلىك باش كۆتۈرەلمەي قان يۇتۇۋاتىدۇ،بۇنداق ئىجتىمائى پاجىئەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ ئىجتىمائى سەۋەبى نىمە؟ بىزنىڭ ھېس قىلىشمىزچە ،بۇ خىل ناچار ئادەت كۈچىنىڭ باش كۆتۈرىشىگە سەۋەپ بولۇۋاتقان ئامىل مۇنداق بىر قانچە نوقتىغا تاقىلىدۇ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

         بىرنچى،ئىچكى سەۋەپتىن ئالغاندا ،بەزى ئاتا-ئانىلار قىزلارغا بىرىشكە تىەىشلىك ئەنئەنىۋى پەزىلەت تەربىيىسىنى بوشاشتۇرۇپ قۇيغان.بەزى ھاللاردا ھەتتا قىزلىرىغا ئىگە بولالمىغان،چىڭ تۇتمىغان.بەزى ئاتا-ئانىلار قىزلىرىنىڭ مەيلىگە قويۇپ بىرىۋەتكەن.

    copyright by www.iz.la

           ئىككىنچى،تاشقى تەسىر نوقتىسىدىن ئالغاندا ،ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائى بۇلغىنىشنىڭ تەسىرى بەزى ئىرادىسىز،غورۇرسىز قىزلارنى يالماۋۇزدەك يۇتۇپ كەتكەن.

    copyright by www.iz.la

          ئۈچىنچى،قىزلار نادانلىقى،گۆدەكلىكى تۈپەيلى ئۆزلىرىنى كونترۇل قىلالمىغان.كىچىكىدىن باشلاپ گۈزەللىك ھەققىدىكى يىتەكلەش يىتەرلىك بولمىغانلىغى ئۈچۈن گۈزەللىك بىلەن چاكىنىلىق پەرقلەندۈرۈلمىگەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

         بۇ خىل ئۆزگۈرۈشتە ئائىلىنىڭ ،جەمىيەتنىڭ ھەم مەكتەپلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

         2.  پەزىلەت غۇنچىسى چۈمبەردە ئىچىدە ئەمەس،قەلىپ تۆرىدە ئېچىلسۇن بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

           پەزىلەت تەربىيىسى قىزلارغا بىرىلىدىغان تەلىم-تەربىيىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.ئۇيغۇر خەلقى قىزلارنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىنى پەزىلەت تەرەپتىن كۈزىتىدۇ.قەدىمكى ئۇيغۇر ماقاللىرىدىمۇ : «يۈزىگە قارىما،ئەردەم تىلە،رەڭگى-رويىغا،چىرايىغا قارىما،ئەدەپ-ئەخلاقىغا قارا»دىيىلگەن.يەنە ئۇيغۇرلاردا « چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولمايدۇ»دىگەن گەپ بار.ھەقىقەتەن ،چىن ئىنسانىي گۈزەللىك تاشقى گۈزەللىك ئەمەس،بەلكى قەلب گۈزەللىكى.شۇڭا ،ئاتا-ئانىلار قىز پەرزەنتلەرنى تەربىيلەشتە قەلب گۈزەللىكىگە كۆپ ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.چۈنكى قىزلارنىڭ پەزىلەتلىك،قەلبى copyright by www.iz.la
    گۈزەل بولۇپ ئۆسۈشى قىزلارنىڭ ئۆزىنىڭ قەدىر -قىممىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي،بەلكى ئۇ ئائىلىنىڭ شان-شەرىپى ،كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ شان-شەرىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.قىزلار ئائىلىگە گۈزەللىك ئىلىپ كېلىشى،جەمىيەتكە گۈزەللىك ئېلىپ كېلىشى كېرەك.
            تارىختىن بۇيان يۈزىگە يېپىۋالغان چۈمپەردىسى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي پەزىلىتىگە كاپارەت بولالمىغان.ئەلشىر نەۋائىي تىلغا ئالغان« ئىپپەتنىڭ تارىدىن تۇقۇلغان رومال،پاكلىق رەختىدىن راسلانغان چۈمبەل»دەل گۈزەللىكنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى قەلبتە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.قەلبىدە پەزىلەت غۇنچىسى ئېچىلدۇرۇلغان قىزلارنى ھەرقانداق مۇستەھكەم تەقىپ قىلىشمۇ كونترول قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ،ھەقىقىي پەزىلەتلىك قىزلار ھەرقانداق شەرت-شارائىتتا يەنىلا ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالايدۇ.شۇڭا،قىز پەرزەنتلەر تەربىيىسىدە مۇنداق بىر قانچە تەرەپلەردىن يىتەكلەش ۋە تەسىر كۆرسىتىش لازىم: ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
           بىرىنچى،ئانا قىزلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پەزىلەت ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك.ئۇيغۇرلاردا «قىزنى بۇزغان ئانىسى»دىگەن گەپ بار.ئانىنىڭ خۇلقى،مىجەزى قىز بالىغا ئىنتايىن چوڭقۇر ئىز سالغان بولىدۇ.قىز بالا ئانىنىڭ ھەر بىر ھەركىتى،گەپ-سۆزلىرى ۋە يۈرۈش تۇرۇشىغىچە بولغان ھەممە تەرەپلىرىنى دورايدۇۋە چوڭقۇر تەسىرگە ئۇچرايدۇ.پەزىلەتلىك ئانىالردىن پەزىلەتلىك قىز تەربىيلىنىپ چىقىدۇ.پەزىلەتسىز ئانىلاردىن پەزىلەتلىك قىزلار چىقىشى ناتايىن.بۇ كىشىلىك تۇرمۇش ئىسپاتلىغان ھەقىقەت.شۇڭا،ئانىلار قىزى ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيىشى كېرەك،گۈزەل خۇلق ۋە ياخشى نەمۇنىلىك پەزىلەت بىلەن قىزلارغا ئۈلگە بولىشى لازىم. www.iz.la
         ئىكىنچى،قىز پەرزەنتلەرنىڭ تەبىئىتىدە قىزلارغا خاس تۇغما ئالاھىدىلىك بولىدۇ.ئۇلار ئوغۇللارغا قارىغانداتارتىنچاق،نۇمۇسچان بولىدۇ.كۆيۈمچانلىقىمۇ يۇقىرى،خارەكتىرىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.بۇ خىل خاسلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا ئەتىراپلىق تەربىيىگە مۇھتاج بولىدۇ.
         ئۈچىنچى،پەرزەنتنى ھەرگىزمۇ كىچىك چاغلاشقا بولمايدۇ.سەل بۇيىغا يەتكەندە تەربىيە بەرسەممۇ كىچىكمەيمەن دەپ قارىساق،يامان نەتىجە ئاللىبۇرۇن كېچىكىپ قالغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.تەجرىبىلىك ئانىلار قىزلار بۇۋاق چېغىدىلا ،نۇمۇس قىلىش،ئىزا تارتىش ،ھايالىق بۇلۇش تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن قىزلارنىڭ قىزلىق تەبىئىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ.ئازراق يامان ،ئەخلاقسىز ەەپ-سۆزلەر ۋە قىلىقلارنى قىلىپ قالسا دەرھال «نۇمۇس ،ئىزا،ئىزا....ئۇيات،ئۇيات» دىگەن سۆزلەر بىلەنلا گۈدەك قەلبىگە قانداق ئىشلارنىڭ پەزىلەتلىك ئىش،قانداق ئىشنىڭ ئۇياتلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.قوپال ،ناشايان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ قالسا،دەرھال ،ئۇنداق گەپ-سۆزلەرنى قىلىشنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بىرىدۇ.دىمەك ،پەزىلەتكە يات بولغان ھەرقانداق كىچىك ئىشلار سادىر بولۇپ قالسىمۇ دىققەت قىلىدۇ ۋە تۈزىتىشگە ياردەمدە بولىدۇ.

    مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


         تۆتىجى،قىزلار گۆدەك چاغدا بالىلار بىلەن بىرگە ئوينايدۇ،بەزى بالىلارنىڭ قىلىقسىز ،ئەدەپسىز ئىش-ھەركەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.بۇنداق چاغلاردا ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن " ئۇ بالىلار ئەسكى،قىلىقسىز بالىلار ،ئۇنداق بالىلارنىڭ ئىشىنى دورىما قىزىم،ئەدەپلىك ،ياخشى بالىلارنىڭ پەزىلىتىنى ئۆگەنگىن،بولمىسا ئەسكى قىز بوۇپ قالىسەن"دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىك ،پەزىلەتسىز ئىشلارنى پەرىقلەندۈرېۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
         بەشىنچى،قىزلار مەكتەپ يېشىغا يەتكەندىن  كىيىن،پەزىلەت تەربىيىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.مەكتەپ تەربىيىسى بىلەن ئائىلە تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ،قىزلاردا ئۆزىنى تۇنۇش،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش،ئۆزىنىڭ قىزلارغا خاس پەزىلىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم،چۈنكى بۇ چاغدا سىرتقە تەسىرنى قۇبۇل قىلىشى تېخىمۇ روشەن بولۇشقا باشلايدۇ.ھەر دائىم قىزلاردىن ئەھۋال ئېگەللەپ تۇرۇش،ئۇلارنىڭ قانداق تەسىرلەرنى قۇبۇل قىلىۋاتقانلىقىغا كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرۇش لازىم.چۈنكى پەرزەنتلەرنىڭ ھەربىر-سۆز ھەركىتىدە بۇ خىل تەسىر ئۇچۇق ئىچادىلىنىپ تۇرىدۇ.كۆزىتىشىمىزگە قارىغاندا،قىزلار مەكتەپكە كىرەەندىن كىيىنلا قىزلارغا خاس خارەكتىر ۋە خۇسۇسىيەتلەرنى يىتىلدۈرۈشكە بەك ئەھمىيەت بىرىدىكەن.ئۇلاردا نۇمۇس قىلىش،ئىزا تارتىشتەك پىسخىك ھالەت ئوغۇللارغا قارىغاندا خېلى گەۋدىلىك بولىدۇ،قىزلار ساۋاقداشلىرىغا كۆيۈنۈش،ئۇلارغا ياردەم بىرىش ،ھېسداشلىق قىلىش جەھەتتىمۇ ئوغۇللاردىن ئۇستۈن تۇرىدىكەن.ئۇلارنىڭ بۇ خىل ياخشى خارەكتىرىنى يىتىلدۈرىشىگە ئىلھام بىرىش كېرەك.ھەرگەىزمۇ "خەق بىلەن كارىڭ نىمە" دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەسلىك لازىم. www.iz.la

                     نەسىھەتتىن نەمۇنە
          قىزىم،سەن بىزنىڭ پەخرىمىز،ئوماق غۇنچىمىز،ئەمدى سەن ئەدەپلىك،پەزىلەتلىك بولقىز بالا دىەەننىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەل پەزىلىتى بولىدۇ.ئوغۇللار قىلغان بەزى ئىشلارنى قىزلار قىلسا  ئەدەپسىز سانىلىدۇ.ئوغۇل بالا چازا قۇرۇپ ئولتۇرسا ئەدەپسىزلىك ھېساپلانمايدۇ،لىكىن قىز بالا دىگەن ئىككى تىزىنى جۈپلەپ ئولتۇرسا ئەدەپ ھېساپلىنىدۇ،قىز بالا دىگەن ئىسسىق،يېقىملىق،خۇش چىراي بولغىنى ياخشى.سوغۇق،قوپال ،توڭ بولۇپ قالساڭ كىشىلەر سىنى پەزىلەتسىز ئىكەن دەيدۇ.ھەرقانداق كىشىنىڭ قېشىدا ئېغىزىڭدىن ئەسكى گەپ چىقىرىپ قالما،سەت گەپ قىلىش بەك نۇمۇسلۇق ئىش.باشقىلار ئەسكى گەپ قىلىۋاتقان بولسا دەرھال قېشىدىن كەتكىن،ئۆيگە بىرەر ئادەم كىرسە ئەدەپ بىلەن "ياخشىمۇ سىز ئاچا،ياخشىمۇ سىز ئاكا" دەپ ئىللىق مۇئامىلە قىل.گۆمۈشتەك تۇرساڭ بولمايدۇ.قىزىم،تاماق يىگەندە ئاز-ئاز،ئالدىرىماي يىيىشكە ئادەتلەنگىن.قىز بالىغا نىسبەتەن ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ يەۋېلىش،ئالدىراپ يىيىش،ئېغىزغا كۆپ نەرسىلەرنى سېلىۋېلىش ئەيىب ھېساپلىنىدۇ.كوچا-كويلاردا بىرەر نەرسە يەپ مېڭىشمۇ ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
         قىزلار مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن :
        قىزىم،مەكتەپكە كۆندۈڭمۇ،ساۋاكداشلىرىڭ ياخشىمىكەن،ئەخلاقلىق،پەزىلەتلىك بالىلار كوپمىكەن. قىزىم، ئەمدى ئوقۇغىچى بولۇپ قالدىڭ،پەزىلىتىڭنى ساقلا،پەزى؛لەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولغىن.جەمئىيەتتىكى كىشىلەرمۇ سىلەرنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇيدىغاندۇ،كىمنىڭ قىزىدۇ،ئەجەپ پەزىلەتلىك بالا ئىكەن،دەپ قالسۇن.ھەرگەىز سەندىن ئەدەپسىز قىلىقلار سادىر بولۇپ قالمىسۇن،دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۇلارغا ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم.
      قىزلار بۇيىغا يېتىپ قالغاندا: ئىز تورى بەك ياخشى
      قىزلار باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىغا چىققاندىن كىيىن،پەزىلەت تەربىيىسىدە خارەكتىرلىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.بولۇپمۇ قىزلار 12 ياشتىن ھالقىغاندا تەربىيىەە تېخىمۇ دىققەت قىلىش لازىم.بۇ باسقۇچ قىزلار فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىمۇ ۋە پىسخىك جەھەتتىمۇ بۇرۇلۇش ياسايدىغان ھالقىلىق دەۋر.شۇڭا،قىزلارنىڭ يۇرۇش-تۇرىشى،جەمئىيەتكە ئارلىشىشى،نەلەرگە بارغانلىقى،نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىشى لازىم.ئۇلارنى مەكتەپتىن كەچ قالماسلىققا،ئۆزى يالغۇز بىر يەرگە بارماسلىققا،تۇنىمىغان ئادەم بىلەن باردى كەلدى قىلماسلىققا،رېستۇران ۋە باشقا ئويۇنخانىلارغا بارماسلىققا.باشقىلار بىرىشقا زورلىسىمۇ قىزىقىپ كېتىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك.

    copyright by www.iz.la

          ئۆي-ئىچىدىكى ئەدەپ -قائىدىگە ۋە ھاياغا بەك دىققەت قىلىش كېرەك.ھازىر ئاتا-ئانىلار تېلىۋۇزۇرنى بالىلار بىلەن بىرگە كۆرگىلى بولمايدىكەن دەپ بەزى ئائىلەردە ئىككى تېلىۋۇزۇر قويىدىغان بولدى.بۇ مەلۇم جەھەتتە رول ئوينىسىمۇ ،لىكىن ماھىيەتلىك مەسىلىنى ھەرگىز ھەل قىلالمايدۇ.ئۇلارنى بۇ تەسىردىن ئايرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس.ئەڭ مۇھىمى ئاتا-ئانىلار بىزنىڭ تۇرمىشىمىزغا ماس كەلمەيدىغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندە،بالىلارغا مۇنداق تەۋسىيە قىلىش كېرەك.
    بالام،ئۇ دىگەن غەرپنىڭ تۇرمىشى،بىزنىڭ تۇرمىشىمىزدا ئۇنداق ئىشلار تولىمۇ ھاياسىزلىق ھېساپلىنىدۇ.قىزىم،بىزدە ئوغۇل-قىزلار توي قىلىشتىن بۇرۇن ھەرگىزمۇ ھاياسىز ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ.قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەزىلىتى ئۆزىنىڭ قىزلىق ئىپپەت -نۇمۇسىنى تاكى توي كېچىسىگىچە پاك ساقلاش.شۇڭا غەيرىي تەلەپ قويغان ئادەم ھەرگىزمۇ ياخشى ئادەم ئەمەس،ئۇ ھەقىقىي مۇھاببەت ئېگىسىمۇ ئەمەس،بەلكىي شەھۋەتپەرەس بۇزۇق ئادەم،سەن پەقەت ئۆزۈڭنىڭ ئىپپەت -نۇمۇسىنى چىڭ ساقلىيالىساڭلار ئۆزۈڭنىڭ ئىنسانىي قىممىتىڭنى قولۇڭدا تۇتالايسەن،ئەڭگۈشتەر قولۇڭدا بولىدۇ،ئەگەر ئەڭەۈشتەرنى قولۇڭدىن بىرىپ قويدۇڭمۇ،ئۇ چاغدا" سەن ئۈچۈن جېنىم پىدا،سەن مىنىڭ ھاياتىم" دەپ مەيدىسىگە ئۇرغان ئوغۇل بالىنىڭمۇ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىسەن.قەدىر قىممىتىڭنى يەرگە ئۇرغا بولىسەن.ئەڭگۈشتەر قۇلۇڭدىكى ۋاقتىدا گۆھەردەك قىممەتلىكسەن،ئۆزۈڭنى تۇتقۇزۇپ قويدۇڭمۇ،خۇددى خىش پارچىسىدەك قىممىتىڭنى يۇقىتىپ قويىسەن.ئۇ چاغدا بېشىڭنى تاشقا ئۇرغىنىڭ بىلەنمۇ پاكلىقىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسەن.جەمئىيەتكە نەزەر سالغىن،نۇرغۇن قىزلار بالدۇر ئۆزىنى تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ،بىردەملىك ھېسىياتنىڭ ۋە كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ،ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالمىدىمۇ،ھەتتا بەزىلەر نۇمۇسقا چىدىماي ئۆزىنى سۇغا تاشلىۋالدى،بەزىلەر ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى،بۇنىڭ تېگىدە نىمە ئىش بارلىقىنى ئوبدان ئويلا.ئۇلار ساختا مۇھاببەتنىڭ قۇربانلىرى،سەن ئوقۇشۇڭنى تامالىغانغا قەدەر"مۇھاببەت"دىگەن ئىشلارنى خىيالىڭغا كەلتۈرمە،قىزىم.سىنىڭ ھازىرقى كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭ ئوقۇش.مۇھاببەت ئىشىنى ئاددىي چاغلىمايسەن.بۇ ئىش ئۆزەڭنىڭ ئار-نۇمۇسۇڭ بىلەن،ئىستىقبالىڭ بىلەن،كىيىنكى تۇرمۇشۇڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش.بەزىلەر بىردەملىك ھېسىياتنىڭ تەققازاسىدىن خاتا يول تۇتۇپ قالدى-دەيلى،شۇ بىر قېتىملىق سەۋەنلىكنىڭ دەردىنى،قەلبىدە ئۇيۇپ قالغان بۇ قارا داغ مەڭگۈ يۇيۇلمايدۇ،قىزىم.مەن سىنىڭ ئاناڭ،شۇڭا بەزى گەپلەرنى ئوچۇق ئەسكەرتىپ قويمىسام،ساڭا بۇلارنى كىم دەيدۇ.سەن جەمىيەتنىڭ يامان تەسىرىنى ھەرگىز يۇقتۇرۋالما،ئۆزەڭنى يەرگە قارىتىدىغان،ئائىلىمىز شان-شەرىپىگە داغ چۈشۈردىغان ئىش سادىر بولۇپ قالمىسۇن. www.iz.la
            قىزىم،ھەرقانداق ئىش ۋاقتى كەلگەندە بولغىنى ياخشى،پەزىلەتلىك ،دورۇس نىيەتلىك،ھايالىق ياخشى يىگىتلەر بىلەن ئارلاشساڭ،بىز ئۇنىڭغا قارشى ئەمەس.بىراق ئادەمنى بىلىپ بولمايدۇ.بەزىلەر مەقسەتكە يەتكۈچە خۇددى سەن نىمىنى ئويلىساڭ،ئۇمۇ شۇنداق ئويلىغان بولىۋالىدۇ،سەن نىمىنى ياخشى كۆرسەڭ،شۇنى ياخشى كۆرگەن بولىۋالىدۇ.راستىنلا سەن بولمىساڭ تۈگىشىپ كېتىدىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.بۇ چاغلاردا ئۇ پەرۋانىدەك ئەتىراپىڭدا چۆرگىلەيدۇ،مەقسىتىگە يەتكەندىن كىيىن،ئۆزىنى سەندىن قاچۇرۇشقا ئورۇنىدۇ،سەندىن تۈرلۈك ئەيىب -نوقسانلارنى تېپىشقا ئۇرۇنىدۇ،باھانەئىزدەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن كۈچۈكتەك ئەگىشىشكە مەجبۇر بولىسەن.بوپتۇ دەپ دىسەڭ،ئۇ سىنى ھاقارەتلىدى،باشقىلارغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارايمەن،دەيسەن.بوپتۇ دىمەي دىسەڭ،ئۇ سىنىڭ ئىشەنچىڭنى،ئۈمىدىڭنى خاراپ قىلدى،كەگۈسىدىكى تۇرمۇش ئىستىقبالىڭ خاراپلاشتى،سىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىڭ.شۇڭا ،قىزىم مۇھاببەت مەسىلىسىدە،ئەڭ مۇھىمى ئۆزەڭنىڭ پاكلىقىنى ساقلاشنى بىلسەڭلا،ۋىجدانىڭ بولغانمايدۇ،ھەرقانداق چاغدا يۈزۈڭ يۇرۇق بولىۋېرىدۇ،تۇرمۇشتا بەخت دىگەن شۇ،قىممەت دىگەن شۇ. www.iz.la
          يۇقىرقىدەك نەسىھەتلەرنى بەرگەندە،قىزلاردا بىرەر ئىش سادىر بولغاندا ئەمەس،بەلكىي ئىنتايىن توغرا ۋە مۇۋاپىق بىر پەيتنى تاللاش،جەمئىيەتتە بولۇپ ئۆتكەن مىساللاردىن ئۆرنەك كۆرسىتىش ۋاستىسى بىلەن جەمئىيەتتىكى مۇھاببەت تىراگىدىيىللىرىنىڭ سەۋەبىنى سەمىگە سېلىپ تۇرۇش لازىم.بولۇپمۇ پۇل ۋە بايلىقىغا ،مەنسىپىگە تايىنىپ قىزلارنىڭ ۋىجدانىنى بولغانيدىغان ،نۇرغۇن نادان،ئىرادىسىز قىزلارنىڭ ئاشۇ پۇلدار نەئەھلىلەرنىڭ چاڭگىلىدا نابۇت بولۇپ،قەدىر -قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇۋاتقانلىغىنى دارتمىلاش يولى بىلەن چۈشەندۈرۈش ۋە جەمئىيەتنى چۈشىنىش پۈرسىتىگە ئېگە قىلىش كېرەك.

    www.iz.la

         "ئاڭلىدىڭمۇ قىزىم،پۇكۇنى قىز شۇنداق چىرايلىق چوڭ بولغانتى،ئەمدى كىشىلەرنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قاپتۇ،بىر ئايالى بار نائەھلى باي ئۇ قىزنى خارلاپتۇ.ئادەم دىگەندە ئەقىل بولمىسا،نۇمۇس بولمىسا،ۋىژدان بولمىسا،ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنىڭ باھاسىنى بىلمىسە،ئاشۇنداق نۇمۇسسىز يولغا كىرىپ قالىدىغان گەپتە.پۇل ھەرگەىزمۇ ئىنسانى قىممەتتىن،نۇمۇستىن ۋە پاكلىقتىن يۇقىرى ئەمەس.ھەقىقىي ئار-نۇمۇسلۇق،ئىنسابى بار ئادەم ھەرگەىزمۇ پۇلنى دەستەك قىلىپ ئۆزىنى ئاياغ ئاستى قىلىشىغا يول قۇيمايدۇ.ئۇ قىزلار ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان،رەزىل پۇل ئۈچۈن ھەرقانداق ئەسكى ئىپلاسلىقلارنى قىلىشتىن يانمايدىغان يامان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالغان.قىزىم،ئادەم دىگەن كۈندە بىر نان يىسىمۇ،بىر كىيىمنى بىر يىل كىيسىمۇ،پەزىلەتتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك لىباسىنى ھەرگىزمۇ سالماسلىقى كېرەكتە.پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدىغان نۇمۇسنى،كىيىم -كېچەككە ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان ۋىژدانىنى قانداقمۇ نۇمۇس،ۋىژدان دىەىلى بولسۇن.ئۇ قىزلار پۇلغا،كىيىم-كېچەككە ئۆزىنى قارا يۈرەك ئەبلەخلەرنىڭ خورلىشىنى،ھاقارەتلىشىنى سېتىۋالغان.ئەسلىدىن ئالغاندا،ئۇيغۇر قىزلىرى پۇلنى دەستەك قىلىپ قىزلارنى ئالدايدىغان،پۇلغا تايىنىپ قىزلارنى ئاياغ-ئاستى قىلىشنى نىيەت قىلغان نائەھلىلەرنى تىزەك چاغلىق كۆرمەسلىكى،ھەتتا ئۇلارنى ئادەم سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلماسلىقى كېرەك ئىدى،بالام." دىگەندەك سۆزلەر بىلەن قىزلارنىڭ قەلبىدە بۈيۈك غورۇر،نۇمۇس تۇيغۇسىنى ئويغىتىش كېرەك.بۇ يالغۇز قىزلارنىڭ مەسىلىسى بولماستىن،بەلكى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پاك بۇلىشى ئۈچۈن قۇشۇلغان تۆھپە بولۇپ قالىدۇ.

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


          3. قىزلار ئۆي ئىشلىرىغا پىشسۇن ئىز تورى www.iz.la

            قىزلارغا بېرىلىدىغان پەزىلەت تەربىيىسىنىڭ بىرى،ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆي ئىشىغا پۇختا،ئىشقا پىشقان،پاكىز،ئاش-تاماقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قىلىپ تەربىيلەش لازىم.بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدە پەزىلەت تەربىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ كەلگەن.
          ھازىرقى مۇتلەق كۆپ ساندىكى قىزلار مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىغى ئۈچۈن،ئاتا-ئانىلار ئوقۇشقا تەسىر يەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى ئۆي ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرمايدۇ.نەتىجىدە بەزى قىزلار ھەتتا تۇرمۇشلۇق بولغانغا قەدەر تاماق ئېتىش،كىر يۇيۇش،ئۆينى سەرەمجانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ياخشى بىلمەيدۇ.بۇنداق بولۇش قىزلار ئۈچۈن بىر ئەيىب سانىلىدۇ.ئۆي ئىشلىرىغا سالماي ئۆگىتىپ قويغان قىزلار ئۆي-ئوچاقلىق بولغاندا،يېڭى ئائىلە تۇرمىشىغا كۆنەلمەي،كۆپ سوغۇقچىلىقلارنىڭ بۇلىشىغا،ھەتتا مۇشۇ سەۋەبلىك تۇرمۇشىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ.

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


         بىلىش كېرەككى،ئۆي ئىشلىرىغا پۇختا،پىشقان بولۇش،پاكىز،تەرتىپلىكۋە رەتلىك بولۇش كىشىلىك تۇرمۇشتىكى قەتئىي بىلىش زۆرۈر بولغان ئاددىي بىر تەلەپ ھېساپلىنىدۇ.ئانچە-مۇنچە ئائىلە ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرۇش بىلەن ئوقۇشقىمۇ تەسىر يېتىپ كەتمەيدۇ.ئۇيغۇر قىەزلىرى قەدىمدىن تارتىپ قۇنچاق ئويۇنى،ئۆي تۇتۇش ئويۇنى،ئاش ئېتىش،مېھمان كۈتۈش ئويۇنى قاتارلىق بالىلار ئويۇنلىرىنى ئوينايتى.بۇ ئەنئەنە بالىلارنىڭ چوڭلارغا تەقلىد قىلىش يولى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تەربىيلىشىگە ئىمكانىيەت ھازىرلايتتى.
          ھازىرقى بەزىبىر رېئال ئەھۋالدىن قارىغاندا،ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە ئاجايىپ پەزىلەتلىك،ئۆي ئىشلىرىغا پۇختا،پاكىز،ئاش-تاماققا ئۇستا ئاياللار بار.بۇنداق ئاياللارنى ئۇيغۇرلار"ئوڭلۇق" دەپ ئاتايدۇ.ئەمما يەنە بىر قىسىم خوتۇنلار باركى،ئىنتايىن مەينەت،ئۆيىگە كىرسە بەتبۇي پۇرايدۇ،ئولتۇرغان يېرى ئېغىلغا ئوخشايدۇ،ئۇماچ بىلەن سۇيۇقئاش ئېتىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ،ئەتكەن ھالەتتىمۇ ئاشقا ئوخشىمايدۇ،ئۇرۇن-كۆرپە ،چىنە-قاچىللىرى قاسماق.بۇنداق ئوخشىماسلىق نەدىن كېلىپ چىققان؟دەل ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان.شۇڭا ،ئانىلار بۇ جەھەتتىمۇ ئۆزىمىزگە بەكرەك تەلەپ قويۇشىمىز ھەم پەرزەنتلەرنىمۇ ئەتراپلىق تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلىشىمىز لازىم.

    ئىز تورى بەك ياخشى

     نەسىھەتتىن نەمۇنە
          قىزىم،ئۆي ئىشىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرما،ماڭا يېقىن تۇرغىن،ئۆي ئىشلىرىنى كۆرۈپ كۆزۈڭ پىشسۇن،قىز بالا دىگەنگە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى،ئاش-تاماق ئېتىشنى بىلمەسلىك ئەيب.كەلگۈسىدە بىر ئۆي بېشىڭغا كىيىلگەندە ساڭا باشقا بىر كىشى كىرىپ ئاش -تاماق ئېتىپ ئۆي تۇتۇشۇپ بەرمەيدۇ.بازاردىن تاماق يىسە تاغمۇ تۇشىمايدۇ.بەزىلەر ئۆيىدە تۈزۈك تاماق قىلالمىغانلىغى ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا بازاردا تاماق يەيدۇ.ئۆينىڭ بەركىتى بولىدۇ،بىر كۈن كوچىدا تاماق يىگەن پۇلغا ئۆيدە ئىككى،ئۈچ كۈن جاھاندارچىلىق قىلغىلى بولىدۇ.بالام،ئۆي دىگەندە مېھمان ئۇچۇر بولىدۇ،ئۇلارنى ياخشىراق كۈتمىسەڭ كەينىڭدىن سۆز-چۆچەك بولىدۇ.ئىش قىلغاندا تېجەشلىك،پىلانلىق،تەرتىپلىك بولۇش كېرەك.بۇزۇپ-چېچىش بەك ئېغىر گۇناھ.تېجەشلىك،پىلانلىق بولسا ئۆينىڭ بەركىتى بولىدۇ،قىزىم.كىمنىڭ ئۆيىدە بول،ئائىلىگە كۈيۈنىشنى بىلىش لازىم.كۆڭۈل قويساڭ تاماق ئېتىش دىگەن ئۇينىغاندەكلا بىر ئاددىي مەشغۇلات بولۇپ قالىدۇ. تاماقنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى ۋە نازۇك تەرىپى بولىدۇ.شۇنى ئېگەللىيەلمىسەڭ،ھەرقانچە كۆپ گۆش،ياغ ئىشلەتسەڭمۇ ئېغىزغا تېتىغۇدەك تاماق چىقارغىلى بولمايدۇ)زۆرۈر تېپىلغاندا ،ھەر بىر تاماقنىڭ ئىنچىكە،نازۇك نوقتىللىرى،قانچىلىك گۈرۈچكە قانچىلىك سۇ،ياغ كېتىدىغانلىقى،قانچىلىك ئۇنغا قانچىلىك تۇز لازىملىقى،خېمىرنى قانداق يۇغۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بىرىلىدۇ(. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
        قىزىم،پاكىزلىق ئۆزەڭنىڭ مۇھىم خىسلىتى بولسۇن.پاكىزلىق سالامەتلىكنىڭ ،بەرىكەتنىڭ ئاساسى.نەدە مەينەتچىلىك بولسا ،شۇ يەردىن ئامەت قاچىدۇ،بەرىكەت كۆتۈرۈلىدۇ.سىنىڭ نام-ئابرۇيۇڭنى يۇقىرى كۆتۈردىغانمۇ،يەرگە ئۇردىغانمۇ شۇ پاكىزلىققا ئەھمىيەت بىرىش -بەرمەسلىكىڭدە. بىلىسەن،ئۇيغۇر قىزلىرى سەھەردە قوپۇپ بىرىنچى قىلىدىغان ئىشى ئۆي تازلىقى.ئۇلار ھويلا-ئارامنى پاكىز سۈپۈرۈپ،سۇ چېچىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ناشتىغا ئولتيۇرىدۇ.شۇنىڭدىلا كۆڭۈل قويۇپ روشەن ھالدا ناشتا قىلغىلى بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا چىنە-قاچا،چەينەك-چۆگۈن،ئورۇن-كۆرپە،كىيىم-كېچەككىمۇ بەك ئەھمىيەت بەر بالام.ئۆي دىگەننى چىنىدەك پاكىز تۇتالىساڭ سىنى ھەممە ئادەم پەزىلەتلىك،پاكىز دەپ ماختايدۇ.ئەگەر مەيتەنچىلىككە ئادەتلىنىپ قالساڭ،ئۆيۈڭگە كىرگەن ئادەممۇ شەكلىنىپ تامىقىڭنى يىمەيدۇ.بۇ ساڭا نۇمۇس بولىدۇ.قىزىم،پاكىزلىق بايلىق،كەمبەغەللىك قىلىنمايدۇ.ھەرقانچە نامرات بولۇپ،ئۆيۈڭدە بىسارت بولمىسىمۇ،ئۆي پاكىز بولسا كۆڭلۈڭ روشەن بولىدۇ،ئاغرىق -سىلاقتىن خالىي بولىسەن. copyright by www.iz.la
      
                       4. يۈرۈش -تۇرۇش ۋە كىيىنىش تەربىيىسى

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

         ھازىرقى جەمىيەتنى ئەپسۇسلاندۇرۋاتقان،ئاتا-ئانىلارنى خەۋپسىرىۋاتقان بىر ئەھۋال شۇكى،ئۇيغۇر قىزلىرى يۇرۇش-تۇرۇش ۋە كىيىنىش جەھەتتە بەكمۇ غەيرىلىشىپ كىتىشكە باشلىدى.گۈزەل ،يارىشىملىق مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىمىزنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە يات بولغان كىيىم-كېچەكلەر ئېگەللىدى.زىبۇ-زىننەت تاقاش ۋە پەرداز جەھەتتە ئەسلى ئۆلچەم بۇزۇلۇپ چاكىنلىشىقا قاراپ يۈزلەندى.بۇنىڭ روشەن ئىپادىسى شۇكى،بىزنىڭ ھازىرقى زامان بەزى خوتۇن -قىزلىرىمىزنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن ئۇيغۇر خوتۇن -قىزلىرىغا خاس ئالاھىدىلىكنى تاپقىلى بولمايدۇ،ھەتتا تەڭرى ياراتقان قۇندۇزدەك قاپقارا چاچلىرىنىمۇ سېرىق بوياپ،ئۆزىنىڭ تەبىئىي يارىتىلىشىغا ئۆكتە قوپماقتا.بىز ھازىرقى ئۇيغۇر قىزلىرىدىن خەنزۇ قىياپەتلىك قىزلارنىمۇ،پاكىستان،ھىندىستان قىزلىرىغا خاس ئالاھىدىلىكلەرنىمۇ،ياۋرۇپا قىزلىرىغا خاس ئالاھىدىلىكنىمۇ،ئەرەپ ئاياللىرىغا خاس ئالاھىدىلىكنىمۇ،نەچچە خىل تەركىبلەر بىر گەۋدە بولغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچرىتىمىز.تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىك يېرى شۇكى،ئۆزىنى"مەدەنىي" چاغلاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆزىنىڭ بوي -تۇرقى،رەڭگىرويى،مىجەز-خارەكتىرى،ياش قورامى ۋە مۇھىتقا ئۇيغۇنكېلىش -كەلمەسلىك بىلەن ھېساپلاشماي،كىنو،تىلۋوزۇرلاردىن قانداق قانداق مودا كىيىمنى كۆرسە،ئۇنى خۇددى مەخسۇس ئۇيغۇر قىزلىرى ئۈچۈنلا لاھىيىلىگەندەك ھېس قىلىپ شۇ پېتى كۈچۈرۈپ كېيىۋېرىدىغان بولۇپ كەتتى.يەنە بىر جەھەتتىن يارىشىملىق،كەڭ ،سېلىنىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر كىيىملىرى گۈزەللىك ئۆلچىمىنىڭ قايسى يېرىگە چۈشمىدىكىن تاڭ،مېڭىش -تۇرۇتىمۇ قىينىلىدىغان،تار،يېڭى ياكى پۇشقىقى يوق يېرىم يالىڭاچكىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشكە باشلىدى،ھەتتا بەزى قىزلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ پۇتىغا ئالتۇن ھالقا سېلىشقا باشلىغان.مىللىي كىيىم-كىچەكلىرىمىزنى ياراشتۇرۇپ كىيىگەن قىزلىرىمىزنى مەدەنىيەتسىز،زاماننىڭ كەينىدە قالغان،سەھرالىق دەپ ئەيىپلەۋاتىمىز.

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


         بۇنداق تىز سۈرئەتتە ياتلىشىشنىڭ سەۋەبى نىمە؟
          بىرىنچى،ئۇيغۇر قىزلىرى گۈزەللىك تەلىم-تەربىيىسىدىن ئىەۋەرسىز قالدى.شۇڭا،ئۇلارنىڭ ئىستىتىك تۇيغۇسىدا تۇرغۇنلۇق يوق،باشقىلار نىمىنى كىيسە مودا قوغلىشىپ،ئۆزىگە يات،ئەسلى گۈزەللىككە نوقسان يەتكۈزىدىغان كىيىملەرنىمۇ قۇبۇل قىلىۋەرگەن.ئىككىنچى،ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى،قىممىتىنى،تەن سالامەتلىك بىلەن ،شەرم-ھايا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھېس قىلىشتىن مەھرۇم قالغان. ئۈچۈنچى،نۇقۇل دوراش پىسخىكىسى ئۈستۈنلۈكنى ئالغانلىغى ئۈچۈن،سىرتتىن كىرگەن غەيرىي كىيىم-كىچەكلەرنىڭ قىممەت جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىيىملىرىمىزنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىغىنى چۈشۈنمىگەن.تۆتىنجى،ئانىلار ئۆزى باش بولۇپ مىللىي كىيىملەردىن ۋاز كەچكەن.شۇڭا قىزلىرىنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ قۇربىتى ۋە سەۋىيەسى يار بېرىدىغان بولسا،پەرزەنتلەرگە كىچىكىدىن باشلاپ گۈزەللىكنى سۆيۈش،گۈزەللىكنى چۈشىنىش،گۈزەللىكنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە تەربىيە بېرىشى لازىم. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
                         نەسىھەتتىن نەمۇنە
         قىزلار مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا:
         قىزىم،ەۈزەللىك ئاددىي-ساددىلىقتا،ئوقۇغۇچى دىەەن غەيرىي،غەلىتە نەرسىلەرنى كىيىۋالسا بولمايدۇ.ئادەمنىڭ گۈزەللىكى ھەشەمەتلىك،غەيرىي كىيىنىۋېلىشتا ئەمەس،بەلكى بىلىم،قابىلىيەتتە ۋە پەزىلەتت.سەن كىيىنىۋېلىشنىلا قىممەت،ئابرۇي دەپ قارايدىغان قىزلاردىن ئۆگەنمىگىن.كىيىم-كېچەككىلا ھەۋەس قىلىش ئادەمنى ياخشى كويغا سالمايدۇ.ئوقۇغۇچى دىگەن ھازىر گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ،شۇنچە چىرايلىق ھۆسۈن-جامالىڭ،ئالمىدەك چىرايلىقيۈزۈڭ،بۇلاقتەك كۆزۈڭ،ئايدەك قېشىڭ تۇرۇپ،خامپىغا چۈشكەندەك يۈزلىرىڭنى بۇيىۋېلىش گۈزەللىك ئەمەس،بەلكىي گۈزەللىككە نوقسان يەتكۈزۈش بولىدۇ.ھەرگىز باشقىلارنى دوراپ،گىرىم قىلىش مەدەنىيلىك ئوخشايدۇ،دەپ قارىمىغىن.ھەرقانداق ئىشنىڭ ئۆز ۋاقتى بولىدۇ.غۇنچىنىڭ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ئۆزىگە يارىشىدۇ،ئۇنىڭغا يەنە پەرداز بېرىش نە ھاجەت؟ ئالتۇن ئۈستىگە كاكۇل؛ لاي بېرىش ئەقىلسىزلارنىڭ ئۆلچىمى. www.iz.la
         قىزلار سەل بۇيىغا يېتىپ قالغاندا:
        قىزىم،ئۆزۈڭنىڭ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىڭنى ھەرگەىز ئۇنتۇپ قالما.يەنە بىرى،ئۆزەڭنىڭ ئەسلىنى ئونۇتما،ۋىجدانىڭنى يۇقاتما.ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي خاسلىقى بولىدۇ.ئۆزىگە خاس مىللىي خاسلىقى بولمىغان خەلق ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان خەلقتۇر.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىيىنىش،زىبۇ-زىننەت تاقاش ۋە پەرداز قىلىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس گۈزەل ئەنئەنىسى بار،بۇ خىل ئەنئەنە بىزنىڭ ياشاش شارائىتىمىز،ئىستىتىك ئېڭىمىز،فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىمىزگە ماس ھالدا شەكىللىنىپ،مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتىمىزغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي خاسلىقىنى تەشكىل قىلغان مۇھىم بىر تاشقى ئىپادىگە ئايلانغان. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
        قىزىم،ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ھەرگىزمۇ غەرپ دۇنياسىنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ.بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار نەپىس،نازۇك ۋە سىپتا ،رەڭگارەڭ كىيىم-كېچەك،زىبۇ-زىننەتلەر مەدەنىيىتىگە ئېگە بولۇپلا قالماي،بەلكى بۇنداق مەدەنىيىەت باشقا ئەللەرگىمۇ ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تەسىرىنى كۆرسەتكەن.مەسلەن: ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل مۇققەددەملا باغىرداق)لىپتىك( مەدەنىيىتىنى كەشىپ قىلىپ،دۇنيا كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى بېيىتىشقا تۆھپە قوشقان.كىرورەن ئانا كىيگەن گارمۇن ئىشتان ۋە نەقىشلىك ئۆتۈكلۈك دۇنيا كىيىم-كېچەك مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر مۆجىزە.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ،8-ئەسىرلەردە تاڭ سۇلالىسىدا ئۇيغۇرچە ياسىنىش،ئۇيغۇرچە زىبۇ-زىننەت تاقاش مودا بولغانلىغى مەلۇم.تاڭ دەۋردىكى بىر شائىر مۇنداق يازغان: copyright by www.iz.la
      بولدى ئۇيغۇرچە ياسانماق قىز-ئوغۇللار مەشغۇلى،
      زور ماھارەت بولدى چاقماق،سازنى ئۇيغۇرسىمان.
      ئاتقا ئۇيغۇرچە مىنىش،زىبۇ-زىننەت ،تىل ئۆەىنىش،
      بولدى بەسبەسىلىك ھەۋەس بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيان.
    ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

          بۇنىڭدىن قىياس قىلغىنكى،ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى چۈشىنىشى،ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ قەدىر-قىممىتىەە يېتىشىنى بىلىشى كېرەك.بىزنىڭ چىرايلىق گۈل چېكىلىپ ئىشلەنگەن چىممەن دوپپىللىرىمىز،كەڭ پۇشقاقلىق يارىشىملىق كۆڭلەكلىرىمىز مەدەنىيەتنىڭ قايسى يېرىگە پۇتلاشتى بالام؟
         ھازىر بەزى قىزلار بى ئىلىك كەڭلىكتىكى،بىر ئىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى يۇپكىلارنى كىيۋېلىپ،يا خاتىرجەم ماڭالمايدىكەن،يا خاتىرجەم ئولتۇرالمايدىكەن.شۇمۇ گۈزەللىكمۇ؟ھازىر جەمىيىتىمىزدىكى ئاڭ ئۇ دەرىجىگە بارغىنى يوق،ئۇنداق يېرىم يالىڭاچ كىيىملەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغىمۇ مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.قىزلارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ھەرگىز ئوچۇقچىلىقتا ئەمەس،بەلكى ئۆزىنى يۇشۇرۇش ۋە ھايادا.

    www.iz.la

         قىزىم،بەزى قىزلارغا چېچى نىمىگە پۇتلاشتىكىن تاڭ،چىرايلىق سۇمبۇل چاچلىرىنى كېسىۋېتىپ "توبا باش"،"چاڭگا باش" بولۇۋالغان.ئۇيغۇرلاردا "ئايالالر زىننىتى چاچ،ئەرلەر زىننىتى ساقال" دىگەن گەپ بار.ئۇيغۇر خەلقى 40 تال ئۆرۈلگەن مەجنۇن تالدەك گۈزەل چاچلارنى قىزلار گۈزەللىكىنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى دەپ قاراپ كەلگەن،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇر شائىرلىرى گۈزەل سۇمبۇل چاچلار ئۈچۈن باغرىنى كاۋاپ قىلىپ،بۇلبۇل گۈلگە شەيدا بولغاندەك چاچنىڭ تەرىپى ئۈچۈن گۈزەل مىسرالارنى تىزىشقانىكەن.

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

         ئاداقىڭغە تۈشەر ھەرلەمزە گىسو،
         مەسەلدۇر كىم : "چىراق تۈۋى قاراڭغۇ." www.iz.la

      ( تەمسىلدە ئېيتىلغان : "چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ" دىگەندەك ،ئۆزۈم چاچلىرىڭ تاپىنىڭغا چۈشۈپ تۇرىدۇ)

    ئىز تورى www.iz.la

      ئەي ئارەزى نەرسىن،ساچى سۇمبۇل،قەددى شەمشاد.
      بۇلبۇل كەبى ھىجرىڭدە ئىشىم نالەھۇ پەرياد.

    www.iz.la

    (ھەي يۈزى نەرسىن گۈلدەك گۈزەل،چېچى سۇمبۇل،قەددى شەمشاد يار.مىنىڭ ئىشىم بولبۇلغا ئوخشاش سىنىڭ ئىشقىڭدا نالە -پەرياد قىلىش بولدى.)
     
          قىزىم،سەن ھەرگىز ئۆزۈڭدىن نۇمۇس قىلما،ئۆزەڭنىڭ مەدەنىيىتىدىن پەخىرلەن،ئۆزەڭنى تۆۋەن چاغلىما؛ئۆزەڭدىن ياتلاشماقچى بولساڭ،ئۆزەڭنى ئۇيغۇر قىزى دەپ قارىما،ئۆزەڭنى ئۇيغۇر قىزى دەپ تۇنۇساڭ،ئۆزەڭنى گۈزەل مىللىي خاسلىقىڭنى تاشلىما.مەدەنىيلىشىش دىگەن ياتلىشىش ئەمەس قىزىم،بەلكى مىللىي مەدەنىيەتنى زامانغا يارىشا تەرەققىي قىلدۇرۇش،ئاڭ جەھەتتە يۈكسىلىشتۇر.
    5. قىزلارنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە ۋە قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك

    www.iz.la

          بۈگۈنكى دۇنيادا قىزلارغا قويۇلىدىغان نۇرغۇن ئىجتىمائى چەكلىمىلەر بۇزۇپ تاشلاندى.قىزلارمۇ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.بىراق بەزى ئاتا-ئانىلار قىزلارغا "سەن دىگەن قىز بالا،شۇنچىلىك ئوقۇساڭلا كۇپايە،ھەرقانچە تىرىشساڭمۇ چوڭ ئىشلارنى تەۋرىۋېتىشىڭ مۇمكىن ئەمەس" دەپ قىزلارنىڭ جەمئىيەت سېپىەە قاتنىشىشتەك ئوتلۇق ئىنتىلىشىەە سوغۇق سۇ سېپىدىغان ئەھۋاللار بار.بىراق بۇ دۇنيا ئوغۇل ۋە قىزلار بىلەنلا بىر پۈتۈنلۈككە ئېگە بولالايدۇ.خىزمەت نوقتىسىدىن ئوغۇللار قىلالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىزلارمۇ قىلالايدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆمۈر بۇيى ئۆي ئايالى بولۇپ،جەمئىيەتتىكى ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا بولمايدۇ،ئۇلارغىمۇ شان-زەرەپ ،قەدىر-قىممەت كېرەك.ئۇلارنىڭمۇ ئەل ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇش مەجبۇرىيىتى ۋە قابىلىيىتى بار.بۇ نوقتىدا ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانا قىزىنى رىغبەتلەندۇرۇش ،ئىلھام بېرىش ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىش ھەققى باركى،ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشلىرىنى ئۇلۇغۋار ئارزۇلىرىنى بۇغۇشقا ھەقلىق ئەمەس.بۇ جەھەتتە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدىغان ،ئۇلارغا جۈرئەت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغان نەسىھەتلەرنى قىلىش كېرەك. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

                 نەسىھەتتىن نەمۇنە
         قىزىم،سەن ھەرگىزمۇ "مەن دىگەن قىز بالا ،مەن قانچىلىك چوڭ ئىشلارنى قىلالايتىم،ئەپلەپ بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتۇپ جان باقساملا كۇپايە"دەپ ئىلگىرلەش يۇلۇڭنى قاشالاپ قويمىغىن،سەندىمۇ ئوغۇللارغا ئوخشاشلا كاللا بار،قابىلىيەت بار،ئۆزەڭگە قاتتىق تەلەپ قويساڭلا ،ئوغۇللار قىلالىغان ئىشلارنى قىلىپلا قالماي،بەلكى ئوغۇلالردىن ئېشىپ كېتەلەيسەن.سەن ئەقىل جەھەتتە ھەرگىز ئۆزەڭنى تۆۋەن چاغلىما،ئۈمۈدسىز بولما.دۇنياغا نەزەر سال،جەمىيەتكە قارا،نۇرغۇنلىغان قىزلار تىرىشىپ ئۆەىنىپ ئاسپارانىت،دوكتۇر بولىۋاتىدۇ.ھۆكىمەتنىڭ مۇھىم ئورگنىلىرىدا خىزمەت قىلىپ ئەل ئۈچۈن زور تۆھوىلەرنى قوشۇۋاتىدۇ.سىنىڭ جىسمانى جەھەتتىكى قىسمەن ئاجىزلىقىڭ ھەرگىزمۇ ئوغۇللاردىن تۆۋەن تۇردىغانلىقىڭنى ئىسپاتلىمايدۇ.ئىقتىدار دىگەن جىسمانى كۈچ ياكى جىنسىي پەرق بىلەن ئۆلچىنىدىغان زامان كەلمەسكە كەتتى،قىزىم.سىنىڭ ھازىر تەربىيلىنىش پۇرسىتىڭ بار.ۋۇجۇدۇڭدا تەڭداشسىز يۇشۇرۇن ئىقتىدار مۇجەسسەم.بۇنداق ئىقتىدارنى پەقەت ئۆي تۇتۇشقىلا سەرپ قىلۋېتىش تولىمۇ ئەقىلسىزلىق ۋە ھايات بىھۇدىچىلىكى.سەن جۇرئەتلىك،ئۈمۈدلۈك ،تىرىشچان بولۇپ،بۈيۈك تۆھپىلەر بىلەن قىزلار ئۈچۈن شان-شەرەپ قۇچۇشقا ھەقلىق.سەن ئۇلۇغۋار مەقسەت،قەتئىي ئىرادە بىلەن دۇنياغا،ئوغۇللارغا رىقابەت ئېلان قىلالىغۇدەك جاسارەتكە ئېگە بولۇشۇڭ لازىم.

    مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

    مەنبە؛  شەرقى جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى ئۇيغۇرلار تورى
    بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ھەممە (13) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • sanya
    2010-يىلى07-ئاينىڭ22-كۈنى sanya
    مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن، كۆز تەگمىسۇن، پات-پات كەپ تۇرۇڭ~
  • qolpanyultuz
    2010-يىلى07-ئاينىڭ20-كۈنى qolpanyultuz
    ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ «ئىز» تور بىكتىدىكى تور مەھەللىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن~!
  • mardan0996
    2010-يىلى07-ئاينىڭ20-كۈنى mardan0996
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • xahsanam
    2010-يىلى07-ئاينىڭ20-كۈنى xahsanam
    قانداق ئەھۋالىڭىز . يوقلىغىنىڭىزغا رەھمەت . ھەر ۋاقىت كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن . خەير ئاللاغا ئامانەت .
  • bafdr007
    2010-يىلى07-ئاينىڭ19-كۈنى bafdr007
    ياخشىمۇ سىز شوخ يىگىت، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • bafdr007
    2010-يىلى07-ئاينىڭ19-كۈنى bafdr007
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • mungzar
    2010-يىلى07-ئاينىڭ13-كۈنى mungzar
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • tanha2010
    2010-يىلى07-ئاينىڭ12-كۈنى tanha2010
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • boppi
    2010-يىلى07-ئاينىڭ12-كۈنى boppi
    مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن، كۆز تەگمىسۇن، پات-پات كەپ تۇرۇڭ~
  • boppi
    2010-يىلى07-ئاينىڭ12-كۈنى boppi
    ياخشىمۇ سىز شوخ يىگىت، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • sorayy
    2010-يىلى07-ئاينىڭ12-كۈنى sorayy
    مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن، كۆز تەگمىسۇن، پات-پات كەپ تۇرۇڭ~
  • sorayy
    2010-يىلى07-ئاينىڭ12-كۈنى sorayy
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~

» تىخىمۇ كۆپ